كۆلدەلەڭ
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كۆلدەلەڭ ___ جوڭگۇدىكى 10 چوڭ مەشھۇر ئورمانلىقنىڭ بىرى . توققۇزتارا ناھىيەسىدىن چىقىپ ، تاغ ئىچىگە ئېقىن بويلاپ نەچچە ئون كىلومېتىر ماڭغاندا جەننەتتەك گۈزەل ماكان كۆلدەلەڭگە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ . جوڭگۇدىكى 10 چوڭ مەشھۇر ئورمانلىقنىڭ بىرى ھىساپلىنىدىغان كۆلدەلەڭ ئورمانلىقى شىنجاڭدىكى بىردىنبىر تەڭرىتاغ شەمشادى قوغداش رايۇنىدۇر. بۇ قوغداش رايۇنىنىڭ كۆلىمى 280 كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ. قوغداش رايۇنىدا بايقالغان ئالىي دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكتىن 752 خىلى بولۇپ، بۇلاردىن دۆلەتنىڭ نۇختىلىق قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر تىزىملىگىگە كىرگۈزۈلگەن ياۋا ئالما ، ياۋا ئۈرۈك،ھىڭ،ئەڭلىك ئوت، كەتىرا، مودەنگۈل قاتارلىق ئون نەچچە تۈر بار؛ بۇ يەردە يەنە قۇرۇقلۇقتىكى ئۇمۇرتقىلىق ھايۋاندىن 146 خىل بولۇپ ،يىلپىز قاتارلىق 5تۈر دۆلەتنىڭ 1- دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلار تۈرىگە ، قارا تايغان ، بۇغا، قوڭۇر ئېيىق قاتارلىق 19 تۈر دۆلەتنىڭ 2- دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلار تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن .
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.