دېۋىت داۋىد ئىزېنھوۋىر

دېۋىت داۋىد ئىزېنھوۋىر

دېۋىت داۋىد ئىزېنھوۋىر (Dwight David Eisenhower) بولسا ئامېرىكىنىڭ 34-نۆۋەتلىك زوڭتۇڭى بۇلۇپ، 1953-يىلىدىن 1961-يىلىغىچە زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1890-يىلى ئىزېنھوۋىر ئامېرىكىنڭ تېكساس شىتاتى دېنسوندا ۋەيران بولغان خىرىستىئان دىنى مۇخلىس ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى دېۋىت داۋىد ئىزېنھوۋىر
خەنزۇچە ئىسمى 德怀特•戴维•艾森豪威尔
باشقا نامى Dwight David Eisenhower
ئۇنۋانى قۇرۇقلۇق ئارمىيەنىڭ بەش يۇلتۇزلۇق گېنرالى
يۇرتى ئامېرىكا تېكساس شىتاتى دېنسون
تۇغۇلغان ۋاقتى 1890-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1969-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
مىللىتى گېرمان
كەسپى سىياسىيون، ھەربى ئالىم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دېۋىت داۋىد ئىزېنھوۋىر (Dwight DavidEisenhower)  بولسائامېرىكىنىڭ 34-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بۇلۇپ، 1953-يىلىدىن 1961-يىلىغىچە زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1890-يىلى ئىزېنھوۋىر ئامېرىكىنڭ تېكساس شىتاتى دېنسوندا ۋەيران بولغان خىرىستىئان دىنى مۇخلىس ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ قىيىنچىلىق تۇرمۇشتا ئىرادىسىنى چېنىقتۇرغان. 1915-يىلى جەنۇبى نۇقتا ھەربى مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەنۋاقىتتا سىنىپ بويىچە 61-ئورۇندا تۇرۇپ، پەقەت بىرىنچى سېرژانتلىق ھەربى ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن. كىيىن تېكساس شىتاتى سانت ئانتونىدا 19-پىيادەئەسكەرلەر شىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن، شاۋۋېي ھەربى ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئۇ ئىتتپاقداش ئارمىيەنىڭ ياۋرۇپادىكى ئەڭ يۇقىرى قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1944-يىلدىن 1945-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا فرانسىيە ۋە ناتسىست گېرمانىيە نىڭ ھەركىتىگە قارىتا پىلانلاش، نازارەتچىلىك قىلىپ ھۇجۇم قىلىشقا مەسئۇل بولغان. دۇنياغا مەشھۇر «نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىقىش جېڭى» ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ باش قوماندانى. 1948-يىلى 2-ئايدا ھەربى خىزمەتتىن چىكىنگەن، 1953-يىلغىچە كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىقىنى قىلغان (ئەمما 1950-يىلىدىن باشلاپ مەكتەپ مۇدىرلىق ئورنى بوش قېلىپ  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان).

ياۋروپا قىتئەسىنىڭ ئەڭ ئالىي باش قوماندانى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قوماندانى. 

1952-يىلى جۇمھۇريەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتوڭلۇق نامزاتى بۇلۇپ زۇڭتوڭ سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىپ غەلبە قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ 34-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولغان، 1956-يىلى يەنە بىر قېتىم زۇڭتوڭ سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىپ غەلبە قىلغان، داۋاملىق زۇڭتوڭ بولغان. 1969-يىلى 3-ئاينىڭ 28-يىلى ۋاشىنگتوندا يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.

ئامېرىكىنىڭ ئىككى نۆۋەتلىك زۇڭتوڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، ئىككى قېتىم شەرەپلىك ھالدا دەۋىر ژورنىلىدا يىللىق ئاتاقلىق ئەرباپ قىلىپ يېزىلغان، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەشھۇر ھەربى ۋەزىپە ئۆتەش ئوردىنىغا ئىرىشكەن (بەش دانە)، فرانسىيە شەرەپلىك گۇرۇپپىۋوي مېدالىغا ئېرىشكەن. ئۆستۈرۈلىشى ئەڭ تېز بولغان بەش يۇلتۇزلۇق گېنرال دىگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن.

ياۋروپا قىتئەسىگە يىراقتىن يۈرۈش قىلىش، بۇيرۇق ئېلىش ئۆزگىرىشى، تىنىچلىقنى بەرپا قىلىش، غەمسىز سۆز.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#