رادار
بىرىنچى ئەۋلاد رادار ئادەتتە بىرلا نىشاننى كۆزىتەلەيدۇ، ئىككىنچى ئەۋلادقا تەۋە سەپلىرى ئۆزئارا كونترول قىلىنىدىغان كۆپكە رادار ماھىر بولۇپ، 30 سېكۇنت ئىچىدە 300 دىن ئارتۇق نىشاننىڭ ئىزىغا چۈشەلەيدۇ ھەم 200 دىن ئارتۇق نىشاننىڭ چۈشۈش نۇقتىسىنى ھېسابلاب چىقالايدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى رادار
چەتئەلچە نامى radio detection and ranging
ئاساسىي پرىنسىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنى نىشان قۇتۇپ كوئوردېناتىنى سۈرئىتى
خەنزۇچە نامى 雷达
ئەمەلىي ساھە ھەربىي ئۇرۇش قىلىشقا قوماندانلىق قىلىش ، پۇقرالار قاتناشقا يېتەكلەش
تۇنجى قېتىم قوللىنىلىشى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

راداربىرىنچى ئەۋلاد رادار ئادەتتە بىرلا نىشاننى كۆزىتەلەيدۇ، ئىككىنچى ئەۋلادقا تەۋە سەپلىرى ئۆزئارا كونترول قىلىنىدىغان كۆپكە رادار ماھىر بولۇپ، 30 سېكۇنت ئىچىدە 300 دىن ئارتۇق نىشاننىڭ ئىزىغا چۈشەلەيدۇ ھەم 200 دىن ئارتۇق نىشاننىڭ چۈشۈش نۇقتىسىنى ھېسابلاب چىقالايدۇ. ئۇنىڭ ۋاسكېتبول چوڭلۇقىدىكى نىشاننى تەكشۈرۈش ئەڭ چوڭ ئارىلىقى 3700 كىلومېتىر، چوڭ تىپتىكى سۈنئىي ھەمراھلارنى تەكشۈرۈش ئارىلىقى 46 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدۇ. سەپلىرى ئۆزئارا كونترول قىلىنىدىغان رادار ھازىرقى ئەڭ ئىلغار رادار ھېسابلىنىدۇ.

راداربۇ خىل رادارنىڭ كۆرۈنۈشى زور ئىمارەتكە ئوخشايدۇ، ئېگىزلىكى 30 مېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئانتېنناسى ئارقىغا °20 ئاغقان يانتۇلۇققا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. دىئامېتىرى 30 مېتىر كېلىدىغان يۇمىلاق ئانتېننا سېپىدە 15 مىڭ 360 دانە ئېلېكتر دولقۇنى تارقىتىدىغان رادىئاتسىيە ئەسۋابى تىزىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا، رادىئو دولقۇنى قويۇپ بەرمەيدىغان 20 مىڭغا يېقىن رادىئاتسىيە ئەسۋابى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ 15 مىڭ 360 رادىئاتسىيە ئەسۋابى 96 گۇرۇپپىغا ئايرىلغان بولۇپ، بىرىكتۈرۈلگەن 96 رادارغا باراۋەر كېلىدۇ، ئۇنىڭغا ئانتېننا ئارقىسىدىكى 6 قەۋەتلىك چوڭ بىنادىكى ئېلېكترونلۇق كومپيۇتېر بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىدۇ. ئېلېكترونلۇق كومپيۇتېر سېكۇنتىغا نەچچە 10 مىليون قېتىم ھېسابلاب، ھەربىر نىشاننىڭ ئورنى، ئارىلىقى، ئېگىزلىكى ۋە ئۇچۇش ئوربىتىسى، چۈشۈش نۇقتىسى قاتارلىقلارغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى ھېسابلاب چىقىدۇ.

