شىنجاڭ مائارىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى

1978-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان. 1980-يىلى 6-ئايدا رەسمىي قۇرۇلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدىكى مەمۇرىي فۇنكىسىيىگە ئىگە كەسپىي ئورۇن.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ مائارىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1980-يىلى 8-ئاي
خەنزۇچە نامى 新疆教育电视台
تەبىيىتى ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون ) دەرىجىلىك مائارىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ مائارىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 1978-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان. 1980-يىلى 6-ئايدا رەسمىي قۇرۇلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدىكى مەمۇرىي فۇنكىسىيىگە ئىگە كەسپىي ئورۇن. شىنجاڭ مائارىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن شىنجاڭ ئېلېكترلەشكەن مائارىپ سارىيى بىرلا ۋاقىتتا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بىر رەھبەرلىك بەنزىسى، ئىككى خىل ۋىۋىسكىنى شەكىللەندۈرگەن. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىۋاستە رەھبەرلىك قىلىدۇ. رادىئو-تېلېۋىزىيە نازارىتىنىڭ كەسپىي باشقۇرۇشىنى ۋە كەسپىي يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ. 1950-يىلى 8-ئايدا سىناق تەرىقىدە نومۇر تارقاتقان، شۇ يىلى 10-ئايدا رەسمىي نومۇر تارقاتقان. ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «مائارى قانىلى» دەپ ئاتالغان ۋە ئۈرۈمچى رايونىدىلا نومۇر تارقاتقان. 1984-يىلى 6-ئايدا دۆلەتلىك مائارىپ كومىتېتى ۋە رادىئو-تېلېۋىزىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى دېگەن نامنى رەسمىي ئىشلىتىشكە باشلىغان. تارقىتىش ئىقتىدارى 3000 ۋات بولۇپ، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن تورلاشقان، قاپلاش دائىرىسى ئىككى مىليون نوپۇسقا يېقىنلاشقان بولۇپ، ئۈرۈمچى رايونىدىكى ئۈچ چوڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

 ئېلېكترلەشكەن مائارىپ سارىيىدا مائارىپ تەتقىقاتى، تېلېۋىزىيە ۋە سۈرەتكە ئېلىش قاتارلىق ئۈچ كەسپىي بۆلۈم ۋە ئىشخانا تەسىس قىلىنغان. مائارىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى باش تەھرىر ئىشخانىسى، ئاخبارات بۆلۈمى، ياش-ئۆسمۈرلەر بۆلۈمى، تېخنىكا بۆلۈمى، ئېلان بۆلۈمى قاتارلىق بەش بۆلۈم تەسىس قىلغا بولۇپ، سەھىپىلەشكە باشقۇرۇشنى يولغا قويغان. «تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى دەرسلىكى» ، « تېلېۋىزىيە دەرسخانىسى »،« مائارىپ خەۋەرلىرى »، « شاۋقۇنلۇق دۇنيا »، « مەكتەپ تۇرمۇشى»، «كىنو فىلىملىرىدىن ھوزۇرلىنىش» قاتارلىق 14 سەھىپە تەسىس قىلىنغان. ھازىر تېخنىكىغا ئىشلىتىلىدىغان ئۆي 584 كۋادرات مېتىر. چوڭ-كىچىك تارقىتىش ئۆيى بەش ئېغىز، تەھرىرلەش ماشىنا ئۆيى ئالتە ئېغىز، ئاڭلىتىشنى تىزگىنلەش ۋە قويۇپ بېرىش ماشىنىسى ئۆيلەردىن ھەربىرسىدىن بىر ئېغىزدىن بار. نومۇر تارقىتىشتا كومپيۇتېر كونتروللۇقىدا، ئاپتوماتىك تارقىتىش، مىكرو دولقۇن ۋە نوركابىلدا يەتكۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. 1993-يىلى ئاپپاراتلارنى تەڭشەپ پەقەت ئىشخانىلا قالدۇرۇپ قويۇلۇپ، ئامارىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، مائارىپ ئۈن-سىن نەشرىياتى( 1999-يىلى مائارىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا قوشۇۋېتىلگەن) ، ئېلېكترلەشكەن ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش بۆلۈمى، ھازىرقى زامان يىراق ئارىلىقتىن تەربىيىلەش مەركىزى قاتارلىق تۆت تارماق قۇرۇلغان، ھەرقايسى بۆلۈمدە كەسىپ دائىرىسىگە ئاساسەن بىر قانچە تارماق ئىشخانا تەسىس قىلىنغان، ئىستانسا باشلىقى، مۇئاۋىن ئىستانسا باشلىقىدىن سىرت، يەن باش تەھرىر، باش تېخنىك سەپلەنگەن بولۇپ، ئۇلار پۈتۈن ئىستانسىنىڭ كەسپىي تېخنىكا خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. بۇ ئورۇننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ھەردەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مەكتەپلەردە ئاڭلاش، كۆرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى ئاساسىي يېتەكچى قىلغان ئېلېكترلەشكەن مائارىپنى تەشۋىقى قىلىش ۋە ئۇنى كېڭەيتىش، مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مائارىپ ئىدىيىسى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئوقۇتۇش ۋاسىتىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. نۆۋەتتە رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە ئېلېكترلەشكەن مائارىپ خىزمىتى پونكىتى قۇرۇلغان بولۇپ، ھەرقايسى ناھىيە مائارىپ ئىدارىلىرى ئىچىدە ئېلېكترلەشكەن مائارىپ مەخسۇس گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان.

 ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېلېكترلەشكەن مائارىپنى قانات يايدۇرۇشنىڭ قىسقا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى. ئېلېكترلەشكەن مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسلىرى ئېچىلدى. نۇرغۇنلىغان ئېلېكترلەشكەن مائارىپ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى تەھرىرلەپ تۈزۈپ چىقىلدى. شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ۋە شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىدا ئېلېكترلەشكەن مائارىپ كەسپىي، ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتەپلەردە ئېلېكترلەشكەن مائارىپ دەرسى تەسىس قىلىنىپ، » ئېلېكترلەشكەن مائارىپ ئارقىلىق ئوقۇتۇشنى ئەلالاشتۇرۇش «ئىلمىي تەجرىبە پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى ھەم تېلېۋىزىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق بىۋاستە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلدى. ئېلېكترلەشكەن مائارىپ ئاپتونم رايونىمىزىدكى ھەردەرىجىلىك ھەرخىل مەكتەپلەردە ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. تەسۋىر، پىرويىكسىيە ئاپپاراتى، ئۈنئالغۇر ئوقۇتۇشى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتى. يېزا-بازارلار ۋە شارائىت بار كەنتلەرنىڭ مەكتەپتە تىل تەجرىبىخانىسى ۋە كومپيۇتېرخانا قۇرۇلدى. بەزى مەكتەپلەردە يەنە مەكتەپ ئىچى سىملىق تېلېۋىزىيىسى ئورنىتىلدى. دائىملىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ۋاسىتىسى رەسمىي كۆپ ۋاسىتىلىك ئۇنىۋېرسال قوللىنىشقا قاراپ يۈزلىنىپ، كومپيۇتېر تورى ئارقىلىق ئوقۇتۇشمۇ بەزى شارائىتى بار مەكتەپلەردە قانات يايدۇرۇلدى.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#