رۇسسو
فرانسىيەنىڭ 18-ئەسىردىكى ئەڭ مەشھۇر پەيلاسوپ، مائارىپچى، ئەدىب، بۇرژۇئا ئاقارتىش مۇتەپەككۇرى رۇسسو ئۆزىنىڭ قەبرە تېشىغا «بۇ يەردە تەبىئەتنى ۋە ھەقىقەتنى سۆيىدىغان بىر ئادەم ئۇخلاپ ياتىدۇ» دەپ يېزىشنى ۋەسىيەت قىلغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
رۇسسو (1712-1778-يىللار) فرانسىيە لىك ئاقارتىش مۇتەپەككۇرى، پەيلاسوپ، مائارىپچى، ئەدىب. ئۇنىڭ ئەجدادى فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ زىيانكەشلىكى تۈپەيلى فرانسىيەدىن سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كېتىپ، جەنۋەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئۇ سائەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، سىستېمىلىق تەربىيە ئالالماي، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ مول بىلىم ئىگىلىگەن. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىنى ئاچارچىلىق، سوغۇق، سەرسان-سەرگەردانلىقتا ئۆتكۈزگەن، شاگىرت بولۇپ، ئىشلەمچىلىك قىلىپ دېگەندەك جاھاننىڭ ئىسسىق-سوغۇقلىرىنى يەتكۈچە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. مانا مۇشۇنداق كەچۈرمىشلەر ئارقىلىق، ئۇ جەمئىيەت بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىپ، ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى چۈشىنىپ يەتكەن، فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ زۇلمەتلىكلىكىنى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر خىل باراۋەرسىزلىكنى كۆرۈپ يېتىپ، فېئوداللىق تۈزۈمگە قارشى مۇستەھكەم ئاڭ يېتىلدۈرگەن.
ئۇ كىتاب ئوقۇشقا ئىنتايىن ھېرىسمەن بولۇپ، ھەر خىل ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز باش قاتۇرغان. ئەمما، ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئىجتىھاتى جەمئىيەتتىكىلەر تەرىپىدىن ئۇزاققىچە ئېتىراپ قىلىنمىغان. 1750-يىلى، ئۇ بىر قېتىملىق ماقالە قوبۇل قىلىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ 1-لىككە ئېرىشكەندىن كېيىن، بىراقلا شۆھرەت قازانغان. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە نامرات تۇرمۇشىنى مەڭگۈ ساقلاپ قېلىش، بايلىق ۋە نام-ئابرۇيغا بېرىلمەسلىك، فېئودال كۈچلەر بىلەن بىر يولدا مېڭىپ ئۆزىنى بۇلغىماسلىققا ئىرادە باغلىغان. 1752-يىلى ئۇ ئىجاد قىلغان بىر دراما سەھنىدە ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوينالغان، فرانسىيە پادىشاھى لۇئى ئۇنىڭغا بىر يىللىق خىراجەت ئىنئام قىلغاندا، ئۇ بۇنى رەت قىلغان.
1761-يىلىدىن 1762-يىلىغىچە، ئۇ «پەن بىلەن سەنئەت توغرىسىدا»، «ئىنسانلار ئارىسىدىكى تەڭسىزلىكنىڭ مەنبەسى ۋە ئاساسى»، «ئىجتىمائىي توختام توغرىسىدا» قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلەرنى ۋە «ئېمىل»، «يېڭى ئېيلوئېز» قاتارلىق پەلسەپىۋى رومانلارنى يازغان. «ئىجتىمائىي توختام توغرىسىدا» دېگەن ئەسەردە، ئۇ ئۆزىنىڭ دېموكراتىك سىياسىي ئىدىيەسىنى مەركەزلىك ئىپادىلەپ، فېئودال مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ ئەجەللىك يېرىنى قاتتىق قامچىلىغان. ئۇ ئادەم تۇغۇلۇشىدىلا باراۋەر ۋە ئەركىن بولىدۇ، ھەممە ھوقۇق خەلققە مەنسۇپ بولىدۇ، خەلق ئاممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلغان ھۆكۈمرانلارنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ئارقىلىق يوقىتىشقا ھوقۇقلۇق، دېگەن قاراشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ ئىدىيەسىدىكى دېموكراتىيە قارىشى شۇ دەۋردىكى نۇرغۇن تەرەققىيپەرۋەر، ئىلغار مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئىدىيەسىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىپ، فېئودال كۈچلەرنىڭ بىرلىشىپ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان. ئاقىۋەتتە، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كۆيدۈرۈلگەن، پارىژ دىنىي جەمئىيىتى ئۇنى توۋا قىلىشقا بۇيرۇغان، سوت مەھكىمىسى ئۇنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ شىۋېتسارىيە قاتارلىق جايلارغا قېچىپ بارغان، ئەمما يەنىلا شۇ جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ تۇرمۇش سەرگۈزەشتى بايان قىلىنغان «پۇشايمان» ناملىق ئەسەرنى يازغان، بۇ ئەسەر دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئۆزگىچە داڭلىق ئەسەر بولۇپ قالغان. ئۇ 1778-يىلى ۋاپات بولغان.
رۇسسو پۈتكۈل ھاياتىنى نامراتلىق ۋە بەختسىزلىك ئىچىدە ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىدىيىسى پۈتكۈل بىر تارىخىي دەۋرگە يورۇقلۇق ئاتا قىلغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.