گۋاياكىل
ئېكۋاتور جۇمھۇرىيىتىنىڭ تىنچ ئوكيان قىرغىقىدغىكى ئەڭ چوڭ پورت شەھىرى. بۇ شەھەر تىنچ ئوكيان ياقىسىدىكى كۋاياكىل قولتۇق بويىغا، گۋاياش دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گۋاياكىلئېكۋاتور جۇمھۇرىيىتىنىڭ تىنچ ئوكيان قىرغىقىدغىكى ئەڭ چوڭ پورت شەھىرى. بۇ شەھەر تىنچ ئوكيان ياقىسىدىكى كۋاياكىل قولتۇق بويىغا، گۋاياش دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىغا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 970 مىڭدىن ئاشىدۇ. گۋاياكىل شەھىرى 1942-يىلى قاتتىق يەر تەۋرەشتە ۋەيران ولغان. يەر تەۋرەشتىن كېيىن قايتا قۇرۇلۇپ، زامانىۋى شەھەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
گۋاياكىل گۋاياكىل ئېكۋادورنىڭ ئەڭ چوڭ سودا سانائەت مەركىزى، ئاتاقلىق قاتناش تۈگۈنى، شەھەرنىڭ سانائىتى تەرەققىي قىلغان. شەھەرگە پۈتۈن دۆلەتتىكى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ يېرمى توپلانغان، ئاساسىي سانائەت تارماقلىرىدىن يېمەك-ئىچمەك، سېمونت، نېفىت ئايرىش، مېتاللۇرگىيە، خىمىيە(سۇلياۋ، سۈنئىي كاۋچۇك) ، ياغاچچىلىق، كېمىسازلىق قاتارلىق سانائەتلەر بار. تۆمۈر يول، تاشيول ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرى بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ سودا پورتى بولۇپ، پۈتۈن دۆلەتكە دېڭىز ئارقىلىق ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ %95، ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ % 50مۇشۇ پورت ئرقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، شەھەرنىڭ شىمالىدا بولىۋار نامىدىكى ئۇنۋېرستىتنى مەركەز قىلغان مەدەنىي-مائارىپ ۋە ئىلمىي تەتقىقات رايونى بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.