ماكېدونىيە
ماكېدونىيەنىڭ تولۇق نامى «ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى» بولۇپ، ياۋروپا بالقان يېرىم ئارىلى نىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ماكېدونىيەنىڭ تولۇق نامى «ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى» بولۇپ، ياۋروپا بالقان يېرىم ئارىلى نىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. بىر خىل قاراشتا مىلادىدىن ئىلگىرىكى 13-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بالقان يېرىم ئارىلىدا ئولتۇراقلاشقان بىر قەبىلە Macedoni دەپ ئاتالغان بولۇپ، مەنىسى «كالا پادىسى»، يەنە بىر خىل قاراشتا، گەرچە بۇ رايوننىڭ تېخىمۇ بۇرۇنقى دەۋرلەردىكى ئاھالىلىرىمۇ ئوخشاش نامدا ئاتالسىمۇ، لېكىن ئۇ مىلادى ئالىتنچى ئەسىردە بۇ جايدا ئولتۇراقلاشقان سلاۋيان مىللىتىدىن بولغان ماكېدونلار makednos نىڭ نامىدىن كەلگەن، ماكېدو نلارنىڭ ئىسمى ئېھتىمال گىرىك تىلىدىكى makednos سۆزىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، بۇنىڭ مەنىسى «ئېگىز»، «ئىنچىكە ئۇزۇن». يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ نامىنى مەلۇم بىر رىۋايەتكە باغلاپ چۈشەندۈرمەكچى بولۇپ، ئۇنى رىۋايەتتىكى شەخىس makedo نىڭ نامىدىن پەيدا بولغان دەپ قارايدۇ. بۇ ئادەم يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى باش ئىلاھ زېۋىسنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ بۇ ئەتراپتا پادىشاھ بولغان ئىكەن. ماكېدونىيە ئەسلى سابىق يۇگوسلاۋىيە تەركىبىدىكى بىر ئەزا جۇمھۇرىيەت بولۇپ، 1991-يىلى 12-ئايدا مۇستەقىللىق جاكارلىغان. ماكېدونىيەنىڭ يەر مەيدانى 25.731 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 2 مىليون 78 مىڭ، بۇنىڭ %64.5 ى ماكېدونلار، قالغىنى تۈرك، ئالبان قاتارلىقلار. پايتەختى سكوپلى.
دۆلەت بايرىقى
تارىختا ماكېدونىيە، سېربىيە، بۇلغارىيە ۋە گرېتسىيە تەرىپىدىن بۆلۈۋېلىنىپ، ۋاردار پىرىن ۋە ئېگېي دېڭىزى ماكېدۇنىيە ( ھازىر گرېتسىيە گە تەۋە) قاتارلىق ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دىن كېتىن ۋاردار ماكېدونىيە سېربىيىگە ئەگىشىپ يۇگوسلاۋىيە پادىشاھلىقىغا ئەل بولغان؛ يۇگوسلاۋىيە بىللەشمە جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغاندا بۇ تەرەپتىكى ماكېدونىيە بىرلەشمىسىنىڭ بىر تەركىبى ئورنى قاتارىدا ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتالغان. 1991-يىلى نويابىردا ماكېدونىيە مۇستەقىللىقنى ئېلان قىلغان. لېكىن، گرېتسىيە ئۇنىڭ دۆلەت نامى دۆلەت بايرىقىغا باشقىچە قاراشتا بولغاچقا، 1993-يىلى ئاپرېلغا قەدەر «سابىق يۇگۇسلاۋىيە ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى» دېگەن ۋاقىتلىق دۆلەت نامى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غا كىرگۈچە خەلقئارا كەڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىگەن. ماكېدونىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى دەل ئوتتۇرىسىغا ئالتۇن قۇياش سىزىلغان بىر قىزىل بايراق بولۇپ، قۇياشتىن 16 ئالتۇن نۇر چېچىلغان. بۇ نۇر چېچىپ تۇراغان بۇ قۇياش قەدىمكى ماكېدونىيەلىكلەرنىڭ ئىپتىخارلىقنىڭ سىمۋولدۇر.
رىۋايەت قىلىنىشىچە ئالتۇن نۇر چېچىپ تۇرغان قۇياش قەدىمكى ماكېدونىيەنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسى-كولابى تېغىنىڭ چوققىسىدىن كۆتۈرۈلگەن قۇياش ئىكەن. <كولابى چوققىسىدىكى قۇياش> نىڭ نۇرى ماكېدۇنىيەلىكلەرنى ئەۋلاتىن-ئەۋلادقىچە يۇرۇتقان ۋە قوغدىغان، ماكېدونىيىنىڭ تارىخى ۋارىسى ۋە قەدىمك مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىنغان. گرېتسىيەدىكى ماكېدونىيەلىكلەرمۇ «كولابى چوققىسىدىكى قۇياش» قا ئىنتايىن چوقۇنغانلىقىتىن، گرېتسىيە ئۇنى دۆلەت بايرىقى قىلىشنى گرېتسىيە چېگىرىسىدىكى ماكېدونىيە رايونىغا يامان نىيىتى بار دەپ قارىغان. شۇڭا بۇ ئىككى دۆلەتتە دۆلەت نامىدىكى تالاش-تارتىش بۇز بېرىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا دۆلەت بايرىقى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشمۇ پەيدا بولۇپ، گرېتسىيە ماكېدونىيەنىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئېتراپ قىلماي، دۆلەت بايرىقنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىشتا چىڭ تۇرغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.