ناپولېئون

ناپولېئون

فرانسىيە لىك گېنېرال، فرانسىيەلىك تۇنجى ھۆكۈمرانى ۋە ئىمپېراتورى ناپولېئون(1) 1769-يىلى كورسىكا ئارىلىنىڭ ئاياكشو شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئەسلى ئىسمى ناپولېئون بوناپارت ئىدى. فرانسىيە ناپولېئون تۇغۇلۇشتىن 15 ئاي ئىلگىرى كورسىكا ئارىلىنى بېسىۋالدى. شۇڭلاشقا ناپولېئون فرانسىيىلىكلەرنى ۋەھشىي ئىستېلاتچىلار دەپ ھېسابلايتتى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ناپولېئون
باشقا نامى 拿破仑一世
تۇغۇلغان ۋاقتى 1769-يىلى
كەسپى ھەربىي ئالىم ،سىياسىيۇن
خەنزۇچە ئىسمى 拿破仑·波拿巴
دۆلەت تەۋەلىكى فرانسىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1821-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ناپولېئونفرانسىيلىك گېنېرال، فرانسىيلىك تۇنجى ھۆكۈمرانى ۋە ئىمپېراتورى ناپولېئون(1) 1769-يىلى كورسىكا ئارىلىنىڭ ئاياكشو شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئەسلى ئىسمى ناپولېئون بوناپارت ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا كورسىكا ئارىلىنى فرانسىيىلىكلەر بېسىۋالغان ئىدى .ئۇنىڭ ئائىلە ئىگىلىكى ۋەيران بولغان ئاتا -ئانىسى ئۇنىڭدىن زور ئۈمىد كۈتۈپ ئۇنىڭغا دالىدىكى قەھرلىك شىر دېگەن مەنىدە ناپولېئون دەپ ئىسىم قويدى .ناپولېئون ئىسمىغا مۇناسىپ ھالدا كىچىكىدىن تارتىپ كەم سۆز باتۇر سوقۇشقاق ئىدى ،10 يېشىدا فرانسىيىدىكى برئېينا ھەربىي مەكتىپىگە ئەۋەتىلدى . ئۇ بۇ مەكتەپتە تىرىشىپ ئۆگەندى ،يۇنان ،رىم قەھرىمانلىرى جۈملىدىن ئالېكساندىر قەيسەر قاتارلىقلارنىڭ شانلىق تۆھپىسىگە مەپتۇن بولدى . رۇسسو ،مونتېكىيۇ ،ۋولتېر قاتارلىق مەرىپەتچىلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى بېرىلىپ ئوقۇدى .15 يېشىدا فرانسىيىدىكى ئەڭ داڭلىق ھەربىي مەكتەپ پارىژ ھەربىي ئىنىستوتىغا كىرىپ توپچى ئەسكەرلەر ئىلمىنى مەخسۇس ئۆگەندى ،لېكىن ئائىلىسىدە كۈتۈلمىگەن ۋەقە يۈز بەرگەچكە كېيىنكى يىلى ئۇقۇشتىن توختىدى ، 1785-يىلى 16 يېشىدا، ئۇ پارىژ ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈردى، بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ مىلادشىي لېيتنانتلىق ئۇنۋانغا ئېرىشكەندىن كېيىن  فرانسىيە قوشۇنى رافىل پولكى زەمبىرەكچىلەر قىسىمىنىڭ پودپوروچىكى بولدى. بۇ چاغدا 16 ياشتا ئىدى. 

تۆت يىلدىن كېيىن، فرانسىيە ئىنقىلابى پارتىلىدى. ئۇدا نەچچە يىل، فرانسىيە يېڭى ھاكىمىيىتى نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشقا چىتىلىپ قالىدۇ. ناپولېئون ئۆز ئىقتىدارىنى 1793-يىلى تۇلون شەھىرىنى قورشاۋغا ئالغاندا كۆرسىتىشكە باشلايدۇ؛ بۇ شەھەر ئىنگىلىزلارنىڭ ئىشغالىيىتىدە بولۇپ، فرانسۇزلار بۇ شەھەرنى تارتىۋالماقچى بولىدۇ. زەمبىرەكچىلەر قىسىمىنىڭ باش قوماندانى يارىلانغانلىقتىن، ناپولېئون بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدۇ. بۇ چاغدا، ناپولېئون ئۆزىنىڭ كورسىكا ئارىلى دېگەن ئۇقۇمىنى تاشلاپ، ئۆزىنى فرانسىيلىك دەپ قارايدۇ. ئۇ تۇلۇن ئۇرۇشىدا غەلبە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن برىگادىر گېنېراللىققا ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ 24 ياشقا كىرگەنىدى. 1796-يىلى، ئۇ فرانسىيىنىڭ ئىتالىيىدە تۇرۇشلۇق زەمبىرەكچىلەر قىسىمىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. 1796-1797-يىلغىچە، ناپولېئون نۇرغۇن ئۇرۇشلاردا غەلىبە قىلىپ، شەرەپ بىلەن پارىژغا قايتىپ كېلىدۇ. 

فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن ۋەزىيەتكە بېقىپ ماھىرلىق بىلەن ئىش كۆرىدىغان ناپولېئون ياكوبىنچىلارنى ھىمايە قىلدى .1973-يىل 9--ئايدا جۇمھۇرىيەت ئارمىيىسىنىڭ تولۇننى مۇھاسىرىگە ئېلىش جېڭىگە قاتنىشىپ زەمبىرەكچىلەر قىسمىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلىدى .ئۇ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ جەڭگە قالتىس قوماندانلىق قىلغاچقا 12-ئايدا كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ قورغىنى تولۇننى ئىگىلەپ ،ئارمىيىدە تېز كۆزگە كۆرىنىپ زەمبىرەكچىلەر قىسمىنىڭ مىلادشىي لېيتنانتلىقىدىن دەرىجە ئاتلاپ زەمبىرەكچىلەر قىسمىنىڭ گېنېرال بىرگادىرلىقىغا ئۆستۈرۈلۈپ زەمبىرەكچىلەر بىرگادىسىنىڭ لوماندىرلىقىغا تەيىنلەندى .تومۇز ئېيى سىياسىي ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەندىن كېيىن ،ناپولېئون بۇ ئىشقا چېتىلىپ قېلىپ پارىژدا بىر مەھەل مۈشكۈل ئەھۋالغا قالدى.

1975-يىلى پارىژدا پادىشاھپەرەسلەر قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈردى .تەپتىش ھۆكۈمەت ناپالىئوننى توپىلاڭنى تىنجىتىشقا ياردەم بېرىشكە تەكلىپ قىلدى .ناپولېئون توپىلاڭچىلارنى زەمبىرەك ھۇجۇمى كەسكىن باستۇرۇپ ،جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىجاتكارىغا ئايلاندى ،ئۇ گېنېرال لېيتنانتلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ ،پارىژ گارنىزونىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەندى .نامراتلىقتىن چۈشكۈنلەشكەن دالىدىكى قەھرلىك شىر بىر كېچىدىلا ھەربىي ۋە سىياسىي ساھەدە ھەممىگە تونۇشلۇق كاتتا ئەربابقا ئايلاندى .