رادارھەر خىل رادار كونكرېت ئىشلىتىلىش ۋە قۇرۇلمىلىرى ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ، لېكىن ئاساسىي شەكلى بىردەك : تارقىتىش ئاپپاراتى، قويۇپ بېرىش ئانتېننىسى، رادىئو سىگناللىرىنى قوبۇل قىلىش ئاپپاراتى، قوبۇللىغۇچ ئانتېننا، بىر تەرەپ قىلىش قىسمى ۋە كۆرسىتىش ئەينىكىنى ئېتىۋېتىش ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنە توك مەنبەسى ئۈسكۈنىسى، سانلىق مەلۇمات ئېلىش ئۈسكۈنىسى، كاشىلىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق قوشۇمچە ئۈسكۈنىلەر. 

راداررادارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، تۈرگە ئايرىش ئۇسۇللىرىمۇ ناھايىتى مۇرەككەپ. ئادەتتە ھەربىي رادارلار. ئادەتتە رادار ئىشلىتىلىشى بويىچە تۈرگە ئايرىلىشى بويىچە بولىدۇ، مەسىلەن، ئالدىن سىگنال بېرىش رادارى، ئىزدەش قاراۋۇللۇق قىلىش، يېتەكلەش قوماندانلىق قىلىش رادارى، توپنىڭ قارىغا ئېلىشىنى كونترول قىلغۇچى رادار، ئېگىزلىك ئۆلچەش رادارى، جەڭ مەيدانىدا نازارەت قىلغۇچى رادار، ئايروپىلانغا ئورنىتىلغان رادار، رادىئو ئارقىلىق ئېگىزلىك ئۆلچەش رادارى، رادارلىق پارتلاتقۇچ، مېتېئورولوگىيە رادارى، ئۇچۇر مۇساپىسىنى باشقۇرۇش رادارى، يول باشلىغۇچى رادار ۋە سوقۇلۇشتىن ساقلىنىش ۋە دۈشمەن بىلەن ئۆزنى پەرقلەندۈرۈش رادار قاتارلىقلار. 

رادار سىگنال شەكلى بويىچە، ئىمپۇلسلىق رادار، ئۈزۈكسىز دولقۇنلۇق رادار، تومۇر بۆلۈمى قىسىلما رادار ۋە چاستوتىسى تېز ئۆزگەرمە رادار قاتارلىقلار. 

بۇلۇڭلۇق ئىز قوغلاش شەكلى بويىچە، يەككە ئىمپۇلسلىق رادار، كونۇسسىمان سكانلىغۇچى رادار ۋە يوشۇرۇن كونۇسلۇق سكانلاش رادارى قاتارلىقلار.

نىشان ئۆلچەش پارامېتىرى بويىچە، ئېگىزلىك ئۆلچەش رادارى، ئىككى كوئوردىناتلىق رادار، ئۈچ كوئوردىناتلىق رادار ۋە دۈشمەن بىلەن ئۆز ئوتتۇرىسىدىكى بىلىم رادار، كۆپ پونكىتى رادار قاتارلىقلار.  

رادار قوللىنىلىدىغان تېخنىكا ۋە سىگنال بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بويىچە، كوھېرېنتلىق جۇغلانمىسى، ۋە كوھېرېنتسىز جۇغلانما ھەرىكەتچان نىشاننى كۆرسىتىش، ھەرىكەتچان نىشاننى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش، ئىمپۇلس دوپېلر رادارى، سىنتېتىك كۆزلۈك رادار، تەسۋىر كۆچۈرۈپ تۇرۇپ ئىز قوغلاش رادارى.

ئانتېننا تەسۋىر كۆچۈرۈش ئۇسۇلى بويىچە، مېخانىكىلىق تەسۋىر يېيىش رادار، فازا كونتروللۇق تىزما رادار قاتارلىقلار. 

رادار چاستوتا بۆلىكى بويىچە، ھالقىما كۆرۈش ئارىلىق رادار دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ، مىكرو دولقۇنلۇق رادار، مىللىمېتىر دولقۇنلۇق رادار ۋە لازېر رادار قاتارلىقلار. 

سەپلىرى ئۆز-ئارا كونترول قىلىنىدىغان رادارنىڭ ئانتېنناسى مۇقىم بولغاچقا، ئۇدۇل تەرەپتىكى °120 لۇق دائىرىدىكى نىشانلارنىلا بايقىيالايدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئىنتايىن زور يېتەرسىزلىكى.

