بېيجىڭ

بېيجىڭ جۇڭگونىڭ پايتەختى،بېيجىڭ غەربتە تەيخاڭشەن تېغىغا تۇتىشىدۇ، كەينى تەرىپىدە يەنشەن تېغى بار، شەرقتە بوخەي دېڭىزىغىچە بارىدۇ، ئۇ شىمالىي جۇڭگو تۈزلەڭلىكىگە يۈزلىنىپ تۇرىدۇ .

نامى بېيجىڭ
دۆلىتى جۇڭگو
تەۋە رايون جۇڭگو
چەتئەلچە نامى Beijing
جۇغراپىيەلىك ئورنى شىمالىي جۇڭگو تۈزلەڭلىكىنىڭ غەربىي شىمال گىرۋىكى
خەنزۇچە نامى 北京
مەمۇرىي رايون شەكلى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر
كىلىماتى شىمالىي مۆتىدىل بەلۋاغ مۇسسۇن كىلىماتى
باشقا نامى 燕京、蓟城、涿郡、幽州、北平

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بېيجىڭبېيجىڭ جۇڭگونىڭ پايتەختى. جۇڭگونىڭ ئىككى كاتتا مەدەنىيلىك سىمۋولى −10 مىڭ چاقىرىملىق سەددىچىن سېپىلى ۋە بېيجىڭ-خاڭجۇ قانىلى بېيجىڭ بىلەن باغلانغان، بۇنىڭدىن 500 مىڭ يىللار ئىلگىرىلا، «بېيجىڭ ئادىمى» بۇ رايوندا ياشىغان. غەربىي جۇ ۋە ئەمىنىيە، يېغىلىق دەۋرىدىكى يەن بەگلىكى بۇ يەرنى پايتەخت قىلىپ، جى دەپ ئاتىغان. بۇ يەرنى جىن، يۈەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرىمۇ پايتەخت قىلغان. مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىمۇ بېيجىڭ پايتەخت قىلىنغان.

ئەگەر سىز تىك ئۇچار ئايروپىلاندىن بېيجىڭغا قارىسىڭىز، جىڭشەن تېغى خۇددى بەش ئەزاسى تولۇق، ئوڭ-سول تەرىپى سىممېترىك كەلگەن ئادەم سۈرىتىگە ئوخشاش كۆرۈنىدىغانلىقىغا ھەيران قالىسىز. 

قەدىمكى بېيجىڭ شەھىرى سىممېترىك كەلگەن شەھەردۇر. ئۇ گۇگۇڭ سارىيىنى مەركەز قىلغان ھالدا يۇڭدىڭمېندىن چيەنمېن، تيەنئەنمېن، ۋۇمېن، شېنۋۇمېن، جىڭشەن، دىئەنمېن ۋە جۇڭلۇ ئارقىلىق ئۇدۇل گۇلۇغا بارىدىغان مەركىزىي ئوق سىزىقنى ھاسىل قىلغان. دۇڭسى، شىسى قاتارلىق جەنۇب-شىمال يۆنىلىشىدىكى پاراللېل كەلگەن چوڭ كوچىلار شەرق-غەرب يۆنىلىشىدە سوزۇلغان تار كوچىلار بىلەن ئۆزئارا كېسىشىپ، ئوق سىزىقنىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان. بېيجىڭ شەھىرى ئەنە شۇنداق سىممېترىك بولغاچقا، ئۇنىڭ كوچىلىرىنى تونۇماق بىرقەدەر ئاسان. تارىختا ئۆتكەن فېئودال پادىشاھلارنىڭ ھاكىمىيىتىگە سىمۋول قىلىپ سېلىنغان مۇھىم قۇرۇلۇشلارمۇ يۇقىرىقى مەركىزىي ئوق سىزىقىنىڭ ئەتراپىغا رەتلىك ھەم سىممېترىك جايلاشقان. مەسىلەن، مىڭ سۇلالىسى بىلەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھلىرى تەڭرى ۋە زېمىنغا ئاتاپ نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزىدىغان جاي تيەنتەن بىلەن دىتەن مەركىزىي ئوق سىزىقىنىڭ جەنۇب ۋە شىمال ئۇچىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان؛ تيەنئەنمېننىڭ شەرقىدە خان جەمەتىنىڭ خانلىق ئىبادەتخانىسى بار(ھازىر بۇ ئىبادەتخانا ئەمگەكچى خەلق مەدەنىيەت سارىيىغا ئۆزگەرتىلدى) ، تيەنئەنمېننىڭ غەربىدە ئىلاھ يولىدا نەزىر قىلىدىغان جاي − شېجىتەن بار ئىدى(ھازىر جۇڭشەن باغچىسىغا ئۆزگەرتىلدى) . بۇنداق سىممېترىكلىك ئەندىزە گۇگۇڭ سارىيىدىكى ئوردىلارنىڭ سېلىنىشىدا تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىنىدۇ. زىجىنچېڭدىكى سارايلار گاھ ئېگىز-گاھ پەس بولۇپ، ماس كەلتۈرۈلۈپ سېلىنىپلا قالماستىن، بەلكى يول ياقىسىغا قويۇلغان يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تاش ھەيكەللىرى ۋە تاش توسۇقلارمۇ، سارايلارنىڭ بۇرجەكلىرى، ئۆگزە قىرلىرىدىكى ئويمىلارمۇ جۈپ-جۈپ قىلىنىپ ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بىر-بىرىنى چاقنىتىپ تۇرىدۇ. بۇلار رەتلىك ھەم سىممېترىك كەلگەن بېيجىڭنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىدىكى ئۆزگىچە ئۇسلۇبنى ۋە ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشنى ھاسىل قىلغان، ئۇ كىشىلەرگە تەمكىن، ئازادە، سالاپەتلىك تۇيغۇ بېرىدۇ.

بېيجىڭنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا تەۋە بولۇپ، تۆت پەسلى ئېنىق ئايرىلىدۇ، ئەتىياز پەسلى قۇرغاق، ياز پەسلى ئىسسىق، كۈز پەسلى سالقىن، قىش پەسلى سوغۇق بولىدۇ.

بېيجىڭ شەھىرى ھازىر مەمۇرىي جەھەتتە 10 رايون، توققۇز ناھىيىگە ئايرىلغان بولۇپ، كۆلىمى 1600 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، نوپۇسى10 مىليوندىن ئاشىدۇ. ئۇ مەملىكىتىمىزنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى.

قۇرۇلۇشلىرىبېيجىڭ  شەھىرىدە رەت-رەت سېلىنغان ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۇ كوچىلىرى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىنتايىن ئاۋات بىر شەھەردۇر، بېيجىڭنىڭ ھازىرقى زامان قۇرۇلۇشلىرى، ئورۇنلاشتۇرۇلۇش جەھەتتە گەرچە بۇرۇنقىدەك سىممېترىك بولۇشتەك كونا قائىدە بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان بولسىمۇ، لېكىن شەھەر قۇرۇلۇشىدا يەنىلا مەملىكىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى كۆزدە تۇتۇلغان. مەسىلەن، زىجىنچېڭنى مەركەز قىلغان ھالدا ياسالغان ئايلانما يەر ئاستى تۆمۈريولى، 2-، 3-، 4-، 5-ئايلانما يوللارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن سىممېترىك ھالەتتە. قەدىمىي بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەركىزىي ئوق سىزىقى يەنىمۇ ئۇزارتىلدى، يەنى جەنۇبتا بېيجىڭ-جېڭجۇ تاشيولىغا تۇتاشتۇرۇلدى، شىمالىي ئۇچى ئۇزارتىلىپ ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنى كەنتىدىن ئۆتۈپ، يەنشەن تېغىنىڭ چىفېڭ چوققىسىغىچە بىۋاسىتە بارىدىغان ھازىرقى زامان غول لىنىيىسىگە ئايلاندۇرۇلدى. دۇنيادىكى بارلىق شەھەرلەر ئىچىدە بېيجىڭ شەھىرى يەنىلا بىردىنبىر سىممېترىك شەھەردۇر. 

بېيجىڭبېيجىڭ 4000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. لياۋ سۇلالىسىدىن كېيىنكى يۈەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى بېيجىڭنى پايتەخت قىلغان. ئۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتىگە مەركەزلىك ۋەكىللىك قىلىدۇ، بېيجىڭدا ئاسارئەتىقىلەر ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، گۇگۇڭ سارىيى، جىڭشەن تېغى، بېيخەي باغچىسى، جۇڭنەنخەي، يىخېيۈەن باغچىسى، تيەنتەن، دىتەن، سەددىچىن سېپىلى − بادالىڭ چوققىسى، مۇتيەنيۈي سەددىچىن سېپىلى، جۇكۇديەن جۇڭگو مايمۇنسىمان ئادىمى ۋە تاغ ئۆڭكۈر ئادىمى خارابىسى قاتارلىقلار. نۇرغۇن قۇرۇلۇشلارنىڭ ياسىلىشى ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇنىڭغا مول مەدەنىيەت ئىدىيىسى مۇجەسسەملەنگەن، مەسىلەن، تيەنتەن يۇمىلاق شەكىلدە، دىتەن چاسا شەكىلدە بولۇپ، بۇ مەملىكىتىمىزنىڭ قەدىمكى زاماندىكى «ئاسمان يۇمىلاق، يەر چاسا شەكىلدە» دېگەن قاراشقا تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ.

بېيجىڭدا نۇرغۇن ئىنقىلابىي ۋە تارىخىي ئاسارئەتىقىلەر بار، داڭلىقلىرىدىن لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكى، تيەنئەنمېن، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى، گۇگۇڭ(خان ئوردىسى) ، بادالىڭ سەددىچىن سېپىلى، مۇتيەنيۇ سەددىچىن سېپىلى، تيەنتەن، بېيخەي ۋە تۇەنچىڭ، يىخېيۈەن باغچىسى، جۇكۇديەن جۇڭگو مايمۇنسىمان ئادىمى خارابىلىكى، شىسەنلىڭ قاتارلىقلار بار.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (6 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    83.3%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    16.7%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#