فرانسىيە زور ئىنقىلابى ياۋروپانى زىلزىلگە كەلتۈرۈپ ،ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ فېئودال ھۆكۈمرانلىرىنى ۋەھىمىگە سالدى . ئەنگلىيە ،رۇسىيە ،پروسسىيە باشچىلىقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ فېئودال پادىشاھلىرى خانلىق ھوقۇقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن فرانسىيە قارشى ئىتتىپاق تەشكىللەپ فرانسىيە ئىنقىلابىغا ئارىلاشتى .1796-يىلى ناپولېئون ئىتالىيە يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەندى . ئۇ نەچچە ئون مىڭ كىشىلىك چوڭ قوشۇننى ئىتالىيگە باشلاپ بېرىپ ،ئىنتايىن ئاز ئەسكىرىي كۈچ بىلەن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇۋاتقان فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق ئارمىيىسىنى كۆپ قېتىم تارمار قىلدى . شىمالىي ئىتالىيە جەڭ مەيدانىدىكى سىجىل غەلىبە تەپتىش ھۆكۈمىتىنى ۋەھىمىگە سالدى . تەپتىش ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى پارىژدىن يىراق جايغا يۆتكىۋېتىشنى قارات قىلدى ،ناپولېئون بولسا داۋاملىق داڭق چىقىرىشنى ئويلىدى ، ئىككى تەرەپنىڭ پىكرى بىر يەردىن چىقىپ قالغاچقا ئۇلار مىسرنى نىشانلىدى ئەنگلىيە بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرسىدىكى قاتناش لىنىيىسىنى ئۈزۈۋېتىش ئۈچۈن ناپولېئون 1798-يىلى مىسىرغا قۇشۇن تارتتى . بۇ قېتىملىق يۈرۈش ئاپەتلىك بولدى. قۇرۇقلۇقتا ئىستلاچى قوشۇننىڭ يۈرۈشى ھەر ھالدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ؛ بىراق دېڭىز يۈرۈشىدە، فرانسىيە فلوتى ئەنگىلىيە گېنېرالى نارسون قوماندانلىقىدىكى ئەنگىلىيە فلوتى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىدۇ. 1799-يىلى، ناپولېئون قوشۇننى مېسىردا قالدۇرۇپ، بىر نەچچە ياردەمچىلىرىنىلا ئەگەشتۈرۈپ، ئىككى تېز يۈرىدىغان زەمبىرەكچى پاراخوتى بىلەن دۆلىتىگە قايتىدۇ. پارىژغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ناپولېئون كىشىلەر ئۇنىڭ ئىتالىيىدە قولغا كەلتۈرگەن بىرقاتار غەلىبىلىرى ئۈستىدىلا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى، مىسردىكى سەرگۈزەشتىلىرى ئۈستىدە گەپ بولمىغانلىقىنى كۆرىدۇ. بۇ دەسمايىسىگە تاينىپ، ناپولېئون سىياسىي ئۆزگىرىشكە قاتنىشىپ، يېڭى ھاكىميەت قۇرىدۇ، ئۇ تۇنجى ھاكىممۇتلەق بولىدۇ. ئۇ گەرچە يېڭى قانۇن تۇرغۇزغان ھەم خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ۋەھالەنكى بۇ پەقەت ناپولېئوننىڭ ھاكىممۇتلەق بولۇشىنىڭ نىقابى ئىدى. 

ناپولېئون تەسەۋۋور قىلغۇسىز تېزلىكتە ھاكىمىيەتنى ئىگىلەيدۇ. 1793-يىلى 8-ئايدا تۇلون شەھىرىنى قورشاۋغا ئېلىش ئالدىدا، ناپولېئون نامى چىقمىغان بىر ئادەتتىكى ئوفىتسېر ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تېخى فرانسىيلىك ئەمەس ئىدى، بىراق، قىسقىغىنا ئالتە ئاي ئىچىدە، ئەمدى تېخى 30 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ناپولېئون فرانسىيىدە تەڭداشسىز. ھۆكۈمران بولۇپ قالدى. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، فرانسىيىنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرى، قانۇن تۈزۈمى ئۈستىدە ئىسلاھات ئېلىپ باردى. مالىيە، ئەدلىيە تۈزۈلمىسىنى تەڭشىدى. بانكا ۋە فرانسىيە داشۆسى قۇردى. ھوقۇقنى مەركەزگە يىغدى. بۇ ئىسلاھاتلار گەرچە فرانسىيىدە رول ئوينىغان بولسىمۇ، بىراق دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا ھېچقانچىلىك تەسىر كۆرسىتەلمىگەنىدى. 

ناپولېئون ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتلارنىڭ سىرتقا نىسبەتەن بىر قەدەر تەسىر كۆرسەتكىنى «ناپولېئون» ھېسابلىنىدۇ. بۇ قانۇن فرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى گەۋدىلەندۈرگەن. مەسىلەن، بۇ قاندا بۇنىڭدىن كېيىن ئىمتىياز مەۋجۇت ئەمەس، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر دېگەنلەر بەلگىلەنگەن. 

ناپولېئوننىڭ سىياسىتىنىڭ نېگىزى ئۇنىڭ فرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ ھىمايىچىسى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشتە. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، 1804-يىلى، ئۇ ئىمپېرىيە قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۆزىنى ناپولېئون Ⅰ دەپ ئاتىغان. ئاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئۈچ ئىنىسىنى ياۋرۇپادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ كورۇللۇقىغا ئولتۇرغۇزغان. ئۇنىڭ بۇ خىل قىلمىشى فرانسىيە خەلقىنىڭ غەزىپىنى قوزغىشى تەبىئىي ئىدى. خەلق ئۇنى فرانسىيە ئىنقىلابى پرىنسىپلىرىنىڭ خائىنى دەپ ھېسابلايتتى. ناپولېئوننىڭ شۇملۇقىدىن باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىر قاتار ئۇرۇشلار كېلىپ چىققانىدى. 

