سېينا دەرياسى

سېينا دەرياسى

فرانسىيىنىڭ شىمالىدىكى چوڭ دەريا. ئۇنىڭ باش مەنبەسى فرانسىيىنىڭ شەرقىدىكى لانگرې ئېگىزلىكىدىن باشلىنىپ، غەربىي شىمالغا قاراپ ئېقىپ، پارىژ ئويمانلىقىنى كېسىپ ئۆتۈپ، گاۋىر شەھىرىنىڭ يېنىدا ئەنگلىيە بوغۇزىنىڭ سېينا قولتۇقىغا قويۇلىدۇ.

نامى سېينا دەرياسى
دۆلىتى فرانسىيە
ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 776 كىلومېتىر
جۇغراپىيىلىك ئورنى فرانسىيىنىڭ شىمالى
خەنزۇچە نامى 塞纳河
چەتئەلچە نامى Seine River
كۆلىمى 78 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سېينا دەرياسىفرانسىيىنىڭ شىمالىدىكى چوڭ دەريا. ئۇنىڭ باش مەنبەسى فرانسىيىنىڭ شەرقىدىكى لانگرې ئېگىزلىكىدىن باشلىنىپ، غەربىي شىمالغا قاراپ ئېقىپ، پارىژ ئويمانلىقىنى كېسىپ ئۆتۈپ، گاۋىر شەھىرىنىڭ يېنىدا ئەنگلىيە بوغۇزىنىڭ سېينا قولتۇقىغا قويۇلىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 776 كىلومېتىر، كۆلىمى 78 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. سېينا دەرياسىنىڭ سۈيى مول بولۇپ، فرانسىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم سۇ قاتناش تورى ھېسابلىنىدۇ. قاتناش مۇساپىسى 560 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ دەريا قاناللار ئارقىلىق كېين دەرياسى، دوناي دەرياسىنىڭ تارمىقى سونا دەرياسى، لوئارا دەرياسى قاتارلىق دەريالار بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، فرانسىيىنىڭ ھەممە قىسىملىرىنى باغلاپ تۇرىدىغان چوڭ سۇ قاتناش تورىنى شەكىللەندۈرگەن سيېنا دەرياسىدىن يولغا چىققان پاراخوتلار قاناللار ئارقىلىق يەر ئوتتۇرا دېڭىز تەرەپكە چىقالايدۇ.

سېينا دەرياسى دەريا سۈيى كۆتۈرۈلگەن ۋاقىتلاردا ئوكيان پاراخوتلىرى روئان پورتىغا قەدەر كېلەلەيدۇ. سېينا دەرياسى توشۇلىدىغان يۈك مىقدارى جەھەتتە فرانسىيە بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. دەريانىڭ باش ئېقىمىدا نۇرغۇن سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى قۇرۇلغان، دەريانىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىم رايونىغا فرانسىيىنىڭ مۇھىم سانائەت ھەم يېزا ئىگىلىك رايونلىرى جايلاشقان. دەريا بويىدا گاۋىر، رۇئان، پارىژ قاتارلىق پورتلار بار.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#