بەز ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بەز ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بەز ۋىرۇسىدىن ياللۇغلىنىشتىن كېلىپ چىققان ئۆپكە ياللۇغى. بەز ۋىرۇسى 3 ~ 7 تىپى ئاساسلىق كېسەل قوزغاتقۇچى بولۇپ، بوۋاق بالىلار ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئېغىر تىپى. بۇ كېسەل كۆپىنچە 6 ~ 24 ئايلىق بوۋاق، كىچىك بالىلاردا كۆرۈلىدۇ.
تۇيۇقسىز يۇقىرى قىزىتما يانماسلىق، روھىي چۈشكۈن، ئۇيقۇسىراش، چىرايى تاتىرىش، قاتتىق يۆتىلىش، (كەينى-كەينىدىن يۆتىلىش ياكى تۇتقاقلىق يۆتەل) ، روشەن دېمى سىقىلىش، نەپەسلىنىشى تېز ھەم كۈچىنىش، ئېغىر ئەتراپى كۆكىرىش ھەم پۇت-قولىنىڭ ئۇچى كۆكىرىپ كېتىش قاتارلىقلار. قىزىپ ئۈچ-بەش كۈندىن كېيىن ئۆپكە قىسمىدىن ھۆل خىرىپ ئاۋازىنى ئاڭلاشقا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆپكە پۈتەيلىشىش ئىپادىسى كۆرۈلىدۇ. ئاز ساندىكى كېسەللەندۈرگۈچىلەردە سىرغىتمىلىق كۆكرەك پەردە ياللۇغى ئەگىشىپ كېلىدۇ. كۆكرەك سۈرەت پىليۇنكىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى، رېنتگىندا(x نۇرىدا) ئۆزگىرىش بالدۇر بايقىلىپ، چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان ياپىلاق داغ بىلەن ئىپادىلىنىدۇ ياكى بىرىكىپ چوڭ بىر كېسەل ئوچىقىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى كۆپ كۆرۈلىدۇ. لېكىن كېسەل ئوچىقىنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ئاستا، پۈتۈنلەي سۈمۈرۈلۈپ بولۇش ئۈچۈن بىر نەچچە ھەپتىدىن بىر نەچچە ئايغىچە ۋاقىت كېتىدۇ.
يۇقۇملىنىشنى كونترول قىلىپ داۋالاش
كېسەللىك مەنبەسىگە ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان دورا بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىنى تاللاش، مەسىلەن: باكتېرىيىدىن يۇقۇملانغان بولسا كەڭ تەسىرلىك ھەم تۆۋەنكى نەپەس يولىغا بارىدىغان قويۇقلۇقى يۇقىرى ئانتىبىئوتىك (مەسىلە پېنىتسىللىن) نى تاللاپ ئىشلىتىش، مىكوپلازمىدىن يۇقۇملانغان بولسا ماكرولىد تۈرىدىكى دورىلار (ئېرىترومىتسىن قاتارلىقلار) نى تاللاپ ئىشلىتىش، ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان بولسا ۋىرۇسقا قارشى دورىلار (ۋىرازول قاتارلىقلار) نى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك.
بەز ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىئۆينىڭ ھاۋاسى ئۆتۈشۈپ تۇرۇشنى ساقلاپ قېلىش، ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃20 ئەتراپىدا، نەملىكى %60 تە بولسا بىر ئاز مۇۋاپىق بولىدۇ. نەپەس يولىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاش، قەرەللىك ھالدا كېسەللەنگۈچىنىڭ بەدەن ئورنىنى يۆتكەپ تۇرۇش. مەسىلەن: ئۆرۈپ قويۇش، تىك كۆتۈرۈش قاتارلىقلار، پات-پات بوۋاقنىڭ دۈمبىسىنى تۆۋەندىن-يۇقىرىغا، سىرتىدىن-ئىچىگە قارىتىپ قېقىپ بېرىش، بۇنداق قىلغاندا كىچىك نەپەس يوللىرىدىكى ئاجرالمىلارنى بوشىتىپ، چوڭراق نەپەس يولىغا چىقىرىپ، بەلغەمنى سىرتقا چىقىرىۋېتىشكە پايدىلىق ھەم ئۆپكىدىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. بەلغەم شىلمىشىق ھالەتتىكىلەر تۇمانلاشتۇرغۇچى سۈمۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇپ نەپەس يولىنى نەمدەپ، بەلغەمنىڭ چىقىرىۋېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. يېمەكلىككە ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى تاللاپ، ئازراقتىن كۆپ قېتىم تاماقلىنىش كېرەك.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.