مېندېل

مېندېل 1822-يىلى ئەينى ۋاقىتتا ئاۋستىرىيە ئىمپېرىيىسى چېگرىسى ئىچىگە جايلاشقان خىزدىرۋ شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1843-يىلى بىرنو مۇناستىرىگە كىرگەن. 1847-يىلى پوپ بولغان. 1850-يىلى ئوتقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن .

ئۇيغۇرچە ئىسمى مېندېل
باشقا نامى Gregor Johann Mendel
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1884-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 孟德尔
تۇغۇلغان ۋاقتى 1822-يىلى
كەسپى بىئولوگىيە ئالىمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مېندېلمېندېل ئېرسىيەت ئىلمىنىڭ تۈپ قانۇنىيەتلىرىنى بايقاش بىلەن بۈگۈنكى دۇنياغا مەشھۇر. ئۇ ھاياتىدا پوپ بولغان، ئەمما ئۇنىڭ پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى پەن تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشكەن. 

مېندېل 1822-يىلى ئەينى ۋاقىتتا ئاۋستىرىيە ئىمپېرىيىسى چېگرىسى ئىچىگە جايلاشقان خىزدىرۋ شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1843-يىلى بىرنو مۇناستىرىگە كىرگەن. 1847-يىلى پوپ بولغان. 1850-يىلى ئوتقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن، چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىئولوگىيە ۋە گېئولوگىيە جەھەتلەردىكى بىلىمى يېتەرسىز ئىدى. شۇنداقتىمۇ مۇناستېرنىڭ مەسئۇلى ئۇنى ۋېنا داشۆسىگە ماتېماتىكا ۋە تەبىئىي پەن ئۆگىنىشكە ئەۋەتىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما 1854-يىلدىن 1868-يىلىغىچە، بىرنو تېخنىكا ئوتتۇرا مەكتىپىدە تەبىئىي پەندىن ۋەكالىتەن دەرس بەرگۈچى ئوقۇتقۇچى بولغان. 

شۇ مەزگىللەردە، يەنى 1856-يىلدىن باشلاپ، مېندېل ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈش تەجرىبىسى ئېلىپ بارىدۇ. 1865-يىلى مېندېل مەشھۇر ئېسىيەت قانۇنلىرىنى يەكۈنلەپ چىقىدۇ ھەمدە بىرنو تەبىئىي پەنلەر ئىلمىي جەمئىيىتىدە «ئۆسۈملۈكلەرنى چېتىشتۇرۇش تەجرىبىلىرى» ناملىق ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇيدۇ، لېكىن بۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالمايدۇ. 1866-يىلى، ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ ژۇرنىلىدا، ئۇنىڭ تەجرىبە نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنىدۇ. مەزكۇر ژۇرنال گەرچە كەڭ تارقىتىلسىمۇ، لېكىن ئەينى ۋاقىتتىكى كىتابخانىلاردا ئۇچراتقىلى بولاتتى. مېندېل يەنە بىر پارچە ئىلمىي ماقالىسىنى ئېرسىيەتشۇناس نېگىلگە ئەۋەتىدۇ. نېگىل مېندېلنىڭ ماقالىسىنى ئوقۇپ چۈشىنەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇ مېندېلنىڭ ئىلمىي ماقالىسى شۇندىن كېيىنكى 30 يىل ئىچىدە ئىلىم ساھەسىگە تونۇلمايدۇ. 

1868-يىلى، مېندېل مۇناستېرنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ مۇناستېرنىڭ ئىشلىرى بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئىلمىي تەجرىبە ئېلىپ بېرىشقا ۋاقىت چىقىرالمايدۇ. 1884-يىلى 61 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كىشىلەر ئۇنتۇپ كېتىدۇ. 

1900-يىلى، ئۈچ نەپەر ئالىم بىرلا ۋاقىتتا مېندېل بايقىغان ئېرسىيەت قانۇنلىرىنى بايقايدۇ. مېندېلنىڭ ئىلمىي بايقاشلىرى شۇ چاغدا ئاندىن ئايدىڭلىشىدۇ. ئۈچ ئالىم مېندېلنىڭ ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇپ، بىردەك ئېرسىيەت قانۇنلىرىنى بايقاش مېندېلغا مەنسۇپ دەپ ھېسابلايدۇ. 

مېندېلمېندېلنىڭ ئىككى تۈرلۈك ئېرسىيەت ئاساسىي قانۇنى مۇنۇلاردىن ئىبارەت: 

1. ئايرىلىش قانۇنى:

گېن ئالاھىدە مۇستەقىل بىرلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تارىلىدۇ. ھۈجەيرىدە جۈپ تۈزگەن تۈپ گېن بىرلىكى بولىدۇ. شالغۇت نەسىللىنىش ھۈجەيرىلىرىدىكى جۈپ گېن بىرلىكىنىڭ بىرسى ئاتىلىق تەندىن يەنە بىرسى ئانىلىق تەندىن، كەلگەن بولۇپ، گامىتا ھاسىل قىلغان مەزگىلدە بۇ گېن بىرلىكلىرى بىر-بىرىدىن ئايرىلىدۇ، ھازىرقى زامان ئاتالغۇلىرى بويىچە ئېيتقاندا: گېن جۈپىدىكى ئىككى گېن(تەڭ ئورۇنلۇق گېنلار) ئايرىم-ئايرىم ھالدا جۈپ تۈزگەن ئىككى تال ئوخشاش مەنبەلىك خورماسۇما ئۈستىگە جايلاشقان بولۇپ، ئەجداد بۇ گېنلار ئۆز ئارا ئايرىلىدۇ. جىنسىي ھۈجەيرىلەرنىڭ يېرىمىدا مەلۇم خىل شەكىلدىكى گېنلار، ئىككىنچى يېرىمىدا يەنە بىر خىل شەكىلدىكى گېنلار بولىدۇ. بۇ خىل نەسىللىنىش ھۈجەيرىلىرىدىن پەيدا بولغان ئەۋلادلاردا بۇ خىل نىسبەت ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. 

2. مۇستەقىل تەقسىملىنىش قانۇنى: 

بىر جۈپ خروموسوم ئۈستىدىكى گېن جۈپلىرىدىكى تەڭ ئورۇنلۇق گېنلار مۇستەقىل ھالدا نەسىل قالدۇرالايدۇ، باشقا خروموسوم جۈپلىرىنىڭ گېن جۈپلىرىدىكى تەڭ ئورۇنلۇق گېنلار بىلەن مۇناسىۋىتى بولمايدۇ. شۇنداقلا ئوخشاش بولمىغان گېن جۈپلىرى گۇرۇپپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىنسىي ھۈجەيرە ئىككىنچى بىر ئەجدادنىڭ جىنسىي ھۈجەيرىسى بىلەن ئىختىيارى قوشۇلالايدۇ. 

مېندېل ئادەم بەدىنىدىكى ئىسپرما ھۈجەيرىسى ياكى تۇخۇم ھۈجەيرىسىگە توغرا كېلىدىغان ھەر قانداق بىر نەسىللىنىش ھۈجەيرىسى پەقەت بىر تاسادىپىي ئەۋلادمۇ ئەۋلاد نەسىلگە قالىدىغان گېننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلەتتى. 

مېندېل قانۇنى(ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزسە) يېڭى ئېرسىيەت ئىلمىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#