جامائەت بايلىقىنى ئېچىش تۈرىگە تۈر ئىگىلىرىنى تاللاپ بېكىتىش ۋاقىتلىق چارىسى

تۈر ئىگىلىرىنى تاللاپ بېكىتىش ۋاقىتلىق چارىسى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوت ئېلېكتىر، شامال ئېلېكتىر، فوتوۋولت قاتارلىق جامائەت بايلىقىنى ئېچىش قۇرۇلۇش تۈرىگە ئاشكارا خېرىدار چاقىرىپ، تۈر ئىگىلىرىنى تاللاپ بېكىتىش ۋاقىتلىق چارىسى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 35-قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللانغان، 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. 

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوت ئېلېكتىر، شامال ئېلېكتىر، فوتوۋولت قاتارلىق جامائەت بايلىقىنى ئېچىش قۇرۇلۇش تۈرىگە ئاشكارا خېرىدار چاقىرىپ، تۈر ئىگىلىرىنى تاللاپ بېكىتىش ۋاقىتلىق چارىسى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区火电,风电,光伏等公共资源,开发建设项目的公开招标选定项目业主暂行办法
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى
ھۆججەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 201-نومۇرلۇق پەرمانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 201-نومۇرلۇق پەرمانى

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوت ئېلېكتىر، شامال ئېلېكتىر، فوتوۋولت قاتارلىق جامائەت بايلىقىنى ئېچىش قۇرۇلۇش تۈرىگە ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش، تۈر ئىگىلىرىنى تاللاپ بېكىتىش ۋاقىتلىق چارىسى» 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 35-قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى، ئۇنى سىلەرگە تارقاتتۇق. 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن. 

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 

2016-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى

1-ماددا بۇ چارە ئوت ئېلېكتىر، شامال ئېلېكتىر، فوتوۋولت قاتارلىق جامائەت بايلىقىنى تەرتىپلىك ئېچىش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئاشكارا، باراۋەر، ئادىل بولغان مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى يارىتىش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سانائىتىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى»غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساستا تۈزۈلدى.

2-ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەلىكىدىكى دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ يىللىق ئوت ئېلېكتىر قۇرۇلۇش يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسى ۋە يىللىق شامال ئېلېكتىر، فوتوۋولت ئېچىش قۇرۇلۇش لايىھەسىگە كىرگۈزۈش پىلانلانغان تۈرلەردە، بۇ چارىگە ئاساسەن جەمئىيەتتىن ئاشكارا خېرىدار چاقىرىپ، تۈر ئىگىلىرىنى تاللاپ بېكىتىش كېرەك.

3-ماددا ئاپتونوم رايوندىكى تەرەققىيات-ئىسلاھات تارماقلىرى ياكى تۈر جايلاشقان جايدىكى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مەمۇرىي مەھكىمىلەر دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، سالاھىيەت ھازىرلىغان مەسلىھەت بېرىش، لايىھەلەش ئاپپاراتلىرىغا ھاۋالە قىلىپ، ئوت ئېلېكتىر تۈرلىرى، شامال ئېلېكتىر، فوتوۋولت ئاساسىي قۇرۇلۇش يىرىك پىلانى لايىھەسىنى تۈزۈپ، تەستىقلىتىش رەسمىيىتىنى ئۆتىگەندىن كېيىن، ئۇنى ئاشكارا خېرىدار چاقىرىپ، تۈر ئىگىلىرىنى تاللاشنىڭ ئاساسى قىلىشى كېرەك.

4-ماددا ئاپتونوم رايوندىكى تەرەققىيات-ئىسلاھات تارماقلىرى ياكى تۈر جايلاشقان جايدىكى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مەمۇرىي مەھكىمىلەر ئوت ئېلېكتىر تۈرىگە خېرىدار چاقىرغۇچى بولىدۇ. تۈر جايلاشقان جايدىكى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مەمۇرىي مەھكىمىلەر شامال ئېلېكتىر، فوتوۋولتلۇق توك تارقىتىش تۈرىگە خېرىدار چاقىرغۇچى بولىدۇ.

خېرىدار چاقىرغۇچى سالاھىيەت ھازىرلىغان خېرىدار چاقىرىش ۋاكالەت ئاپپاراتىغا خېرىدار چاقىرىش ئىشلىرىنى بېجىرىشنى ھاۋالە قىلىشى كېرەك.

