سازاڭسىمان مەددە كېسەللىكى
بۇ كېسەللىك، تازىلىققا رىئايە قىلماسلىق نەتىجىسىدە سازاڭسىمان مەددە تۇخۇمىنىڭ ئۈچەيگە ئورۇنلىشىپ تىرىلىشى ۋە كۆپىيىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان بالىلاردا ئىشتىھا تۇتۇلۇش، چىشلىرىنى كاراسلىتىپ ئۇخلاش، ئۇخلىغاندا ئېغىزدىن شال ئېقىش، بەزىدە قورساق ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، تازىلىققا رىئايە قىلماسلىق نەتىجىسىدە سازاڭسىمان مەددە تۇخۇمىنىڭ ئۈچەيگە ئورۇنلىشىپ تىرىلىشى ۋە كۆپىيىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: بالىلاردا ئىشتىھا تۇتۇلۇش، چىشلىرىنى كاراسلىتىپ ئۇخلاش، ئۇخلىغاندا ئېغىزدىن شال ئېقىش، بەزىدە قورساق ئاغرىش ۋە ئۈچەي توسۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1-رېتسېپ
تەركىبى: قەمبىل، بەرەڭگى كابېلى، سەرخەس، دەرمىنى تۈركى، ھەببۇلنىل، تۇربۇت، قىزىل لوۋى، شاپتۇل يوپۇرمىقى ئۇسارىسى 10 گىرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 10 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2-رېتسېپ
تەركىبى: تۇربۇت، مۇقەل ھەربىرى ئالتە گىرامدىن، سەرخەس، بەرەڭگى كابېلى ھەربىرى ئۈچ گىرامدىن، ھەسەلدىن 60 گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرام 200 مىللىلىتىر كالا سۈتى بىلەن ئىچىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
سازاڭسىمان مەددە كېسەللىكى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.