ھازىر يەنە بىر خىل يۇمىلاق چوققىلىق رادار بارلىققا كەلدى. بۇ ئانتېننا شەكلىدىكى يۇمىلاق چوققىلىق سەپلىرى ئۆزئارا كونترول قىلىنىدىغان رادار بولۇپ، °360 لۇق دائىرىدىكى نىشاننى بايقىيالايدۇ. 

1842 يىلى، ئاۋسترىيە فىزىكا ئالىمى دوپپلېر باشلامچىلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان دوپلېر ئېففېكتى دوپلېر شەكىللىك رادار.

1864-يىلى، ئەنگلىيە فىزىكا ئالىمى ماكسۋېل كەلتۈرۈپ چىقارغان مەيدانى ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. 

1886 - يىلى، گېرمانىيە فىزىكا ئالىمى ھېرتىس رادىيو دولقۇنى  توغرىسىدا بىر قاتار تەجرىبە تەتقىقات ئېلىپ باردى. 

1888 - يىلى، گېرتىس مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئەسۋاب سىمسىز ئېلېكتىر دولقۇنى پەيدا بولىدۇ. 

1897 - يىلى، تومسون ۋاكۇئۇم تۇرۇبا ئىچىدىكى كاتود نۇرى تەتقىقاتى قانات يايدۇردى.

1904 - يىلى، ھۇت مېير ئېلېكترلىك ئەينەكنى كەشىپ قىلدى. رادىيو دولقۇنىدىن پايدىلىنىپ، ئەكس سادانى تەكشۈرۈش قۇرۇلمىسى ئارقىلىق دېڭىز كېمە - پاراخوت سوقۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. 

1906 - يىلى، دېۋىل ژۇست _ لۇزاك ۋاكۇئۇملۇق ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپا كەشىپ قىلغان ، دۇنيادىكى تۇنجى سېگنال كۈچەيتكۈچى ئۈسكىنە.

1916 - يىلى، ماركونى ۋە فرانكلىن  قىسقا دولقۇنلۇق سىگنال رېفلېكسى تەتقىق قىلىشقا باشلىدى. 

1917 - يىلى، روبېرت ۋاتسون. ۋات مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا گۈلدۈرماما ئورنىنى بېكىتىش قۇرۇلمىسىنى لايىھىلەپ چىقتى. 

1922 - يىلى، ماركونى ئامېرىكا ئېلېكتىر ۋە رادىيو ئىنژېنېرلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىدە نۇتۇق سۆزلەپ، كېمە سوقۇلۇپ بۇلۇڭنىڭ سىزىقلىق بۇلۇڭى رادارنىڭ ئالدىنى ئېلىش. 

1922 - يىلى، ئامېرىكا تايلور ۋە ياڭ ئىككى ھەربىي پاراخوت قۇرۇلمىلىرىدىن يۇقىرى چاستوتىلىق تارقىتىش ۋە قوبۇل قىلىش ئاپپاراتىنىڭ ئىزدەش ئارقىلىق دۈشمەن ئۇرۇش كېمىسىنى تېپىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. 

1924 - يىلى، ئەنگلىيە ئاپپۇلىلار ۋە بارنېت ئىئونوسفېرا رېفلېكسىيىسى رادىئو دولقۇنى ئۆلچەش مۇسابىقىسى قەۋىتى. ئامېرىكا بلايىر ۋە دۇ فۇ بىلەن ئىمپۇلس دولقۇن ئارقىلىق ئۆلچەش ھېۋىسىد قەۋىتىنى بايقىدى. 

1959 - يىلى، ئامېرىكا ھەممىباب ئېلېكتر سايمانلىرى شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان سنارەدتىن ئالدىن سىگنال بېرىدىغان رادار سېستىمىسىنى ئىز قوغلاش 3000 مىل سىرتىدىن بولىدۇ، 600 مىل يۇقىرى بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا، سىگنال بېرىش ۋاقتى 20 مىنۇت ئەتراپىدا بولىدۇ. 

