سىرتقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى
ئەرلەرنىڭ سىرتقى جىنسىي ئەزاسى (زەكەر) نىڭ بۇلۇتسىمان تېنى بىلەن زەكەر مۇسكۇل قەۋىتىنىڭ ھەرخىل جاراسىملارنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشى ۋە سۆزنەك، سىفلىس قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ قالدۇرغان ئاسارىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان تېرە قىزىرىپ ئىششىش، ئاغرىش؛ئومۇمىي بەدەندە يېقىمسىزلىق، قىزىتما، توڭۇپ تىترەش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتۇر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئەرلەرنىڭ سىرتقى جىنسىي ئەزاسى (زەكەر) نىڭ بۇلۇتسىمان تېنى بىلەن زەكەر مۇسكۇل قەۋىتىنىڭ ھەرخىل جاراسىملارنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشى ۋە سۆزنەك، سىفلىس قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ قالدۇرغان ئاسارىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: ياللۇغلىنىش تېرىدىلا بولسا، تېرە قىزىرىپ ئىششىش، ئاغرىش؛ بۇلۇتسىمان تەن ۋە مۇسكۇل قەۋىتىگە يامرىغان بولسا، سىرتقى تېرە يۈزىدە چېكىتسىمان قىزىل رەڭلىك مۇدۇرچاقلار پەيدا بولۇش، ئومۇمىي بەدەندە يېقىمسىزلىق، قىزىتما، توڭۇپ تىترەش، ئالەت ئاغرىش، سىيگەندە ئېچىشىش، يەرلىك ئورۇن ۋە ئەتراپى قىزىرىپ قىچىشىش، ئېغىرلاشقاندا شەلۋەرەپ يارىلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1-رېتسېپ
تەركىبى: مەدەستان 25 گىرام، زەيتۇن يېغى، كۈندۇر، ئەنزىررۇت، خۇنسىياۋشان، بىستپايەج ئالتە گىرامدىن.
تەييارلاش ئۇسۇلى: مەدەستاننى يۇمشاق سوقۇپ، زەيتۇن يېغىدا قورۇپ، ئۈستىدىن قالغان دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم سىرتتىن يەرلىك ئورۇنغا سۈركىلىدۇ.
2-رېتسېپ
تەركىبى: تازىلانغان گۈڭگۈرت، چۆپچىنى، نۆشۈدۈر، ئاقىرقەرھا تۆت گىرامدىن، سەمغى ئەرەبى ئىككى گىرام، شېكەر 10 گىرام، لىمون سۈيى مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، لىمون سۈيى بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 10 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ) .
3-رېتسېپ
تەركىبى: چۆپچىنى 30 گىرام، بەدىيان، ئامىلە، سېرىق ھېلىلە پوستى، قارا ھېلىلە، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، جۇۋىنە، شاقاقۇل، جويۇز، بوزىدان، سەۋزە ئۇرۇقى، ئۇد ھىندى، دارچىن، بەسباسە، سۇمبۇل، ئاسارۇن، قەلەمپۇر، سۆرۈنجان مىسىرى، خولىنجان، سۆئدى كۇپى، پىلپىل، زەپەر، كۇندۇر، زەنجىۋىل 10گىرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلار يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئاياللار سىرتقى جىنسىي ئەزا يارىسى دېگەن نېمە؟
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.