سودا ئالماشتۇرۇشمۇ دىيىلىدۇ ،ئۇ ھەم ئېلىپ ساتقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ پۇلنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق ئالماشتۇرۇش جەريانى بۇلالايدۇ ،ھەم مالنى مالغا ئالماشتۇرۇش جەريانىمۇ بۇلالايدۇ .

ئۇيغۇرچە نامى سودا
خەنزۇچە نامى 交易

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سودا ئالماشتۇرۇشمۇ دىيىلىدۇ ،ئۇ ھەم ئېلىپ ساتقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ پۇلنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق ئالماشتۇرۇش جەريانى بۇلالايدۇ ،ھەم مالنى مالغا ئالماشتۇرۇش جەريانىمۇ بۇلالايدۇ .

نەق مال سودىسى نەق مال سېتىۋېلىش-سېتىشقا قارىتىلغان. بۇ، سودىدا پۈتۈشكەندىن كېيىن، ساتقۇچى دەرھال مالنى بېرىپ پۇلنى يىغىۋالىدىغان ياكى ئاۋۋال مالنى بېرىپ، مۇددەتنى ئۇزارتىپ پۇل يىغىۋالىدىغان بىر تۈرلۈك سودا ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە، ئاز سوممىلىق توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش سودىسى نەق مال سودىسىغا كىرىدۇ. نەق مال بازىرىدا، پارچە ساتىدىغان كارخانىلار ئادەتتە، بىر قولدا مال ئۆتكۈزۈپ، بىر قولدا پۇلنى ئېلىش، پۇل بىلەن مالنى تەڭ ماڭدۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. توپ تارقىتىدىغان كارخانىنىڭ نەق مال سودىسى بىر قولدا مال ئۆتكۈزۈپ، بىر قولدا پۇل ئېلىش ئۇسۇلىدىن باشقا، يەنە بانكا ئارقىلىق پۇل ئېلىش، بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ھېسابات قىلىش ئۇسۇلىمۇ قوللىنىلىدۇ.

زاكاز مال سودىسى زاكاز مال سېتىۋېلىش-سېتىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئاۋۋال توختام ياكى كېلىشىم ئىمزالاش ئارقىلىق پۈتۈشىدىغان ھەمدە بېكىتىلگەن مەلۇم كۈنلەردىن كېيىن مال تاپشۇرىدىغان ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. زاكاز مال بازىرىدا سودا قىلىدىغانلار ئادەتتە كۆپ مىقدارلىق تاۋارنى توپ سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. زاكاز مال بازىرىدىكى توختاملىق سودا ئارقىلىق، سېتىۋالغۇچى تەرەپ مۇقىم مال مەنبەسىگە ئىگە بولالايدۇ، ساتقۇچى تەرەپنىڭمۇ ئىشەنچلىك سېتىش يولى بولىدۇ، بۇ، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇشقا پايدىلىق. زاكاز مال بازىرى بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تەلىپى بولۇپ، ئۇ نەق مال سودىسىدىكى تەمىنلەش-تەلەپنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان باھانىڭ داۋالغۇپ تۇرۇشىنى تۈگىتىش، تەمىنلەش-تەلەپ مۇناسىۋىتىنى مۇقىلاشتۇرۇشتا خېلى زور رول ئوينايدۇ. بىراق، زاكاز مال بازىرىدىمۇ ھايانكەشلەر قۇرۇق چاقماقتىن ئوت چىقىرىپ، ئارىدىن ھارام پايدا ئالىدىغان ئەھۋاللار بولۇپ تۇرىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#