1964 - يىلى، ئامېرىكىنىڭ قۇرۇلمىسى تۇنجى بوشلۇق ئوربىتا كۆزىتىش رادارى، كۆزىتىش يەر شارى سۈنئىي ھەمراھى ياكى بوشلۇقتىكى ئۇچۇش ئۈسكۈنىلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ. 

1971 - يىلى، كانادا ئىزۇۋانلار كارتىسى قاتارلىق ئۈچ كىشى كەشىپ قىلغان گولوگرافىك ماترىتسا رادار. شۇنداقلا، رەقەملىك رادار تېخنىكىسى ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن.  

1993 - يىلى، ئامېرىكا مانچېستېر شەھەر لاترىنىتې. كۆپ مۇنارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق رادارنى مەگىل كەشىپ قىلدى. 

تارىخى تەرەققىياتى

ئۇرۇش داۋامىدا، بومباردىمانچى ئايروپىلانلار زىيادە تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچۇپ، دۈشمەننىڭ يىراقتىن سىگنال بېرىدىغان رادارىنىڭ كۆزىتىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. بىراق، ئايروپىلاننىڭ يەر يۈزىدىن نەچچە 10 مېتىر ئېگىزلىكتىكى زىيادە تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچۇشى تولىمۇ خەتەرلىك بولۇپ، سەللا دىققەت قىلمىسا، دۆڭ ۋە ئېگىز ئىمارەتلەرگە ئۇرۇلۇپ كېتىدۇ. زىيادە تۆۋەن بوشلۇقتىكى ئۇچۇش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالىملار توپوگرافىك ئىز قوغلاش رادارى بىلەن يەردىكى جىسىملاردىن ئۆزىنى قاچۇرغۇزۇش رادارىنى لايىھىلەپ چىققان.

ئالاھىدىلىكى 

توپوگرافىك ئىز قوغلاش رادارى، ئادەتتە، ئايروپىلان بېشىنىڭ ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئايروپىلان بېشىنىڭ ئاستىغا ئېلېكتر دولقۇنى تارقىتىپ، ئايروپىلان بېشىنىڭ ئاستىدىكى يەر شەكلى، جىسىملارنى مەخسۇس تەكشۈرىدۇ، ئۇ خۇددى ئەمانىڭ قولىدىكى «يول ئىزدەش تايىقى» غا ئوخشاش، ئالدى تەرەپتە ئېگىز ئىمارەت، تۆمۈر مۇنار، تاغ چوققىسى بولۇپ قالسا، توپوگرافىك ئىز قوغلىغۇچى رادار كومپيۇتېرنىڭ ھېسابلىشى ئارقىلىق ئايروپىلاننى ئاپتوماتىك ھەيدەش ئەسۋابىنى كونترول قىلىپ، ئايروپىلاننى ئالدى تەرەپتىكى جىسىمدىن مۇئەييەن ئېگىزلىككە كۆتۈرىدۇ. شۇڭا، ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ئېگىزلىكى توپوگرافىك ئىز قوغلىغۇچى رادار ۋە كومپيۇتېر ئۆزلۈكىدىن تەڭشەپ تىزگىنلىشى ئارقىسىدا، يەر شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتوماتىك ئۆزگىرىدۇ ھەم بەلگىلەنگەن زىيادە تۆۋەن بوشلۇقتىكى ئېگىزلىكنى ساقلايدۇ.

نوقسانلىرى

توپوگرافىك ئىز قوغلىغۇچى رادار بولسا ئۆزگىرىشى ئانچە كۆپ بولمىغان يەر شەكىللىرىگە باب كېلىدۇ، تۈزلەڭلىكتىن توساتتىنلا كۆتۈرۈلۈپ چىققان يەر شەكلى ۋە جىسىملار كۆپ بولسا، ئايروپىلاننىمۇ تېز كۆتۈرۈش، تېز تۆۋەنلىتىش قىيىنغا توختايدۇ.