1802-يىلى، ناپولېئون ئەنگىلىيە بىلەن «ئامېن شەرتنامىسى» نى تۈزدى. بۇ شەرتنامە فرانسىيە 10 يىللىق ئۇرۇشىنى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، فرانسىيىگە ئارام ئېلىش پۇرسىتى بەرگەنىدى. بىراق ئىككىنچى يىلى شەرتنامە بۇزۇپ تاشلاندى. كەينىدىنلا فرانسىيە بىلەن ئەنگىلىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر قاتار ئۇرۇش پارتىلىدى. گەرچە فرانسىيە قوشۇنى قۇرۇقلۇقتا غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئەنگىلىيىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلالمىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى 1805-يىلى ناپولېئوننىڭ فلوتى ترافالگار ئۇرۇشىدا ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىدۇ. بۇ ئۇرۇش يۈز بېرىپ ئالتە ھەپتىدىن كېيىن، گەرچە ناپولېئون ئوستېرلىتىس جېڭىدە ئاۋسترىيە ۋە چار روسىيە قوشۇنلىرى ئۈستىدىن غەلبە قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ غەلىبلەر فرانسىيىنىڭ دېڭىز ئۇرۇشىدا تارتقان زىيىنىنى تولدۇرالمىدى. 

ناپولېئون ئارمىيىسى خىل قوراللار بىلەن قوراللانغان گۋاردىيە ئاتلىق قىسمىنى بىر ھۇجۇم بىلەنلا مەغلۇپ قىلىپ قاھىرەگە كىردى . فرانسىيە زېمىنى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن ناپاليوننىڭ يىراق يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى مىسىردا مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى . تەپتىش ھۆكمىنى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تەۋرىنىپ قالغانلىقىدىن تاساددىپىي خەۋەر تاپقان ناپولېئون تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ خىل قۇشۇن باشلاپ بىر تېز يۈرەر قېيىق بىلەن فرانسىيىگە مەخپى قايتىپ كەلدى .ناپولېئون ھەربىي شۆھرىتىدىن پايدىلىنىپ تۇمانلىق ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىنى قوزغاپ فرانسىيىنىڭ 1-ھۆكۈمرانى كېيىنچە ئۆمۈرلۈك ھۆكۈمران بۇلىۋالدى . كېيىنچە ۋەزىيەت ئاز تولا مۇقىملاشقاندىن كېيىن ئالدىنقى سەپكە بېرىپ ،ئۆزى مىسىرغا يۈرۈش قىلغان مەزگىلدە فرانسىيىنىڭ ئىتالىيىدە بىر مەھەل قولدىن بېرىپ قويغان غەلىبە مېۋىسىنى قولغا كەلتۈردى . ۋە ئاخىر ئاۋىسترىيە بىلەن ئەنگىلىينى فرانسىيىنىڭ ياۋروپادا ئىگىلىگەن زېمىنىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىدى.

ناپولېئون ھەربىيلىك ھاياتىدا 60نەچچە قېتىملىق جەڭگە بىۋاستە قوماندانلىق قىلدى .1805-يىلىدىكى ئوسترى جېڭىدە ناپولېئون ھەربىي ئىستىاتىنى كارامەت نامايان قىلدى . ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك قوشۇنغا دۇچ كەلگەن فرانسىيە ئارمىيىسى قىسمەن مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئاساسىي كۈچىنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ ،خىل ئەسكىرىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ دۈشمەننىڭ ئەجەللىك يېرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەردى . بۇ تاكتىكا فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەسكىرىي كۈچى ئاجىز بولۇشتەك ئاجىزلىقىنى ئۈنۈملۈك يېپىپ كەتتى فرانسىيە ئوسترى جېڭىدە فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقىنى 3-قېتىم بىر ھۇجۇم بىلەنلا تارمار قىلدى . ناپولېئون فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقنىڭ 4-قېتىملىق ھۇجۇمىنىڭ ئەڭ ئاۋانگارت قىسمى بولغان پروسسىيە قۇشۇنىغىمۇ زەربە بەردى .گېرمانىيىنىڭ بۈيۈك شائىرى ھېينى كېيىن :. ناپولېئون پرۇسىينى بىر كۈچەپ پۈۋلەپلا ئۇچۇرۇۋەتتى دەپ يازغان ئىدىن . فرانسىيىگە قارشى 5-قېتىملىق ئىتتىپاق تارمار قىلىنغاندىن كېيىن ،ناپولېئون ئەنگلىيە رۇسىيىدىن باشقا پۈتكۈل ياۋروپانى دېگۈدەك بېسىۋالدى ۋە تىزگىنلىدى .1810-يىلى ئاۋىسترىيە مەلىكىسى مارىيە لېۋىس ناپالىئونغا ياتلىق بولدى ناپولېئون ياۋروپا چوڭ قۇرقلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىق تەختىگە چىقتى .

