20 دۆلەت گۇرۇھى

20 دۆلەت گۇرۇھى خەلقئارالىق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇنبىرى، 1999-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى سەككىز دۆلەت بىرلەشمە مالىيە مىنىستىرى ئاساسىدا قۇرۇلدى. 

ئۇيغۇرچە نامى 20 دۆلەت گۇرۇھى
چەتئەلچە نامى G20,Group 20,Group of 20
خەنزۇچە نامى 20国集团
قۇرۇلغان ۋاقتى 1999-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

20 دۆلەت گۇرۇھى1997–يىلى ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ پارتلىشى خەلقئارا جەمئىيەتكە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا غەربتىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىن باشقا، يەنە تەسىر كۈچىگە ئىگە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭمۇ قاتنىشىشى زۆرۈرلۈكىنى تونۇتتى. 1999–يىلى سېنتەبىردە، غەربتىكى يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى ۋاشىنگتوندا بايانات ئېلان قىلىپ، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن 20 دۆلەت گۇرۇھىنى قۇرۇپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەسىلىسى ئۈستىدە كېڭىشىشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

1999-يىلى يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: 20 دۆلەت گۇرۇھى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسى رامكىسىدىكى بىرەسمىي سۆھبەتنىڭ بىر خىل يېڭى مېخانىزمى، ئۇنىڭ مەقسىتى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنداقلا تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ماھىيەتلىك مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش، ھەمكارلىشىش ھەم دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقى ۋە سىجىل ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئىزدىنىشتىن ئىبارەت.

20 دۆلەت گۇرۇھى20 دۆلەت گۇرۇھى 1999–يىلى 25–سېنتەبىر قۇرۇلغان ، ئەزالىرى سەككىز دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەردىن ئامېرىكا، ياپونىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، ئىتالىيە، كانادا، رۇسىيە، شۇنداقلا جۇڭگو، ئارگېنتىنا، ئاۋسترالىيە، بىرازىلىيە، ھىندىستان، ھېندونېزىيە، مېكسىكا، سەئۇدى ئەرەبىستان، جەنۇبىي ئافرىقا، كورېيە، تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

20 دۆلەت گۇرۇھى ئەزالىرىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى كەڭ، ۋەكىلچانلىقى كۈچلۈك. ئۇنىڭ تەشكىللىنىشىدە تەرەققىي قىلغان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، شۇنداقلا ئوخشاش بولمىغان ساھەلەرنىڭ مەنپەئەت تەڭپۇڭلۇقىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، نوپۇسى دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى، زېمىن كۆلىمى دۇنيا يەر كۆلىمىنىڭ %60 ىنى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى دۇنيا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %90 ىنى، سودا سوممىسى دۇنيا سودا سوممىسىنىڭ %80 ىنى ئىگىلەيدۇ. 

20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ قارالمىلىرى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە مەسئۇل تارماقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خەلقئارالىق تەسىرى زور. يىغىننىڭ مۇھاكىمە مېخانىزمى كەسىپلەشكەن، كۆپ قاتلاملىق بولۇپ، كېڭىشىپ بىر قارارغا كېلىش پىرىنسىپى بويىچە مەشغۇلات قىلىدۇ. 20 دۆلەت گۇرۇھى بىرەسمىي مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى شەكلى ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىدۇ، دائىمىي كاتىبات باشقارمىسى تەسىس قىلمايدۇ. نۆۋەت ئالماشتۇرۇپ رەئىس بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. بۇ گۇرۇھنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى يىغىنى يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#