باۋلو سېزان

باۋلو سېزان

داڭلىق رەسسام باۋلو سېزان مىلادىيە 1839-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى پروۋېنىس ئەتىراپىدىكى ئېكستا تۇغۇلغان. مىلادىيە 1906-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى ۋاپات بولغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى باۋلو سېزان
باشقا نامى سېزان، سىزانى
يۇرتى ئېكس
ۋاپات بولغان ۋاقتى مىلادىيە 1906-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى
چەتئەلچە نامى Paul Cézanne
خەنزۇچە ئاتىلىشى 保罗·塞尚
دۆلەت تەۋەلىكى فرانسىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادىيە 1839-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى
كەسپى رەسسام
دىنىي ئېتقادى كاتولىك دىنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

باۋلو سېزانسېزان فىرانسىيەلىك داڭلىق رەسسام، تەسىراتچىلىق ئېقىمنىدىن كېيىنكى رەسىم ئىسلاھاتچىسى. كېيىنكىلەر ئۇنى ۋان گوخ، گاۋگىن لار بىلەن بىرلىكتە تەسىراتچىلار دەپ ئاتاشقان.

سېزان مىلادىيە 1839-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى پروۋېنىس ئەتىراپىدكى ئېكستا تۇغۇلغان، مىلادىيە 1906-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى ۋاپات بولغان.

ياش ۋاقتىدا قانۇن ئۆگەنگەن، 1862-يىلى پارىژغا بېرىپ رەسساملىقىنى ئۆگەنگەن ۋە پىكاسسو، مانىت قاتارلىق تەسىراتچىلار ئېقىمدىكى رەسساملار بىلەن تونۇشقان ھەم تەسىراتچىلىق ئېقىمى رەسىم كۆرگەزمسىگە قانتاشقان.

سېزان ئەسەرلىرىئۇ تەسىراتچىلىق ئېقىمنىڭ غىل-پاللا ئۆتۈپ كېتىدىغان نۇر سەزگۈسىگە رازى بولماي، مەزمۇت، كۈچلۈك ئوبرازلارغا چوقۇنغان، پۇسان قاتارلىق كلاسسىزملىق رەسساملارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى مەڭگۈلۈك گۈزەللىكىنى ياخشى كۆرگەن. ئۇنىڭدىكى كۈچلۈك خاسلىق ئۇنى باشقىلارنىڭ ئۇسلۇبىنى دورىماي، مۇستەقىل ئىزدىنىشكە ئۈندىگەن.

سېزان ھاياتنىڭ ئاخىرقى 30 يىلنى يۇرتىدا ئۆتكۈزۈپ، بىر يۈرۈش ئادەم، جىسىم، مەنزىرە، تىنچ جىسىم رەسىملەرنى تاماملىغان.

ئۇ ئوبرازلارنى سىلىندىر، شار ۋە كونۇس شەكلىدە بىر تەرەپ قىلىشنى، رەسىم يۈزىدە كىرىشتۈرۈلگەن خىرۇستالدەك مۇستەھكەم ھالەت شەكىللەندۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كلاسسىزملىق رەسساملارنىڭ بوشلۇقتا ئوبراز يارىتىشتا ئەينىگە تەقلىد قىلىش ۋە تەسىراتچلىق ئېقىمدىكى رەسساملارنىڭ نۇر، سايە، رەڭدە ئەينىگە تەقلىد قىلشتەك رەسساملىقنىڭ ئەنئەنىسىنى ئۆزگەرتكەن.

ئۇ رەسساملىقنىڭ ئەدەبىيلىك ۋە ۋەقەلىكتىن قۇتۇلۇشىنى تەشەببۇرس قىلىپ، 20-ئەسىر مودېرنىزم سەنئىتىدىكى يېڭى ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سىزغان ئالمىنى ئالما دەپلا قارىغىلى بولمىغىندەك، ئۇ سىزغان ئادەمنىمۇ شەخس دەپلا قارىغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ تەسىرىدە ماتىسنىڭ فائوۋىزم ئېقىمى، پىكاسسونىڭ كۇبىزم ئېقىمى، شۇنىڭدەك ئابستراكسىئونىزم ئېقىمى دېگەندەك ئېقىملار ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلگەن.

ئۇ 20-ئەسىردىكى رەسساملارنىڭ پۈتمەس ئىجادىي كۈچىنى ئويغاتقان، بۇ ئۇنىڭ «ھازىرقى زامان رەسساملىقنىڭ ئاتىسى» دەپ ئاتىلىشىدىكى مۇھىم سەۋەب بولۇپ قالغان.

ھەممە ئادەم سېزانى، پىكاسسو، ماتىسلارنىڭ ئەسەرلىرىنى چۈشنىشكە ئەرزىمەيدىغاندەك، ھەتتا ئۆزى ئازراق كۈچىسىلا ئۇلاردىن ئاجايىپ كاتتا سىزۋىتىدىغاندەك ھېس قىلىشىدۇ. ئەمما بۇنداق يەڭگلىتەك، ئاجىز ھېسسىياتتىكىلەر مەڭگۈ سەنئەتنى چۈشمەنمەيدۇ ياكى ئۇلارنىڭ تارىخى رېئاللىقدىن خەۋەرى بولمىغان بولىدۇ.

بىر مەدەنىيىتى دۇنياغا كۆرەك بىر ئىجتىمائىي دۆلەتتىكى بۈيۈك سەنئەتكارلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئەڭ ئاددىيسى سىزدە بۈيۈك كەمتەرلىك ياكى «كۆز» بولۇش كېرەك، بۇنداق بولغاندا بىز ئۆزىمىزنىڭ بىلىمىنىڭ نەقەدەر ئاجىزلىقنى ھېس قىلمىز-دە، ئىزدىنىشكە موھتاجلىقىمىزنى ھېس قىلىمىز، مەلۇم ئىلمىي يۈكسەكلىنى قوغلىشىپ تىرىشىشىمىز مۇمكىن، ئەمما نۇرغۇن ئادەم تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ ئەمەس، بىر كۆرۈپلا يۈزەكى باھا بېرىش ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى زىيالى قاتلىمىدىن تارتىپ-ئاددىي كىشىلەرگىچە ئومۇملىشىپ كەتكەنكى، بۇ بىر خىل جاراھەت بولۇپ قالغان. بۇ خىل توپقا سەنئەت ھەققىدە سۆزلەش ۋە سەنئەتكارلارنىڭ ئىدىيىسىدىن بۇرۇن، ئەسەرلەرنى تونۇشتۇرۇپ تۇرۇش زۆرۈردۇر. سەنئەتكار پەقەت بىر قوبۇل قىلغۇچى ئەزا، بىر جۈپ سەزگۈ تەسىراتىنى تىزىملاش ئەسۋابى، ياخشى، بىراق بەك مۇرەككەپ ئەسۋاب.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

نىرانى گۈزەل سەنئەت تورى 

http://nirani.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=435

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#