ناپولېئون ئۇرۇش ئارقىلىق ئىناۋەت تىكلىدى ،ئۇرۇش ئۇنى ھوقۇقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقاردى .1804-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ناپولېئون رىم پاپاسىنى ئۆزىگە تاج كىيدۈرۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا ئالايىتەن تەكلىپ قىلدى ، مۇراسىم ھالقىلىق باسقۇچقا كەلگەندە ناپولېئون پاپانىڭ قولىدىكى تاجنى تۇيۇقسىز تارتىپ ئېلىپ كىيىۋالدى . فرانسىيە جۇمھۇرىيىتى شۇنىڭدىن تارتىپ فرانسىيە ئىمپېرىيىسىگە ئايلاندى ، ناپولېئون ئۆزىنى فىرانسىيلىكلەرنىڭ پادىشاھى يەنى ناپولېئون 1 دەپ ئاتىدى .

ناپاليوننىڭ كۈچ قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇراتتى .كۈندە 10 نەچچە سائەت ئىشلەتتى . ئۇ ئەمەلدارلاردىن فىرانسىيەىلا ئەمەس ئۆزىگىمۇ سادىق بۇلۇش توغرىسىدا قەسەم بېرىشنى تەلەپ قىلاتتى ،تاساددىپىي تۆھپە كۆرسەتكەنلەرنى دەرھال تارتۇقلىدى ئىختىساسلىقلارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتەتتى .گودېن ئىنقىلابتىن بۇرۇن مالىيە باش مەھكىمىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىدى .ئۇ مول تەجرىبىگە ئىگە بولغاچقا ناپولېئون ئۇنى مالىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلدى . ناپولېئون كاتولىك بولمىسىمۇ لېكىن ئەمەلىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ كاتولىك دىنىنىڭ دۆلەت دىنى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى . سىياسىي جەھەتتە ،شىتاتلارنى ئىخچاملاپ ،ھۆكۈمەتنى ئىسلاھ قىلىپ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەربىي تۈزۈلمىگە ئايلاندۇردى .خەلقنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ ئۇلارنى مەتبۇئات ئەركىنلىكى سۆز ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلدى .پارتىيە گۇرۇھلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى .

ئىشچىلارغا زىيانكەشلىك قىلدى ،ئىقتىسادىي جەھەتتە ،فرانسىيە بانكىسىنى قۇرۇپ دۆلەت مالىيىسىنى تەرتىپكە سالدى . شۇنىڭ بىلەن بىلە بىر قاتار ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ كاپىتالىستىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەدەت بەردى . ھەربىي جەھەتتە زور ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ ياللانما ئەسكەر تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئەسكەر ئېلىش تۈزۈمىنى ئورناتتى ، دېھقانلار ئەسكەر بۇلۇشقا كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىندى ۋە ئۇلاردىن كۆپلەپ ئەسكەر ئالدى .

