ئوسۇڭ

ئوسۇڭ بولسا ئۆسۈملۈكنىڭ غولى ۋە يوپۇرمىغى بۇلۇپ، سىپازما قايتۇرۇش، چوڭ – كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار. 

ئۇيغۇرچە نامى ئوسۇڭ
ئەرەبچە نامى خەس
ئىنگلىزچە Thickstem Garden Lettuce
تونۇش ئۆسۈملۈكنىڭ غولى ۋە يوپۇرمىغى
ۋاقتى ياز، كۈز
خەنزۇچە ئاتىلىشى 莴苣
پارسچە نامى كاھو
ئوردۇچە نامى كاھو
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە يېرىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوسۇڭئوسۇڭ بولسا مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكنىڭ غولى ۋە يوپۇرمىغى بۇلۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە يېرىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

ئاساسلىق خىلىتسىز ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشەش، غەيرى تەبىئىي قان ۋە سەپرا خىلتىنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، قان تازىلاش ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، سىپازما قايتۇرۇش، چوڭ – كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.

خاسن تەسىرى

خىلىتسىز ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشىگۈچى دورىلار،

ئەكىس تەسىرى

باھقا زىيان قىلىدۇ. ئۇنۇتقاقلىق پەيدا قىلىدۇ.

قۇشۇمچە تەسىرى 

ئوسۇڭنى ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلسا كۆزنى قاراڭغۇلاشتۇرىدۇ. سىل كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا زىيانلىق.

غولى ۋە يوپۇرمىقىنىڭ تەركىبىدە ئاتىدەم لوكتا نىكوم بار. ئوسۇڭ ئىلمىنتى، لاكىتوكارىن، ئالىي كىسلاتاسى، كەھىرىۋا كىسلاتاسى، ياغ جەۋھىرى، ۋىتامىن A,B,C,E ۋە كۇل ماددىلىرى بار.

ئوسۇڭئۇسۇڭنىڭ سۈيىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سىركە بىلەن قوشۇپ ئىچسە ئاشقازاننىڭ قىززىقلىقىنى، ئاغرىقىنى يوقىتىدۇ.

دورىلىق ئورنى

ئۆسۈملۈكنىڭ غولى ۋە يوپۇرمىغى.

مىقدارى 

يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىدىن30–15 مىللىلىتىرغىچە.

ساقلاش

قۇرۇتۇپ ئىشلەتسىمۇ، ھۆل پىتى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.

ئورۇنباسارى

سېمىز ئوتنىڭ سۈيى

تۈزەتكۈچىسى

كەرەپشە، يالپۇز

ئوسۇڭ چىلانما سېيى، ئوسۇڭ مۇرابباسى.

ساراڭلىق، ئۆتكۈر زىققا، ئۇيقۇسىزلىق، كالتە يۆتەل، جىگەر ياللۇغى، مالىخوليا،ئىسسىقتىن بولغان قىزىتما، ئاشقازان ئاغرىقى، يۇقىرى قان بېسىمى، ئىشتىھاسىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى (ئەسەر )

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم (سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى . [0]

ساراڭلىق، ئۆتكۈر زىققا، ئۇيقۇسىزلىق، كالتە يۆتەل، جىگەر ياللۇغى، مالىخوليا،ئىسسىقتىن بولغان قىزىتما، ئاشقازان ئاغرىقى، يۇقىرى قان بېسىمى، ئىشتىھاسىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇئوسۇڭ چىلانما سېيى، ئوسۇڭ مۇرابباسىئوسۇڭ چىلانما سېيى، ئوسۇڭ مۇرابباسىسېمىز ئوتنىڭ سۈيىيوپۇرمىقىنىڭ سۈيىدىن30–15 مىللىلىتىرغىچەئۆسۈملۈكنىڭ غولى ۋە يوپۇرمىغىئۆسۈملۈكنىڭ غولى ۋە يوپۇرمىغى
ئوسۇڭنى ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلسا كۆزنى قاراڭغۇلاشتۇرىدۇ. سىل كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا زىيانلىق

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=28

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#