5-ماددا خېرىدار چاقىرغۇچى ئوت ئېلېكتىر، شامال ئېلېكتىر، فوتوۋولت تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتى تۈزۈشى كېرەك. خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ تېخنىكا تەلىپى، خېرىدار بولغۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ئۆلچىمى، خېرىدار بولۇشتىكى باھا قويۇش تەلىپى ۋە خېرىدارنى باھالاش ئۆلچىمى قاتارلىق بارلىق ماھىيەتلىك تەلەپلەر، شەرتلەر ھەمدە توختام تۈزۈشتىكى ئاساسلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خېرىدار چاقىرغۇچى جەمئىيەتكە خېرىدار چاقىرىش ئېلانىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشى كېرەك.

6-ماددا خېرىدار بولغۇچى خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىدىكى تەلەپلەرگە ئاساسەن، خېرىدار بولۇش ھۆججىتى تۈزۈشى كېرەك. خېرىدار بولۇش ھۆججىتى تۈرگە خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەمەلىي تەلەپ ۋە شەرتلەرگە ماس كېلىشى كېرەك.

7-ماددا ئاپتونوم رايوندىكى تەرەققىيات-ئىسلاھات تارماقلىرى ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تۈرلىرىنى باھالاش مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى قۇرۇشى كېرەك. مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئىشلىرىنى پىلانلاش، قۇرۇلۇش قىلىش ۋە ئۇنى يۈرۈشتۈرۈش، ئاسراش خىزمىتىدە مول تەجرىبىگە ئىگە مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار، قۇرۇلۇش تېخنىكلىرى ۋە باشقۇرۇش خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

8-ماددا خېرىدارنى باھالاشقا خېرىدار چاقىرغۇچى قانۇن بويىچە تەشكىللىگەن خېرىدارنى باھالاش كومىتېتى مەسئۇل بولىدۇ. خېرىدارنى باھالاش كومىتېتى ئالاقىدار تېخنىكا، ئىقتىساد قاتارلىق تەرەپلەردىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە خېرىدار چاقىرغۇچىلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىللىنىدۇ، ئەزالىرى بەشتىن ئارتۇق تاق سانلىق بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، تېخنىكا، ئىقتىساد قاتارلىق تەرەپلەردىكى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېت ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ 2/3 قىسمىدىن ئاز بولماسلىق كېرەك.

خېرىدارنى باھالاش مۇتەخەسسىسلىرى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تۈرلىرىدە خېرىدارنى باھالاش مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىدىن ئىختىيارىي تاللاپ بېكىتىلىدۇ.

9-ماددا خېرىدارنى باھالاش كومىتېتى خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىدە بېكىتىلگەن خېرىدارنى باھالاش ئۆلچىمى ۋە ئۇسۇلىغا ئاساسەن، خېرىدار بولۇش ھۆججىتىنى تەكشۈرۈپ باھالايدۇ ھەمدە سېلىشتۇرىدۇ. خېرىدارنى باھالاش كومىتېتى خېرىدار بولۇش ئەھۋالىنى باھالىغاندىن كېيىن، خېرىدار چاقىرغۇچىغا يازمىچە خېرىدارنى باھالاش دوكلاتى چىقىرىشى ھەمدە خېرىدار بولۇشتىكى لاياقەتلىك نامزاتلارنى كۆرسىتىشى كېرەك. خېرىدار چاقىرغۇچى خېرىدارنى باھالاش كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان يازمىچە خېرىدارنى باھالاش دوكلاتى ۋەتونۇشتۇرغان خېرىدارلىققا چىققان نامزاتلار ئىچىدىن خېرىدار بولغۇچىنى بېكىتىدۇ.

10-ماددا بۇ ۋاقىتلىق يولغا قويۇش چارىسىدا بەلگىلەنگەن تۈرگە خېرىدار چاقىرىشقا دائىر كەسىپلەرنى ئاپتونوم رايوننىڭ جامائەت بايلىقى سودا سۇپىسىدا بىر تۇتاش بېجىرىش كېرەك.

11-ماددا بۇ ۋاقىتلىق چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا توغرا كەلگەن قىلمىشلاردا، ئالاقىدار قانۇن-نىزامدىكى بەلگىلىمىلەر ئىجرا قىلىنىدۇ.

12-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» قاتارلىق بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئوت ئېلېكتىر، شامال ئېلېكتىر، فوتوۋولت تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، كونكرېت يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپىنى تۈزۈشى كېرەك.

13-ماددا بۇ ۋاقىتلىق چارە 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uyghur.news.cn/2016-08/31/c_135648473.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#