ھەق تەلەپ قانۇنىنى تۈزۈش ناپاليوننىڭ بۇرژۇزئارىيگە قوشقان بىر زور تۆھپىسى ئىدى .2000دىن كۆپ ماددىدىن تۈزۈلگەن بۇ قانۇن 1804-يىلى رەسمىي ئېلان قىلىندى ، كېيىنچە ناپولېئون قانۇنى دەپ ئاتالدى . ئۇنىڭدا ئىنقىلاپ مەزگىلىدىكى بۇرژۇئازىيىگە پايدىلىق نەتىجىلەر قانۇن ماددىلىرى شەكلىدە بېكىتىلدى .ناپولېئون بۇ قانۇننى چىقىرىش ئۈچۈن ئېچىلغان 100قېتىمدىن كۆپرەك يىغىننىڭ نەچچە 10 قېتىملىقىغا بىۋاستە رىياسەتچىلىك قىلدى .بۇ قانۇن كاپىتالىزم دۇنياسىنىڭ مۇقەددەس ئەسىرىگە ئايلىنىپ ،پۈتكۈل ياۋرۇپا قۇرۇقلىقىغا ،ھەتتا ئامېرىكا ئاسىيا ۋە ئافرىقا رايونلىرىغا تارقالدى . 1806-يىلى 11-ئايدا ناپولېئون بېرلىندا چوڭ قۇرۇقلۇقنى قامال قىلىش پەرمانىنى جاكارلاپ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلىقىدىكىلەرنىڭ ئەنگىلىيىلىكلەر بىلەن سودا قىلىشنى قاتتىق چەكلىدى . بۇ قوش بىسلىق شەمشەر ئەنگلىيىگە زەربە بېرىپلا قالماي فىرانسىينىمۇ ھالاكەتكە ئۇچراتتى .فرانسىيىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئەنگىلىينىڭكىدىن ئاجىز بولسىمۇ ناپولېئون بۇ ئەمەلىيەتكە سەل قارىدى ، 1812-يىلى ناپولېئون 600مىڭ كىشىلىك زور قوشۇننى باشلاپ نېمات دەرياسىدىن ئۆتۈپ روسىيىگە بېسىپ كىردى ،روسىيلىكلەرنىڭ پۇختا مۇداپىئە كۆرۈشى ،موسكۋانىڭ قەھرىتان قىشى ،فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتىنىڭ ئۆكسۈپ قېلىشى ناپولېئون ئارمىيىسىنى ھالاكەت گىردابىغا ئىتتىرىپ چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدى .

ناپولېئون قول ئاستىدىكىلەرگە :بۈيۈكلۈكتىن بىمەنىلىككە ئايلىنىپ قالغىلى قىل قالدۇق بۇنىڭغا ئەۋلادلار باھا بەرسۇن ›دېدى1853-يىلى ناپولېئون ئەنگلىيە ،رۇسىيە ،پروسسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن فرانسىيىگە قارشى 6-قېتىملىق ئىتتىپاق بىلەن ليېپسگدا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلدى .ئىككى تەرەپ جەڭگە 600مىڭچە ئەسكەر قاتناشتۇردى ،بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ كۆپلىگەن ياردەمچى قىسمى بار ئىدى .جەڭ تازا ئەۋجىگە چىققاندا ناپولېئون قوشۇنىدىكى ياللانما ئەسكەرلەر ئۇشتۇمتۇت يۈزئۆرۈپ قارشى تەرەپكە بولۇشۇپ جەڭ قىلىپ فرانسىيە ئارمىيىسىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتتى .ھەر قايسى بېقىندى دۆلەتلەر بىلەن ئۇششاق ئەللەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ فرانسىيىنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلدى .ناپولېئون مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى .1814-يىلى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىن تەشكىللەنگەن فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق ئارمىيىسى پارىژغا بېسىپ كىردى .

1808-يىلى، ناپولېئون ئىبېرىيە يېرىم ئارىلىدا ھېچ بىر مەقسەت بولمىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالدى، فرانسىيە قوشۇنلىرى ساسلىققا قامىلىپ قالغانلىقىدىن ئىلگىرىلەشكە ئامالسىز قالدى. ناپولېئوننىڭ ئەخمەقلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەجەللىك خاتالىقى ئۇنىڭ روسىيىگە بولغان ئۇرۇشىدا ئىپادىلىنىدۇ. 1807-يىلى ناپولېئون روسىيە پادىشاھى بىلەن كۆرۈشىدۇ، ئىكى تەرەپ «تىلزىت تىنچلىق شەرتنامىسى» تۈزۈشۈپ، مەڭگۈ ئىناق ئۆتۈشكە ۋەدىلىشىدۇ. بىراق، بۇ ئەھدىنامە بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، 1812-يىلى نوپولېئون «زور قوشۇن» تارتىپ روسىيىگە يۈرۈش قىلىدۇ. بۇ يۈرۈشنىڭ نەتىجىسى ھەممىگە ئايان، روسىيە قوشۇنلىرى فرانسۇز قوشۇنلىرى بىلەن ئېلىشىشتىن ساقلىنىدۇ. ناپولېئون پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇدۇل ئىلگىرىلەپ كىرىۋېرىدۇ. شۇ يىلى 6-ئايدا موسكۋا بېسىۋالىدۇ، روسلار موسكۋاغا ئوت قويۇپ، شەھەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. فرانسۇز قوشۇنلىرى موسكۋادا بەش ھەپتە تۇرىدۇ. ئەسلى ئۇلار رۇسلار سۇلھى تەلەپ قىلىدۇ، دەپ ئويلاشقانىدى. بىراق ھېچقانداق شەپە بولمىغانلىقتىن ناپولېئون چېكىنىش قارارىغا كېلىدۇ، بىراق ئۇ تولىمۇ كېچىككەنىدى. 

