چېدىر يېزىسى

چېدىر يېزىسى

چېدىر يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ بۈگۈر ناھىيەسى گە جايلاشقان. كۆلىمى 1795 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى چېدىر يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 1795 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 策大雅乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون بۈگۈر ناھىيەسى
نوپۇسى 5995 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چېدىر يېزىسىچېدىر يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ بۈگۈر ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىگە 60 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي بولغان. مىنگونىڭ 31-يىلى (1942-يىلى) چېدىر يېزىسى بۇلۇپ قۇرۇلغان، 1958-يىلى گۇڭشې بۇلۇپ قۇرۇلغان، 1984-يىلى قايتا تەسىس قىلىنغان. ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 58 كىلومېتىر. ئومۇمىي ئائىلە سانى 1423، نوپۇسى 5995 ئادەم، ئۇيغۇر لار %99.5 كە يېتىدۇ. 

چېدىر يېزىسىقارىمىقىدا تۆت ئاھالە كومىتېتى بار: سايباغ كەنتى، دوسمەت كەنتى، چىگىلىك كەنتى، چېدىر يېزىسى چارۋىچىلىق كەنتى. 

چېدىر يېزىسىئىقتىسادى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ، چارۋىچىلىق قوشۇمچە قىلىنىدۇ. ئاساسلىقى زىرائەتلەردىن بۇغداي، كېۋەز، قوناق، مايلىق ئاپتاپپەرەس، قىزىلگۈل، كەندىر، زىغىر ۋە كۆكتات قاتارلىقلار بار. قۇرۇق مېۋىلەردىن نەشپۈت، ئۆرۈك، شاپتۇل، ئۈزۈم، ئۈجمە ۋە قوغۇن كۆپ چىقىدۇ. 

2007-يىلى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 4225 تۈمەن يۈەن، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 4905.8يۈەن، 2006-يىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 396 يۈەن، 8.8 % ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە تېرىقچىلىق كىرىمى 76.62 يۈەن، چارۋىچىلىق كىرىمى 80.84 يۈەن، ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەشتىن قىلغان كىرىم 155.71 يۈەن، 2-، 3-كەسىپ كىرىمى 61.12 يۈەن، باشقا كىرىم 16.09 يۈەن ئاشقان.

چېدىر يېزىسىقەدىمىي يادىكارلىقلاردىن ئازغان قەدىمىي قەلئەسى، ئولپان دۆڭ قەدىمىي شەھىرى، ئاگېلاق قەلئەسى، ئاقدۆڭ قەلئەسى، مىڭ ئۆي خارابىسى ۋە چىغانلىق جىلغىسى قاتارلىقلار بار. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#