بابرا شەرىف

بابرا شەرىف

بابرا شەرىف 1954-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى پاكىستان نىڭ لاھور دا ئوتتۇراھال ئائىلىدە تۇغۇلغان بولۇپ، پاكىستاننىڭ كىنوچىلىق مۇنبىرىدە مىسىلسىز تەسىر قوزغىغان مەشھۇر كىنو چولپىنى، پاكىستان «لوللىۋود» كىنوچىلىق مەركىزىنىڭ مەشھۇر ئارتىسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى بابرا شەرىف
باشقا نامى Babra Shareef
يۇرتى لاھور
كەسپى ئارتىس
مۇكاپات-نەتىجىلىرى «نىگار» يىللىق ئالاھىدە مۇكاپاتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 巴布拉·谢丽芙
دۆلەت تەۋەلىكى پاكىستان
تۇغۇلغان ۋاقتى 1954-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى
ۋەكىللىك ئەسىرى «ئارزۇ»، «تاش يۈرەك»، «شەبنا»،«كولومبو خانقىزى»

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بابرا شەرىفبابرا شەرىف 1954-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى پاكىستان نىڭ لاھور دا ئوتتۇراھال ئائىلىدە تۇغۇلغان بولۇپ، پاكىستاننىڭ مەشھۇر كىنو ئارتىسى. ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتى تېلېۋىزىيە ئېلانىغا چىقىش بىلەن باشلانغان. ئۇ رولغا چىققان تېلېۋىزىيە ئېلانلىرى ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى كىنوچىلىق ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. بابرا شەرىف 12 يېشىدا سەنئەتكە قىزىقىشقا باشلىغان، 1973-يىلى بىر تېلېۋىزىيە ئېلانىدا رولغا چىقىپ، بىراقلا ھەممەيلەنگە تونۇلغان. شۇ يىلى ئۇ يەنە رېژىسسور مۇھسىن شىرازىنىڭ بىر قىسىم تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رولغا چىققان.

بابرا شەرىفبابرا شەرىف 1974-يىلى، يەنى 20 يېشىدا داڭلىق رېژىسسور سۇلايماننىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن، «ئارزۇ» ناملىق فىلىمدە رولغا چىقىش بىلەن كىنو مۇنبىرىگە رەسمىي قەدەم باسقان.

ئۇ 1975-يىلى بارلىق كىنو مەستانىلىرىگە، جۈملىدىن جۇڭگولۇق كۆرۈرمەنلەرگىمۇ بىردەك تونۇشلۇق بولغان «مەڭگۈلۈك مۇھەببەت» فىلىمىدە رول ئېلىپ، پاكىستان كىنو مۇنبىرىدە بىراقلا شۆھرەت قازانغان ھەمدە پاكىستاندىكى ئالىي كىنو مۇكاپاتى ___ «نىگار» يىللىق ئالاھىدە مۇكاپاتىغا نائىل بولغان. 1976-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە ئۇ «تاش يۈرەك»، «شەبنا»، «كولومبو خانقىزى» دېگەن ئۈچ فىلىمدە رولغا چىقىپ ئۈچ قېتىم «نىگار» ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، پاكىستاننىڭ بىر ئەۋلاد كىنو خانىشى شەبنەمدىن كېيىنكى يەنە بىر نۇرلۇق چولپانغا ئايلانغان.

بابرا شەرىف پاكسىتاندىكى داڭلىق كىنو چولپانلىرىدىن شاھىد، نادىم، ۋاھىد مۇراد، غۇلام موھيىدىن، مۇھەممەد ئەلى، سۇدا راھى قاتارلىقلار بىلەن نۇرغۇن فىلىملەردە ھەمكارلىشىپ رولغا چىققان. پاكىستاندىكى ئوبزورچىلارمۇ ئۇنىڭ كىنوچىلىقتىكى ماھارىتىگە يۇقىرى باھالارنى بەرگەن.

1974-يىلى، بابرا شەرىف شەمىم ئارا بىلەن ئۇنىڭ «بول» ناملىق فىلىمىگە رولغا چىقىشقا توختام ئىمزالاشقان، بۇ فىلىمنى ئەسلىدە رېژىسسور سۇلايمان ئىشلىمەكچى بولغانىدى. ئۇ يەنە رېژىسسور سۇلايماننىڭ «ئارزۇ» ناملىق فىلىمىگە رولغا چىقىشقىمۇ توختام ئىمزالاشقان، بۇ ئىككى فىلىم 1974-يىلى بىراقلا قويۇلغان. لېكىن «ئارزۇ» ناملىق فىلىم سەل ئالدىدا قويۇلغانلىقتىن، بابرانىڭ تۇنجى فىلىمى ھەققىدە گەپ بولغاندا، «ئارزۇ» تىلغا ئېلىنغان.

ئۇ 1974-يىلى 1980-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا نۇرغۇن رېژىسسورلارنىڭ تەكلىپى بىلەن بىرمۇنچە فىلىملەردە باش رول ئالغان ھەمدە نۇرغۇن ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن.