باشقا رادارلار  بىلەن بولغان پەرقى

يەنە بىر «يول ئىزدەش تايىقى» دەپ ئاتالغان رادار يەردىكى جىسىملاردىن ئۆزىنى قاچۇرغۇزۇش رادارى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆزىنى قاچۇرغۇزۇش رادارىنىڭ ئاساسىي قائىدىسى توپوگرافىك ئىز قوغلىغۇچى رادارنىڭكىگە ئوخشاش، لېكىن بۇ خىل رادار ئالدى تەرەپتىكى يەر شەكلى ۋە جىسىملارنى بايقىغاندا، ئايروپىلاننىڭ ئېگىزلىكىنى ئاپتوماتىك تەڭشىمەستىن، بەلكى ئايروپىلاننى كۆتۈرۈلۈپ چىققان يەر شەر شەكلى ۋە جىسىملارنىڭ ئوڭ ياكى سول تەرىپىدىن ئاپتوماتىك ئايلاندۇرۇپ ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئايروپىلاننىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ خىل رادار، ئادەتتە، زىيادە تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچىدىغان جەڭ ئايروپىلانلىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارغا ئورنىتىلىدۇ.

زەمبىرەكنى نىشانغا توغرىلايدىغان رادار بولسا، زېنىت توپ دۈشمەن ئايروپىلانىنى دەل ئېتىپ چۈشۈرەلەيدۇ. 

بۇ خىل رادار بوشلۇققا رادىئو دولقۇنىنى قويۇپ بېرىدۇ، پۈتكۈل دولقۇن قانىتىنىڭ شەكلى پروژېكتور نۇرىغا ئوخشايدۇ، نىشاننى بايقىغان ھامان ئارىلىقىنى ئۆلچەپ چىقىپلا قالماستىن، ئانتېنناسىنىڭ ئازىمۇت بۇلۇڭى ۋە يۇقىرىغا قاراش بۇلۇڭىغا ئاساسەن، نىشاننىڭ ئازىمۇت بۇلۇڭى ۋە يۇقىرىغا قاراش بۇلۇڭىنى ئۆلچەپ چىقالايدۇ.

ئالاھىدىلىكى

زەمبىرەكنى نىشانغا توغرىلايدىغان رادارنىڭ ئىككى پەۋقۇلئاددە ئالاھىدىلىكى بار. 

بىرىنچى، ئۆزلۈكىدىن نىشاننىڭ ئىزىغا چۈشەلەيدۇ. ئۇنىڭغا بىر يۈرۈش ئۆزلۈكىدىن ئىز قوغلاش ئاپپاراتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، دۈشمەن ئايروپىلانىنى تۇنجى قېتىم بايقىغاندىن كېيىن، بۇ ئاپپارات خىزمەتكە كىرىشىپ، رادار ئانتېنناسى دۈشمەن ئايروپىلانىنىڭ ھەرىكىتىگە ئۆزلۈكىدىن ئەگىشىدۇ. دۈشمەن ئايروپىلانىنىڭ قانداق ئۇچۇشىدىن قەتئىينەزەر، رادار دولقۇنى ئۇنىڭغا چاپلىشىپ قالغاندەك، باشتىن-ئاخىر ئۇنىڭ پېيىدە بولىدۇ.

 ئىككىنچى، بىرلا ۋاقىتتا بىرنەچچە زېنىت توپنى ئاپتوماتىك كونترول قىلىدۇ، زەمبىرەكلەرنىڭ ئىستوۋۇلى باشتىن-ئاخىر دۈشمەن ئايروپىلانىغا توغرىلانغان بولىدۇ. زەمبىرەك ئوقى ئېتىلغان ھامان دەل تەگمەي قالمايدۇ.

زەمبىرەكنى نىشانغا توغرىلايدىغان رادارنىڭ دولقۇن دەستىسى ئىنتايىن ئىنچىكە، نىشاننى تېپىشى بىرقەدەر قىيىن، شۇڭا، ھەمىشە «ھالقىسىمان كۆزىتىش رادارى» بىلەن ماسلىشىپ خىزمەت قىلىدۇ. ھالقىسىمان كۆزىتىش رادارى تەكشۈرۈش ئارىلىقى100 −200 كىلومېتىر بولغان ئوتتۇرا مۇساپىلىك رادار بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى تۆت ئەتراپنى كۆزىتىپ، ھاۋادىكى ئەھۋاللارنى ئەتراپلىق ئىگىلەش ۋە زەمبىرەكنى نىشانغا توغرىلايدىغان رادارغا دۈشمەن ئايروپىلانىنىڭ تەخمىنەن يۆنىلىشى، ئارىلىقىنى ئالدىن كۆرسىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت، ھەتتا زەمبىرەكنى نىشانغا توغرىلايدىغان رادارنىڭ قايسى ئايروپىلاننىڭ ئىزىغا چۈشۈشىگىمۇ قوماندانلىق قىلىدۇ.

