يېمەك-ئىچمەك
يېمەك - ئىچمەك بولسا بىر خىل مەدەنىيەت، جۇڭخۇا يېمەك -ئىچمەكلىرى بولسا دۇنياغا داڭلىق. جۇڭگو تامىقى بەك تەملىك، شۇنداقلا چەت ئەللىكلەرمۇ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. جۇڭگو يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئادەم بەدىنى ئاقسىل، ماي، شېكەر، ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلار، سۇ ۋە يەتتە تۈرلۈك تالالىق يېمەكلىكلەرگە ئېھتىياجلىق. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تۇرمۇشتا ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق ۋىتامىنلار بىلەن تەمىن ئېتەلەيدىغان بىر خىل تەبىئىي يېمەكلىك يوق، شۇڭا بىزنىڭ كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىمىز كۆپ خىللىشىشى كېرەك.ساغلام ياشاپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۈچۈن، بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر قورساق تويدۇرۇش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماي، يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىگە ۋە يېمەكلىك بىلەن ئىنسانلار ساغلاملىقىنىڭ مۇناسىۋىتىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىش.
ئوزۇقلۇق ئىستېمال قىلىشتا بەدەننىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسلىنىش، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش لازىم، قورساقنى بەك تويدۇرۇۋېتىش ياكى بەك ئاچۇرۇۋېتىش ساغلاملىققا زىيانلىق. ماي مۇھىم ئوزۇقلۇق تەركىب بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ كالورىيە مەنبەلىرىنىڭ بىرى. لېكىن ماي ھەددىدىن زىيادە كۆپ يېيىلسە ئادەمنى سەمرىتىۋېتىدۇ، بۇ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى پەيدا بولۇشنىڭ ئاساسلىق ئامىلى. ئادەم تۇزنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلسا، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ، شېكەرنى زىيادە ئىستېمال قىلسا، ئاسانلا سەمىرىپ كېتىدۇ ۋە چىشىدىن كېتىدۇ، بۇلارنى ئازراق ئىستېمال قىلىش لازىم. كۈچلۈك ھاراق ئىسسىقلىق ھاسىل قىلغاندىن باشقا ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئوزۇقلۇق يوق، جىگەر ۋە تالغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ئۇنى ئاز ئىچىش كېرەك.
زامانىۋى پەن تەتقىقاتى كىشىلەر ئىلگىرى ھېچقانداق ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق دەپ قارىغان يېمەكلىك تالالىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئادەم بەدىنىگە خېلى ياردىمى تېگىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈچىينىڭ ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەۋزىيەت ۋە ئۈچەي راكى پەيدا بولۇشتىن ساقلاش رولى بارلىقىنى بايقىدى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.