بىت ۋە بايت
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كومپيۇتېر ئىشلىتىش جەرياندا كۆپىنچە بىت (bit) ۋە بايت(Byte) سۆزلىرىنى ئاڭلايمىز ۋە ئىشلىتىمىز. ئۇلار ئۇچۇر تېخنىكىسىدىكى ئۆلچەم بىرلىكلىرى بۇلۇپ كومپيۇتېرنى يېڭى ئىشلەتكۈچىلەر بۇلارنى ئاسانلا خاتا چۈشىنىۋالىدۇ ۋە خاتا ئىشلىتىدۇ.
كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىنىدىغان ئۇچۇرلار رەقەملەشتۈرۈلگەن بۇلۇپ بارلىق ئۇچۇرلار ئىككىلىك سىستېمىدىكى 1 ۋە 0 دىن ئىبارەت.
كومپيۇتېر توك يولدا سىگنال بولسا 1 گە ،بولمىسا 0 گە ۋەكىللىك قىلىدۇ. مەيلى 1 ياكى 0 بولسۇن ھەر بىرى بىر سىگنالغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ بىر سىگنال بىر بىت (bit) بولۇپ قىسقارتىلىپ b بىلەن ئىپادىلىنىدۇ ئىككىلىك سىستېمىدىكى بىر خانىنى كۆرسىتىدۇ.
بايت (Byte) بولسا كومپيۇتېرنىڭ سىغىم بىرلىكى، بولۇپ B بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، ئۇ بىر ئېنگلىزچە ھەرپ-بەلگە B1، بىر خەنزۇچە خەت B2 بولىدۇ.
بىت ۋە بايت ئوتتۇرىسىدا تۆۋەندىكىدەك مۇناسىۋەت بولۇپ، 1Byte=8bit. بايت بىتدىن 8 ھەسسە چوڭ.
بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى بىر بىرگە ئايلاندۇرۇشقا بولىدۇ. مەسلەن؛ USB2.0 نىڭ ئۇچۇر يوللاش سۈرئىتى MBps1.5 (مېگا بايت ھەر سېكونت) بولۇپ بۇنى بىتقا ئايلاندۇرساق 1.5MbpsX8=12Mbps بولىدۇ.
كەڭ بەلۋاغلىق تور (ADSL) نىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن تېلېگراف كارخانىلىرى 1M، 2M، 10M لىق تور سۈرئىتى بىلەن تەمىنلىمەكتە. بۇ يەردىكى 1M لىق تور سۈرئىتى 1Mbps (مېگا بىت ھەر سىكۇنت)لىق تېزلىكتىن ئىبارەت.
ئۇنى بايتقا ئايلاندۇرساق÷1X10248=128Kbps بولىدۇ.
ئوتتۇرىچە ٪12 سىگنال خوراپ كېتىدۇ دەپ قارىساق تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ: 128KbpsX(100-12)%=112Kbps
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.