مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى

مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى − دۆلەت ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزىدىغان ئالىي ئورگان.

ئۇيغۇرچە نامى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى
باشقىچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国中央人民政府
ھۆكۈمەت تورى http://www.gov.cn/

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى − دۆلەت ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزىدىغان ئالىي ئورگان. 1949-يىل10-ئاينىڭ1-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى، ئۇنىڭغا ماۋ زېدۇڭ رەئىس، جۇ دې، ليۇ شاۋچى، سۇڭ چىڭلىڭ، لى جىشېن، جاڭ لەن، گاۋ گاڭلار مۇئاۋىن رەئىس بولدى. مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى تاشقى جەھەتتە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئىچكى جەھەتتە دۆلەت ھاكىمىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

ئۇنىڭ قارىمىقىدا جېڭۋۇيۈەن (دۆلەت مەمۇرىي كېڭىشى) ، خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىق ئاپپاراتلار تەسىس قىلىنغان. جېڭۋۇيۈەن دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي ئىجرائىيە ئورگىنى؛ خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتى دۆلەتنىڭ ھەربىي ئىشلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانلىق ئورگىنى؛ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دۆلەتنىڭ ئالىي سوت ئورگىنى ۋە تەپتىش ئورگىنىدۇر.

1. دۆلەتنىڭ قانۇنلىرىنى چىقىرىش ھەمدە ئىزاھلاش، پەرمان چۈشۈرۈش ھەمدە ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىش. 2. دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش فاڭجېنىنى بەلگىلەش. 3. جېڭۋۇيۈەننىڭ دۆلەتنىڭ قانۇن-پەرمانلىرىغا زىت كېلىدىغان قارار ۋە پەرمانلىرىنى بىكار قىلىش ياكى تۈزىتىش. 4. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەللەر بىلەن تۈزۈشكەن شەرتنامە ۋە كېلىشىملىرىنى تەستىقلاش ياكى بىكار قىلىش ۋە ياكى تۈزىتىش. 5. ئۇرۇش ۋە تىنچلىق مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش. 6. دۆلەتنىڭ خام چوت ۋە نەق چوتلىرىنى تەستىقلاش ياكى تۈزىتىش. 7. دۆلەتنىڭ ئومۇمىي كەچۈرۈم ۋە پەۋقۇلئاددە كەچۈرۈم بۇيرۇقىنى ئېلان قىلىش. 8. دۆلەتنىڭ ئوردېن، مېداللىرىنى تۈزۈش ۋە ئېلان قىلىش. 9. ئالاقىدار ھۆكۈمەت خادىملىرىنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش. 10. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئۇنى ئېچىش. 1954-يىلى ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىگە ئۆزگەرتىلدى.

مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى كومىتېتى 

ئۇنىڭ خىزمەت ھوقۇقى : تۈزۈش ۋە قانۇننى ئىزاھلاش، پەرمان ئېلان قىلىپ ھەمدە ئىجرا قىلىشىنى نازارەت قىلىش؛ دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش فاڭجېنىنى بەلگىلەش؛ جېڭۋۇيۈەننىڭ دۆلەتنىڭ قانۇن - پەرمانلىرىغا زىت كېلىدىغان قارار ۋە بۇيرۇقلارنى تەستىقلاش ياكى بىكار قىلىش ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەللەر بىلەن تۈزۈشكەن شەرتنامە ۋە كېلىشىم تۈزۈش؛ ئۇرۇش ۋە تىنچلىق مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش؛ دۆلەتنىڭ خامچوت ۋە نەقچوت تەستىقلاش ياكى تۈزىتىش؛ دۆلەتنىڭ ئومۇمىي كەچۈرۈم ۋە پەۋقۇلئاددە كەچۈرۈم بۇيرۇقىنى ئېلان قىلىش؛ تۈزۈپ ھەمدە دۆلەتنىڭ ئوردېن ۋە مېدال تۈزۈپ ھەمدە دۆلەتنىڭ شەرەپلىك نامغا ئېرىشتۈرش؛ ھۆكۈمەت خادىملىرى قانۇن بويىچە ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى، خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى ۋە خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەزاسى بولۇش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئۇنى ئېچىش. مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى كومىتېتى خىزمىتى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى. 

