كىرەش

كىرەش كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، كىرەشكە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يىلتىزى قاننى جانلاندۇرۇش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش، ئۈچەينى نەملەشتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى كىرەش
پارسچە نامى Angelica sinensis (Oliv.) Diels
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 当归
چىقىش ئورنى غۇلجا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كىرەشكىرەش كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، كىرەشكە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 5.0 - 1 مېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزى سېمىز گۆشلۈك، تۆۋەن قىسمى شاخلىنىدۇ. قوۋزىقى خورما رەڭلىك، غولى تىك، رەڭگى سۆسۈن كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئىككى - ئۈچ قايتىلانغان تاق سانلىق پەيسىمان يېرىلغان، كىچىك ياپراقلىرىنىڭ گىرۋەكلىرى كەمتۈك بولىدۇ، يوپۇرماق سېپىنىڭ تۈۋى كېڭىيىپ، غىلاپ شەكلىدە غولىنى ئوراپ تۇرىدۇ؛ مۇرەككەپ كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، رەڭگى ئاق، جۈپ ئاسماق مېۋىسى سوقىچاقراق، بەش تال قىرى بولۇپ، يان قىرلىرى تەرەققىي قىلپ كەڭ قاناتقا ئايلانغان بولىدۇ.

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنى كەچكۈزدە قېزىۋېلىپ، تازىلاپ، شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان سايە جايدا قويۇپ چالا قۇرۇتۇپ، ئاندىن سۇس ئوتقا قوۋزىقى خوما رەڭگە كىرگىچە قاقلاپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا قۇرۇق پېتى ياكى نەملەپ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ غۇلجا قاتارلىق جايلىرىدىكى ھۆل - يېغىنى كۆپ، تۇپرىقى مۇنبەت تاغلىق ۋە ئېگىزلىكلەردە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

قاننى جانلاندۇرۇش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش، ئۈچەينى نەملەشتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەھۋالغا قاراپ 8 ~ 15 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

12 گرام كىرەشنى سەككىز گرام ئاق چۇغلۇق، 12 گرام پىششىق ئەگرىسۇنا بىلەن قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ. 12 گرام كىرەشكە سەككىز گرام ئاق چۇغلۇق، 12 گرام پىششىق ئەگرىسۇنا، 10 گرام تاغ دېنى قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

12 گرام كىرەشنى سەككىز گرام ئاق چۇغلۇق، 12 گرام پىششىق ئەگرىسۇنا، 15 گرام ياڭاق مېغىزى، سەككىز گرام زاراڭزا چېچىكى بىلەن قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز توختاپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. كىرەش ۋە تاغ دېنىنىڭ ھەربىرىدىن 35 گرامدىن ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، ھەر قېتىمدا 12 گرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. 35 گرام كىرەشنى تەڭ مىقداردىكى تاغ دېنى، 20 گرام خام زەنجىۋىل بىلەن قوشۇپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

100 گرام كىرەشنى 90 گرام كەتىرا، 200 گرام ئاق چۇغلۇق، 65 گرام توشقانزەدىكى، 35 گرام بۇغا مۈڭگۈز قالدۇقى، 65 گرام ئىشلەنگەن چۈچۈكبۇيا بىلەن قوشۇپ، يۇمشاق سوقۇپ تالقان قىلىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 12 گرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، قان كۆپەيتىپ، قان ئازلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

كىرەش ۋە خام زەنجىۋىلنى قوي گۆشى بىلەن شورپا قىلىپ، شورپىسىنى ئىچىپ، گۆشىنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، تۇغۇتتىن كېيىنكى قان ئازلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. كىرەش، پىيزەك، شاپتۇل مېغىزى، زاراڭزا چېچىكى، ئاق قىچا قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۇرۇلۇش-سوقۇلۇشتىن بولغان جاراھەتلەر، كۆكرەك تېمىنىڭ زەخىملىنىشى، سانجىق تۇرۇپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

كىرەشنى كۈنجۈت يېغى بىلەن قورۇپ، ھەر قېتىمدا 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تۇغۇتتىن كېيىنكى چوڭ تەرەت قېتىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. كىرەشنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بەل ئاغرىش ۋە غەلۋىرەككە مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#