مۇھاپىزەتچى دەپ ئاتالغان ئارقا تەرەپنى قوغدىغۇچى رادار ئايروپىلاننىڭ قۇيرۇقىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان رادار بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى بىرقەدەر ئاددىي، ئۇ سىگنال چىرىغى ۋە ئاۋاز ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق ئارقا تەرەپتە دۈشمەن بار-يوقلۇقىنى دوكلات قىلىدۇ. ئايروپىلاننىڭ ئارقىسىدا دۈشمەن ئايروپىلانى كۆرۈلگەندە، ئارقا تەرەپنى قوغدىغۇچى رادار دەرھال خىزمەتكە كىرىشىدۇ ۋە تېزدىن ئۇچقۇچىغا سىگنال بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇچقۇچى دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، ئارقىسىدىكى دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىدىن قۇتۇلىدۇ.

ئىقتىدارى 

ئارقا تەرەپنى قوغدىغۇچى رادارنى يەنە بومباردىمانچى ئايروپىلانغا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. دۈشمەن ئايروپىلانىنىڭ ئارقا تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بومباردىمانچى ئايروپىلاننىڭ ئارقىسىدا، ئادەتتە، ئادەم بولىدۇ ھەم مۇداپىئە ياراغلىرىمۇ بولىدۇ. ئارقا تەرەپنى قوغداش رادارىنى بومباردىمانچى ئايروپىلانغا ئورۇنلاشتۇرغاندا، ئۇچقۇچىنىڭ يىراق ئارىلىقتا ئۇچۇۋاتقان دۈشمەن ئايروپىلانىدىن سەگەك تۇرۇشىغا ۋە ئۇنى بايقىشىغا ياردەم بېرىشكە، ۋاقىىدا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىشكە بولىدۇ.

ئىشلىتىلىشى 

ئارقا تەرەپنى مۇھاپىزەت قىلغۇچى رادارنى يەنە ئايروپىلانغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئارقىدىكى ياراغلارنىڭ قارىغا ئېلىشى ۋە ئۇنى يېتەكلىشىگە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

راداررادار ئالاھىدىلىكى شۇكى كېچە - كۈندۈز ھەممىسى يىراق ئارىلىقتىكى نىشاننى تەكشۈرەلەيدۇ، تۇمان چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، بۇلۇت ۋە يامغۇر توسۇپ، ھاۋا رايى چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە، ھەمدە بەلگىلىك تېشىپ ئۆتۈش ئىقتىدارى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ھەربىي جەھەتتە كەم بولسا بولمايدىغان ئېلېكترون جابدۇقلىرىغا ئىگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىلمىي تەتقىقات كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. سۈنئىي ھەمراھقا ۋە ئايروپىلانغا ئورنىتىلغان بىرىكمە ئاپېرتۇرىلىق رادار ھازىرقى يىراقتىن سېزىش جەريانىدا ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ قالدى. يەر يۈزىدىن نىشان رادار يەر يۈزىدىكى توغرا شەكلى بولىدۇ. ئۇنىڭ بوشلۇقتا پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى بىرقانچە مېتىردىن بىرقانچە ئون مېتىرغىچە يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارىلىق بىلەن مۇناسىۋەتسىز. رادار كەلكۈن كۆزىتىش، دېڭىز مۇزىنى كۆزىتىش، تۇپراقنىڭ نەملىكىنى تەكشۈرۈش، ئورمان بايلىقىنى ئېنىقلاش، گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى يوشۇرۇن پايدىلىنىش كۈچىنى ناھايىتى ياخشى نامايان قىلدى. [0]

 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (8 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#