كۆز ياشاڭغىراش

كۆز ياشاڭغىراش

كۆز ياشاڭغىراش ياش يوللىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كۆزدىكى بىر خىل كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ ياش يوللىرى ھەرخىل سەۋەبتىن توسۇلۇپ قالسا، گەرچە ياش مىقدارى كۆپەيمىسىمۇ تەدرىجىي ھالدا بىرىكتۈرگۈچى پەردىسىگە ھەم چاناق قىسمىغا يىغىلىپ بىراقلا كۆز سىرتىغا چىقىش كۆز ياشاڭغىراش دېيىلىدۇ. 

غەرب تېبابىتى نامى كۆز ياشاڭغىراش
كېسەللىك سەۋەبى زۇكام،كۆز ئاغرىقى
كېسەللىك ئورنى كۆز
ئاساسلىق ئالامىتى كۆزدىن ياش ئېقىش كۈچىيىش
خەنزۇچە نامى 泪溢

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۆز ياشاڭغىراشسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، زۇكام، قىزىتمىلىق كېسەللىكلەر ۋە كۆز ئاغرىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: سوغۇق ھاۋاغا چىققاندا ياكى سوغۇقلۇق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، كۆزدىن ياش ئېقىش كۈچىيىپ قېلىش ئالامىتى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: ھۆل رەيھان 60 گىرام، نۆشۈدۈر ئۈچ گىرام، بەدىيان، زەنجىۋىل، قارىمۇچ، مامرانچىنى ئالتە گىرامدىن، تۇتىيا ئىككى گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: رەيھاننى ئېزىپ، سۈيىنى سۈزۈپ تۇتىيادىن باشقا دورىلارنى چىلاپ مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن سۈزۈپ قۇرۇتۇپ، يۇمشاق سوقۇپ ئۇپا ھالىتىگە كەلگەندىن كېيىن، تۇتىيانى سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم كۆزگە سۈرمە ئورنىدا تارتىلىدۇ.

2-رېتسېپ

كۆز ياشاڭغىراشتەركىبى: تۇتىيا يەتتە گىرام، بىخ مارجان، سېرىق ھېلىلە پوستى، سەبرە سۇقۇترى ئۈچ گىرامدىن، قارا ھېلىلە، پىلپىل 0. 7 گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: تۇتىيانى قىزىتىپ، يەتتە قېتىم ئەرىقى گۇلابتا سۇغىرىپ، ئاندىن باشقا دورىلار بىلەن يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم ئۇخلاشتىن ئىلگىرى كۆزگە سۈرمە ئورنىدا تارتىلىدۇ. 

رېتسېپ: ئۆچكە يولىنى پىلتا قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا قويسا، كۆزدىن ياش ئېقىشقا داۋا بولىدۇ.

رېتسېپ: قارا قوينىڭ قۇيرۇق يېغىنى ئېگىر بىلەن ياقسا مەنپەئەت قىلىدۇ.

رېتسېپ: خوراز ئۆتىنى ياش ئاقىدىغان كۆزگە سۈرسە شىپا بولىدۇ.

رېتسېپ: قىزىل ئالمىنىڭ ئىچىگە سېرىغ ياغنى تىقىپ خېمىرغا ئوراپ پىشقاندا ئېلىپ، ياغنى كۆزگە تارتسا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

رېتسېپ: كالىنىڭ ئۆتىنى ھەر كۈنى بىر قېتىم كۆزنىڭ سىرتىدىن سۈركەپ بەرسە شىپا بولىدۇ.

پەرھىز: تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، ئاچچىق – چۈچۈك، زىيادە سوغۇق ياكى زىيادە ئىسسىق تەبئىيەتلىك يېمەك – ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش، سوغۇق سۇدا يۇيۇنماسلىق، ھاراق ئىچمەسلىك، چاڭ – توزان، ئىس – تۈتەكلىك ئورۇندا تۇرماسلىق، زىيادە ئاچچىقلانماسلىق، چارچىماسلىق، كۆزىنى پاسكىنا نەرسىلەر بىلەن تۇتماسلىق كېرەك. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تېببىي جەۋھەر ئۇيغۇر تېبابەت تورىدىن ئېلىندى. 

http://tibbiyjawhar.com/index.php?m=content&c=index&a=show&catid=32&id=180

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#