يەلكەنلىك كېمە ۋە يەلكەنلىك تاختا

يەلكەنلىك كېمە

يەلكەنلىك كېمە ھەرىكىتى شامالنىڭ يەلكەنگە ئۇرۇلغان كۈچىدىن ھەرىكەتكە كېلىدىغان، پەقەتلا بەلگىلەنگەن ئارىلىقتىكى يۈرۈش سۈرئىتىدە مۇسابىقىلىشىدىغان ھەرىكەت تۈرىدۇر. ئۇنىڭ پەيدا بولۇش تارىخى تاش قوراللار دەۋرىگە تۇتىشىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى يەلكەنلىك كېمە ۋە يەلكەنلىك تاختا
خەنزۇچە ئىسمى 帆船和帆板

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يەلكەنلىك كېمەيەلكەنلىك كېمە ھەرىكىتى شامالنىڭ يەلكەنگە ئۇرۇلغان كۈچىدىن ھەرىكەتكە كېلىدىغان، پەقەتلا بەلگىلەنگەن ئارىلىقتىكى يۈرۈش سۈرئىتىدە مۇسابىقىلىشىدىغان ھەرىكەت تۈرىدۇر. ئۇنىڭ پەيدا بولۇش تارىخى تاش قوراللار دەۋرىگە تۇتىشىدۇ. ئىپتىدائىي ئادەملەر قېيىققا ياغاچ بېكىتىپ، ئۇنىڭغا بىر پارچە ھايۋان تېرىسىنى ئېسىپ، ئەڭ دەسلەپكى يەلكەنلىك قېيىقنى پۈتكۈزگەن. 

ھازىرقى زامان يەلكەنلىك كېمە ھەرىكىتى 16-، 17-ئەسىرلەردە گوللاندىيىدە بارلىققا كەلگەن. 1896-يىلىدىكى ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن باشلاپ، يەلكەنلىك كېمە رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن، ئەمما ئەينى چاغدا ھاۋا رايى ناچار بولۇش سەۋەبىدىن تۇنجى نۆۋەتلىك مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلمەي، 2-نۆۋەتلىكتىن باشلاپ رەسمىي ئۆتكۈزۈلگەن. نۆۋەتتە كېمىسى ئەڭ كۆپلەر ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكا بولۇپ، بۇ دۆلەتلەردە يەلكەنلىك كېمە ھەرىكىتى كىشىلەرنىڭ دەم ئېلىش، ساياھەت قىلىش، كۆڭۈل ئېچىش شەكلىگە ئايلانغان. ھەرىكەت سەۋىيىسىدىن قارىغاندىمۇ، ياۋروپادىكى دېڭىز بويىغا جايلاشقان دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئەڭ يۇقىرى. 

تۈرلىرى 

يەلكەنلىك كېمە ھەرىكىتى ئاساسلىقى تۇرغۇن نىشانلىق تاختا يەلكەنلىك كېمە ۋە كىل يەلكەنلىك كېمە دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

مۇسابىقە تۈرلىرى 

 مۇسابىقە تۈرلىرىدىن ئاساسلىقى بوران-چاپقۇن تىپى، فىنلاندىيىلىكلەر تىپى، ئۇچقۇر گوللاندىيىلىكلەر تىپى، 470 تىپى، تونېردو تىپى ۋە سوخلىن تىپى بار. بوران-چاپقۇن تىپى كىل يەلكەنلىك كېمىگە تەۋە بولۇپ، قالغان بەش تىپى تۇرغۇن يۆنىلىشلىك تاختا يەلكەنلىك كېمىگە تەۋە. 

يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقىسىئېلىمىز 1958-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك بەش شەھەر يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزگەن. 60-يىللارنىڭ بېشىدا دېڭىز بويلىرىدىكى شەھەرلەردە بۇ خىل پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشنىڭ تايانچ پونكىتى قىلىش مەقسىتىدە ئون نەچچە دېڭىز قاتنىشى كۇلۇبىنى قۇرغان؛ 1980-يىلىدىن كېيىنلا خەلقئارا ئالاقىلەرنى باشلىغان.

يەلكەنلىك تاختايەلكەنلىك تاختا − يەلكەنلىك كېمە بىلەن دولقۇن يېرىش تاختىسى ئارىلىقىدىكى يېڭى ھەرىكەت تۈرىدۇر. ئۇ 1967-يىلى رەسمىي بارلىققا كەلگەن. ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى ئاددىي، تەننەرخى ئەرزان، مەيدانى قۇلايلىق بولغاچقا، ناھايىتى تېزلا ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەلىرىنى قاپلاپ كەتكەن. 1974-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن، كېيىن يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ، كۆلىمى بارغانسېرى كېڭەيگەن. 1984-يىلىدىكى لوس-ئانژېلىس ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئەرلەر يەلكەنلىك تاختا مۇسابىقىسى رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. 1992-يىلىغا كەلگەندە، بارسېلونا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئاياللار يەلكەنلىك تاختىسىمۇ مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن.

يەلكەنلىك تاختا مۇسابىقىسىيەلكەنلىك تاختا مۇسابىقىسى يالغۇز كىشىلىك، ئىككى كىشىلىك ۋە كۆپ كىشىلىك مۇسابىقىلەرگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۈچبۇلۇڭ ئايلانمىلىق مۇسابىقە، ئۇزۇن ئارىلىقلىق مۇسابىقە، توسالغۇلۇق تېيىلىش مۇسابىقىسى ۋە ئەركىن تېيىلىش مۇسابىقىسى قاتارلىق تۈرلىرى بار. يەلكەنلىك تاختا ھەرىكىتى ئېلىمىزدە 1979-يىلىدىن باشلىنىپ، 1981-يىلىغا كەلگەندە ئون نەچچە ئۆلكە، شەھەردە قانات يايدۇرۇلغان. ئاياللار يەلكەنلىك تاختا ماھىرى جاڭ شياۋدۇڭ، لى كېلار كۆپ قېتىم دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#