( 1 ) ئاساسيى قانۇنغا ۋە قانۇنلارغا ئاساسەن، مەمۇرىي تەدبىرلەرنى بەلگىلەش، مەمۇرىي نىزاملارنى تۈزۈپ چىقىش، قارار ۋە بۇيرۇقلارنى چىقىرىدۇ؛

( 2 ) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا تەكلىپ بېرىدۇ؛

( 3 ) مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلارنىڭ ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى بەلگىلەش، مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلارنىڭ خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، ھەمدە مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلارغا تەۋە بولمىغان مەملىكەت خاراكتېرلىك مەمۇرىي خىزمەتكە رەھبەرلىك قىلىش؛

( 4 ) پۈتۈن مەملىكەتتىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ، مەركەزدىكى دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ كونكرېت خىزمەت ھوقۇقىنى بەلگىلەش؛

( 5 ) خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى، دۆلەت خامچوتىنى تۈزىدۇ ۋە ئىجرا قىلىدۇ؛ 

( 6 ) ئىقتىسادىي خىزمەتكە ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە بۇ ئىشلارنى باشقۇرىدۇ؛ 

(7 ) مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە بۇ ئىشلارنى باشقۇرىدۇ؛

( 8 ) خەلق ئىشلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئەدلىيە مەمۇرىي خىزمىتى ۋە مەمۇرىي تەپتىش خىزمەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىش ھەم بۇ خىزمەتلەرنى باشقۇرۇش؛ 

( 9 ) تاشقى ئىشلارنى باشقۇرش، چەت ئەللەر بىلەن شەرتنامە ۋە كېلىشىم تۈزىدۇ؛

( 10 ) دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش؛     

( 11 ) مىللىي ئىشلارغا رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى باشقۇرىدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىنى ۋە مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش؛

( 12 ) جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ ھەققانىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداش، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ۋە مۇھاجىرلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش؛

( 13 ) مىنىستىرلىكلەر، كومىتېتلار چىقارغان نامۇۋاپىق بۇيرۇق، يوليورۇق ۋە نىزاملارنى ئۆزگەرتىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ؛

( 14 ) يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ نامۇۋاپىق قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى ئۆزگەرتىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ؛ 

( 15 ) ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ چېگرىسىنى تەستىقلاش، ئاپتونوم ئوبلاست، ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى ۋە چېگراسىنى تەستىقلايدۇ؛ 

( 16 ) قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر تەۋەسىدىكى قىسمەن رايونلاردا جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلاش. 

( 17 ) مەمۇرىي ئاپپاراتلارنىڭ شتاتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە مەمۇرىي خادىملارنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش، تەربىيىلەش، سىناش، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش؛ 

( 18 ) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى باشقا ۋەزىپىلەرنى ئۆتەشكە ھوقۇقلۇق.  

 جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنى

 زۇڭلى، مۇئاۋىن زۇڭلىلار، دۆلەت كومىسسارلىرى، مىنستىرلار، كومىتېت مۇدىرلىرى، باش مۇپەتتىش، باش كاتىپ قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ.

مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى كومىتېتى 

1949-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى سايلاپ چىقىلىپ، ماۋ زېدۇڭ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى، جۇ دې، ليۇ شاۋچى، سۇڭ چىڭلىڭ، لى جىشېن، جاڭ لەن، گاۋ گاڭ قاتارلىقلار مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلاندى.

1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى كومىتېتى جۇ ئېنلەي مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى مەمۇرىي ئىشلار كېڭىشىنىڭ زۇڭلىسى، شۇ يىلى 10- ئاينىڭ 19 - كۈنى، دۇڭ بىۋۇ، چېن جۈن، گومورو، خۇاڭ يەنپېي مۇئاۋىن زۇڭلىلىققا تەيىنلىدى.

1952 -يىلى 8-ئايدا، يولداش دېڭ شياۋپىڭ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بولغان.  [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#