ئانتىيارىس دەرىخى

مەملىكىتىمىزنىڭ شىشۋاڭبەننا رايونىدىكى دەيزۇلار ئانتىيارىس دەرىخىنىڭ زەھەرلىك شىرنىسىدىن زەھەرلىك يا ئوقى ياساپ ئوۋ ئوۋلاشقا ئادەتلەنگەن. بۇنداق زەھەرلىك يا ئوقىنىڭ ئۆلتۈرۈش، زەخىملەندۈرۈش كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك، ياۋايى ھايۋانغا يا ئوقى تەگسە، قان چىقسىلا ئۆلىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئانتىيارىس دەرىخى چوڭ ھەم دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان بىر خىل دەرەخ بولۇپ، ئۈجمە ئائىلىسىگە كىرىدىغان ئۆسۈملۈك. دەرەخنىڭ ئېگىزلىكى 25 ~30 مېتىر، غولى تۈپتۈز، دەرەخ باراقسىنى ناھايىتى يوغان. يوپۇرمىقى ئۇزۇن ئېللىپس شەكىللىك، ئون نەچچە سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا، ئەتىياز، ياز پەسىللىرىدە سېرىق چېچەكلەيدۇ، كۈزدە قارامتۇل بىنەپشە رەڭلىك گۆشلۈك مېۋە تۇتىدۇ، ھەسەلدەك خۇشبۇي پۇراقلىق. قوۋزىقى ۋە يوپۇرمىقىدا ئاق رەڭلىك سۈت شىرنىسى بولۇپ، تەركىبىدە يۈرەكنى كۈچەيتكۈچى گلىكوزىد بولىدۇ .

ئۇ ئۆتكۈر زەھەرلىك. ئەگەر كۆزگە كىرىپ كەتسە كۆز دەرھال قارىغۇ بولۇپ قالىدۇ؛ قانغا كىرىپ كېتىپ قالسا، مۇسكۇللارنى بوشاشتۇرۇپ، قان سۇيۇقلۇقىنى قېتىشتۇرۇپ(ئۇيۇتۇپ) ، يۈرەك سوقۇشىنى توختىتىپ قويىدۇ. 

1859-يىلى، ئەنگلىيە قوشۇنلىرى شەرقىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە، بورنېئو(كالىنمانتان) دىكى يەرلىك ئادەملەر تاسما قىلىپ تىلغان قومۇشنىڭ بىر ئۇچىنى ئوق ئۇچى قىلىپ ئۇچلاپ، ئانتىيارىس شىرنە سۇيۇقلۇقىغا مىلەپ تاجاۋۇزچىلارغا قارىتىپ ئاتقان. ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى كەينى-كەينىدىن يىقىلىپ ئۆلگەن. ئامېرىكا قىتئەسى، ئافرىقا قىتئەسى ۋە ياۋروپا قىتئەسىدىكى يەرلىك ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇشۇ خىل زەھەرلىك سۇيۇقلۇقتىن پايدىلىنىپ قورال ياساپ، سىرتتىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگۈچىلەرگە قارشى تۇرغانلىق ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلىغانلىق تارىخى بار. ئانتىيارىس دەرىخىنىڭ زەھىرى كۈچلۈك بولغاچقا، بەزىلەر ئۇنى «ھالاكەت دەرىخى» دەپ ئاتايدۇ. بۇ خىل دەرەخ دورىلىق قىممەتكە ئىگە، مەملىكىتىمىز تەرىپىدىن دۆلەتلىك ئۈچىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

ئانتىيارىس دەرىخىنىڭ زور كۆپچىلىكى ئېكۋاتورغا يېقىن تروپىك بەلۋاغ رايونلىرىغا تارالغان. مەملىكىتىمىزنىڭ خەينەن ئارىلى، يۈننەن ۋە گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلىرىدىمۇ ئاز مىقداردا تارالغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#