ساۋەن ناھىيىلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپى
ساۋەن ناھىيە بازىرى ئىچىگە جايلاشقان. ناھىيىلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشىغا تەۋە. 1979-يىلى مەكتەپ نامى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتىپى ساۋەن تارماق مەكتىپى دەپ ئۆزگەرتىلگەن.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ساۋەن ناھىيە بازىرى ئىچىگە جايلاشقان. ناھىيىلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشىغا تەۋە. 1979-يىلى مەكتەپ نامى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتىپى ساۋەن تارماق مەكتىپى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1986-يىلى ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن. مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 5500 كۋادرات مېتىر، بىر يۈرۈش يەر يۈزى سۈنئىي ھەمرا قوبۇل قىلىش ئۈسكۈنىسى ھەم كامېرالىق تېلېۋىزوردا نازارەت قىلىش ئاپپاراتى، كىتاب، ئۈن-سىن ماتېرىياللار سەپلەنگەن. 1999-يىلى 16 ئوقۇتۇش سىنىپى بولۇپ، قازاقچە، خەنزۇچە ئىككى خىل تىلدا دەرس ئۆتۈلگەن. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار 2550 نەپەرگە، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 44 نەپەرگە، ئالىي دەرىجىلىك لېكتور تۆت نەپەرگە يەتكەن. 1999-يىلغا قەدەر جەمئىي تەربىيىلەنگەن ئوقۇغۇچىلار 3000 نەپەردىن ئاشقان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.