1980-يىلى ئۇ رېژىسسور ئەكبەر ئەختەرنىڭ «چوتاي» ناملىق فىلىمىدە رول ئالغان، 1981-يىلى ئۇ يەنە ئەختەرنىڭ رېژىسسورلۇقىدىكى فىلىمدە داڭلىق ئارتىش ۋاھىد مۇراد بىلەن ھەمكارلىشىپ رولغا چىققان، بۇ فىلىم 1982-يىلى قويۇلغان.

1980-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە بولغان 10 يىلدا ئۇ كىنوچىلىق ئىشلىرىدا ئىزچىل ئۇتۇق قازانغان.

ئۇ 1984-يىلى ئىشلەنگەن «كولومبو خانقىزى»، 1986-يىلى ئىشلەنگەن «باڭكوك خانقىزى» ناملىق ئىككى فىلىمدە رولغا چىقىپ، نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا نائىل بولغان.

1980-يىللاردىن كېيىن، بابرا شەرىفنىڭ كىنوچىلىق مۇنبىرىدىكى ئابرويى بارغانسېرى ئۆسۈپ بارغان ھەمدە يەنە نۇرغۇن شان-شەرەپلەرنىڭ ئىگىسىگە ئايلانغان.

1989-يىلى، بابرا شەرىف داڭلىق رېژىسسور سەيىد رىزاۋى رېژىسسورلۇق قىلغان پاكىستان كىنوچىلىق تارىخىدىكى تۇنجى ئىلمىي فانتازىيەلىك فىلىم «شاننى» (ئۇيغۇرچىغا «ئالەمدىن كەلگەن مېھمان» دەپ تەرجىمە قىلىنغان) دا «شىنا» رولىنى ئالغان. بۇ فىلىم ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلەرگىمۇ خېلى تونۇشلۇق بولۇپ، خېلى يۇقىرى سەۋىيەدە ئىشلەنگەن.

1990-يىللارغا كەلگەندە، بابرا شەرىفنىڭ كىنوچىلىق مۇنبىرىدىكى ئورنى بارغانسېرى ئاجىزلاپ بارغان، 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇ بىر نەچچە فىلىمدە رول ئالغان بولسىمۇ، ئانچە ئۇتۇق قازىنالمىغان، ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل دەم ئالغاندىن كېيىن يەنە رېژىسسور سانجىتا رېژىسسورلۇق قىلغان «ساماج» ناملىق فىلىمدە باش رول ئالغان، 1995-يىلى ئۇ رول ئالغان «نەھىن» ناملىق فىلىم يۇقىرى بېلەت كىرىمى ياراتقان.

1996-يىلى ئۇ «ساجاۋال» ناملىق فىلىمدا رول ئېلىپ ئۇتۇق قازانغان. ئۇ مۇشۇنداق بىر قاتار فىلىملەردە ئۇتۇق قازانغان بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن فىلىملەردا رول چىقىشنى رەت قىلغان.

بابرا شەرىف 1996-يىلى، رېژىسسور ھەسنەيىن رېژىسسورلۇق قىلغان «خايال» ناملىق فىلىمدە باش رول ئالغان، بۇ فىلىم 1997-يىلى قويۇلغان. بۇ فىلىم بابرا شەرىفنىڭ كىنوچىلىق ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر فىلىم بولۇپ قالغان، ئۇ شۇ يىلى كىنوچىلىق مۇنبىرىدىن رەسمىي چېكىنىشنى قارار قىلغان.

بابرا شەرىف 1978-يىلى كىنو چولپىنى شاھىد بىلەن توي قىلغان، لېكىن توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئاجرىشىپ كەتكەن. ئۇ ھازىر پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە ئۈنچە-مەرۋايىت سودىسى بىلەن شۇغۇللانماقتا.

بابرا شەرىفئۇ باش رول ئالغان «مېھىر-شەپقەت»، «مەڭگۈلۈك مۇھەببەت»، «تاش يۈرەك»، «ئالەمدىن كەلگەن مېھمان»، «باڭكوك خانقىزى»، «ساجاۋال»، «خايال»، «ئارزۇ»، «ھاياتلىق»، «سىز بولمىسىڭىز بولمايدۇ»، «چوتاي»، «ساماج» دېگەندەك كىنولاردىكى ئوبرازلىرى بىلەن ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.

بابرا شەرىفبابرا شەرىف 1968-يىلى تۇنجى فىلىمدە رول ئالغاندىن تارتىپ 1997-يىلى كىنوچىلىق مۇنبىرىدىن رەسمىي چېكىنگە قەدەر، جەمئىي 100 دىن ئارتۇق فىلىمدە رول ئېلىپ، نۇرغۇن فىلىمدە ئۇتۇق قازانغان ھەمدە نۇرغۇن شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. ئۇ بۇ مەزگىلدە سەككىز قېتىم پاكىستان كىنوچىلىقىدىكى ئالىي مۇكاپات ___ «نىگار» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ ئارتىس گەرچە كىنوچىلىق مۇنبىرىدىن چېكىنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىلگىرى ياراتقان تالايلىغان نادىر ئوبرازلىرى بىلەن كۆرۈرمەنلەر قەلبىدە يۈكسەك ھۆرمەتكە ئىگە. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    33.3%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    33.3%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    33.3%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#