يۇمىلاق قاقىلە

يۇمىلاق قاقىلە

يىكەن سېرىقى بولسا ئۆسۈملۈك يۇمىلاق قاقىلە بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يۇمىلاق ئۇرۇقى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. سوغۇق يەلنى تارقىتىش، بەلغەم بوشىتىش، تالنى قۇۋۋەتلەش. رولىغا ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى يۇمىلاق قاقىلە
ئەرەبچە نامى قاقىلە كىبار
ئىنگلىزچە katsumada Galanga seed
شەكلى يۇمىلاق شار شەكىللىك ياكى ئېللىپس شەكىللىك بولۇپ، سىرتقى يۈزى كۈلرەڭگە مايىل
چىقىش ئورنى ئېلىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىن چىقىدۇ
خەنزۇچە ئاتىلىشى 草豆蔻
پارسچە نامى ئايىل كىلال
ئوردۇچە نامى ئىلائىچى كىلال
تەمى ئاچچىق
تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۇمىلاق قاقىلەيۇمىلاق قاقىلە بولسا زەنجىۋىل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك  يۇمىلاق قاقىلە بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يۇمىلاق ئۇرۇقى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. يۇمىلاق شار شەكىللىك ياكى ئېللىپس شەكىللىك بولۇپ، سىرتقى يۈزى كۈلرەڭگە مايىل، ئاچچىق، خۇش پۇراق بولغانلرى ياخشى ھېسابلىنىدۇ، كۈزدە مېۋىسى پىشقاندا (ئازراق ساغارغاندا) يىغىۋېلىندۇ. ئېلىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىن چىقىدۇ.

ئاشقازاننى قىزىتىش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، سوغۇق يەلنى تارقىتىش، بەلغەم بوشىتىش، تالنى قۇۋۋەتلەش.

خاس تەسىرى

ئاشقازان-ئۈچەينى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا

ئەكىس تەسىرى

باش ئاغرىتىدۇ.

فارماكولوگىيلىك تەسىرى

 ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تېزلىتىپ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، تۇبېركۇليوزنى داۋالايدۇ.

ئۇرۇقى ئالپىنتېن (Alpunetin)، كاردامونىن (Cardamonin) قاتارلىقلار بار.

يۇمىلاق قاقىلە1. زەنجىۋىل، پىلپىل، پىننە، بەدىيان، يۇمىلاق قاقىلە قاتارلىقلادىن 10 گرامدىن ئېلىپ چايلىق تەييارلاپ ئىچسە، ئاشقازان سوۋۇپ كېتىش، ئاشقازان تۆۋەنلەشكە شىپا بولىدۇ.

2. ئانار شەربىتى 250 گرام، بىھى شەربىتى 250 گرام، پىننە 60 گرام، يۇمىلاق قاقىلە 30 گرام، لاچىندانە 30 گرام، قەنت 500 گرامدىن، قائىدە بوىچە شەربەت تەييارلاپ، ھەزىمنى ياخشىلاپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ.

دورىلىق ئورنى 

يۇمىلاق ئۇرۇقى.

مىقدارى 

3 ~ 1 گرام

ساقلاش 

قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

ئاق شېكەر،

ئورۇنباسارى

قاقىلە، لاچىندانە ھىندى.

جاۋارىش كۇمۇنى

سوغۇقتىن بولغان ھەر خىل ئاشقازان ئاجىزلىقى، ھۆللۈكتىن پەيدا بولغان پۇت – قولنىڭ تېلىپ ئاغرىشى، بەلغەمنىڭ كۆپلۈكىدىن بولغان يۆتەل، ھۆللۈكتىن بولغان قۇسۇش، ئىچ سۈرۈش قاتارلىقلارلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى،[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=204

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#