رۇس قوشۇنلىرىنىڭ ئىسكەنجىگە ئېلىشىدىن بولغانمۇ ياكى قاتتىق سوغۇق تەپەيلىدىن بولغانمۇ ۋە ياكى فرانسۇزلارنىڭ ئۇزۇق-تۈلۈكى يېتىشمەسلىكتىن بولغانمۇ، فرانسۇز قوشۇنلىرىنىڭ چېكىنىشى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. «زور قوشۇن» نىڭ ئاران ئوندىن بىر قىسىمىلا ئامان-ئېسەن قايتىپ كېتەلەيدۇ. ياۋرۇپا ھەر قايسى ئەللىرى بۇ فرانسىيىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلىدىغان ياخشى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ، بىردەك ناپولېئوننىڭ قوشۇنلىرى قاتتىق مەغلۇپ بولىدۇ. ئىككىنچى يىلى، ناپولېئون Ⅰ تەختتىن چۈشۈپ، ئىتالىيىنىڭ دېڭىز بويىدىكى ئېلبا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ. 

فرانسىيە 1-ئېمپىريىسى گۇمران بولدى .بۇرژۇئا ئىنقىلابىدا ئاغدۇرۇۋېتىلگەن بوربون خاندانلىقى تىرىلدى .ناپولېئون ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئېلبا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىندى ،لېكىن ئۇ قاتتىق مۇھاپىزەت قىلىنىۋاتقان ئېلبا ئارىلىدىن قېچىپ كەتتى .3-ئاينىڭ 20-كۈنى پارىژغا قايتىپ كېلىپ بوربون خانىدانلىقنى ئاغدۇرۋېتىپ پادىشاھلىق تەختىگە قايتا ئولتۇردى .ناپاليوننىڭ قايتا تەخىتكە چىقىشى ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەت پادىشاھلىرىنى قاتتىق ساراسىمىگە سالدى .ئەنگلىيە ،رۇسىيە پروسسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر دەرھال فرانسىيىگە قارشى 7-قېتىملىق ئىتتىپاق تەشكىللىدى .ئۇلار 700-800 مىڭ كىشىلىك قوشۇن باشلاپ فرانسىيىگە نەچچە يولغا بۆلۈنۈپ يۇپۇرۇلۇپ كەلدى .ۋاتېرلودا ھەل قىلغۇچ جەڭ بولدى . ئىككى تەرەپ ئەسكىرى كۈچى جەھەتتە زور پەرق قىلغاچقا فرانسىيە قوشۇنى مەغلۇپ بولدى .6-ئاينىڭ 22-كۈنى يۈز كۈنلۈك ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىلگەن ناپولېئون ئاتلانتىك ئوكياندىكى سېنىت ھېلىنا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىندى .1815-يىلى، ناپولېئون پارىژغا فېچىپ كېلىپ فرانسىيە خەلقىنىڭ قارشى ئېلىشىغا سازاۋەر بولىدۇ ۋە قايتىدىن تەختكە چىقىپ، ھاكىميەت يۈرگۈزىدۇ. ياۋرۇپادىكى ھەر قايسى ئەللەر دەرھال فرانسىيىگە قايتىپ كېلىپ 100 كۈندىن كېيىن، ئۇنىڭ قوشۇنى ۋاتېرلوئو ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولىدۇ. ئەنگىلىيىلىكلەر ئۇنى جەنۇبىي ئاتلانتىك ئوكياندىكى مۇقەددەس ھېلېنا دەيدىغان كىچىك بىر ئارالغا قاماپ قويىدۇ. 1821-يىلى تېخى 52 ياشقا توشمىغان ناپولېئون  ناپالىون ئاشقازان كېسىلى ئېغىرلاشقانلىق سەۋەبىدىن جان ئۈزدى .ئۇنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە كىشلەر ئۇنىڭ جەسىتىنى كېيىنچە فرانسىيىدىكى سېينى دەرياسى بويىغا دەپنە قىلدى .

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#