تەن سىتۇڭ

1898-يىلى 28-سېنتەبىردە، بېيجىڭ شۈەنۋۇمېن سىرتىدىكى كۆكتات بازىرى ئېغىزىغا جايلاشقان جازا مەيدانىدا ئالتە ئەزىمەت تىك تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرى ئۈنلۈك ئاۋازدا: «دۈشمەننى يوقىتىش ئىرادەم بولسىمۇ، لېكىن ۋەزىيەتنى ئوڭشاشقا قۇربىم يەتمىدى، بۇ يولدا ئۆلۈپ كەتسەم ئارمىنىم يوق» دەپ ۋارقىرىدى. بۇ، يېڭىلىققا كۆچۈش ۋە قانۇن ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان «ۋۇشۈ يىلىدىكى ئالتە ئەزىمەت» نىڭ بىرى، بۇرژۇئازىيىنىڭ يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن باشلامچىسى تەن سىتۇڭ ئىدى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى تەن سىتۇڭ
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى خۇنەننىڭ ليۇياڭ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1898-يىل 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
ئاساسلىق نەتىجىسى يېڭىلىققا كۆچۈش قانۇن ئۆزگەرتىش ئاساسىي كۈچى
خەنزۇچە ئىسمى 谭嗣同
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1865-يىل 3-ئاينىڭ 10 -كۈنى
چەتئەلچە نامى SitongTan

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 تەن سىتۇڭ (1865 - 1898-يىللار) خۇنەننىڭ ليۇياڭ دېگەن يېرىدىن بولۇپ، فېئودال بيۇروكرات ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە ۋاڭ جىفۇ، گۇڭ زىجېن، ۋېي يۈەن قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغان. 1884-يىلى تەن سىتۇڭ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، 80 مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەن، داڭلىق ئەربابلار بىلەن پىكىرلەشكەن. ئۇ ۋەتەننى گۈللەندۈرۈشكە ئىرادە باغلاپ، «ئۇچار ئەزىمەت» دەپ ئاتالغان.

1895-يىلى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى قوزغالغاندىن كېيىن، تەن سىتۇڭ يۇرتىدا ئىلمىي جەمئىيەت قۇرۇپ، يېڭىلىققا كۆچۈشنى خالايدىغان ئىرادىلىك كىشىلەرنى توپلاپ، يېڭى بىلىملەرنى قوبۇل قىلغان. 1896-يىلى تەن سىتۇڭنىڭ دادىسى پۇل خەجلەپ ئۇنى كاندىدات ئەمەلدارلىققا ئېرىشتۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ نەنجىڭدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان، ئۇ يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقاچ، «رەھىمدىللىق» دېگەن كىتابنى يېزىپ، فېئوداللىق ئىدىيىنىڭ ئاسارەتلىرىنى بۇزۇپ تاشلاشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىدىكى رادىكاللاردىن بولۇپ قالغان. 

1897-يىلى تەن سىتۇڭ خۇنەندىكى يېڭىلىققا كۆچۈش تەرەپدارى چېن باۋجېننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، خۇنەندە يېڭى ھاكىمىيەت تەشكىللىگەن. ئۇنىڭ تىرىشىشى ئارقىسىدا، ۋەزىيەت مەكتىپى قۇرۇلغان، «خۇنەن گېزىتى»، «خۇنەن يېڭى ئىلمىي گېزىتى» نەشر قىلىنغان، «خۇنەن ئىلمىي جەمئىيىتى» ۋە ھەربىي مەكتەپلەر قۇرۇلغان، يېڭىچە كانچىلىق، قاتناش ئىشلىرىنى بەرپا قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈلگەن، بۇنىڭ بىلەن خۇنەن ئۆلكىسى ئەلگە تونۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېڭى ھاكىمىيەتنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى ئەڭ ياراملىق ئۆلكىگە ئايلانغان. تەن سىتۇڭنىڭمۇ «يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ ئىختىساس ئىگىسى» دېگەن نامى چىقىپ كەتكەن. 

1898-يىلى8-ئايدا پادىشاھ گۇاڭ شۈ تەن سىتۇڭنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا تۆتىنچى دەرىجىلىك مىرزىلىق مەرتىۋىسىنى بېرىپ، ھەربىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ مىرزىلىقىغا تەيىنلىگەن. ئۇ لىن شۈ، ليۇ گۇاڭدى، ياڭ رۈي بىلەن بىللە «ھەربىي ئىشلار ساھەسىدىكى تۆت مىرزا» دەپ ئاتىلىپ، يېڭى ھاكىمىيەتكە قاتناشتۇرۇلغان ھەمدە گۇاڭشۈنىڭ ئەنە شۇنداق ئىلتىپاتى ۋە ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەن. شۇ ۋاقىتتا سىشى تەيخۇ رەھبەرلىكىدىكى جاھىل كۈچلەر سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، پادىشاھ گۇاڭشۈنى نەزەربەند قىلىپ يېڭى ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا تەييارلىنىۋاتاتتى. تەن سىتۇڭ خەتەرگە قارىماي ئۆزى يالغۇز يول يۈرۈپ بېيجىڭغا كېلىپ، فاخۇا ئىبادەتخانىسىدىكى يۈەن شىكەينىڭ تۇرالغۇسىدا پاناھلىنىپ، ئۇنىڭدىن بېيجىڭغا ئەسكەر كىرگۈزۈپ گۇاڭشۈنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان. ھىيلىگەر يۈەن شىكەي ئۇنىڭ پىكرىگە قوشۇلغاندەك قىلىپ قويۇپ، ئاستىرتىن ئۇنى پاش قىلىپ قويغان. 21-سېنتەبىر، سىشى تەيخۇ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، پادىشاھ گۇاڭشۈنى تۈرمىگە قامىغان.

سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، تەن سىتۇڭ كۆپ تەرەپلىمە ھەرىكەت قىلغان ھەمدە چامباشچى ئۇستازى بىلەن كېچىلەپ ئوردىغا بۆسۈپ كىرىپ گۇاڭ شۈنى قۇتقۇزۇشنى پىلانلىغان، ئەمما مەقسىتىگە يېتەلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېڭىلىققا كۆچۈش ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاش قارارىغا كەلگەن. ئۇ ئۆزىگە قېچىپ كېتىشنى نەسىھەت قىلىپ كەلگەنلەرگە: «قانۇن ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان دۆلەتلەردە، كىشىلەر قان تۆكۈش ئارقىلىق غەلىبىگە ئېرىشكەن، بىزدە تېخى ھېچكىم بۇ ئىش ئۈچۈن قان تۆكۈپ باقمىدى، بىز شۇڭا غەلىبە قىلالمايۋاتىمىز، مەن قانۇن ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قان تۆكۈشنى خالايمەن» دېگەن. 25-سېنتەبىر تەن سىتۇڭ ۋە لىن شۈ قاتارلىق كىشىلەر قولغا ئېلىنىپ مەردلەرچە قۇربان بولغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#