جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تۆلىمى قانۇنى

دۆلەت تۆلىمى قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تۆلىمى قانۇنى 2012–يىلى 10–ئاينىڭ 26–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29–قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تۆلىمى قانۇنى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2012–يىلى 10–ئاينىڭ 26–كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2013–يىلى 1–ئاينىڭ 1–كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国国家赔偿法
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2012–يىلى 10–ئاينىڭ 26–كۈنى
ھۆججەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 68–نومۇرلۇق پەرمانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

2012–يىلى 10–ئاينىڭ 26–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29–قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 68–نومۇرلۇق پەرمانى

«مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تۆلىمى قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» 2012–يىلى 10–ئاينىڭ 26–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29–يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2013–يىلى 1–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

2012–يىلى 10–ئاينىڭ 26–كۈنى

1–باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1–ماددا بۇ قانۇن پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇن بويىچە دۆلەت تۆلىمى ئېلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىگە تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

2–ماددا دۆلەت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئەتىگە چېقىلىش ئەھۋاللىرىدىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەنلىرىنى سادىر قىلىپ زىيان سالسا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى مۇشۇ قانۇن بويىچە دۆلەت تۆلىمى ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى تۆلەم مەجبۇرىيىتىنى مۇشۇ قانۇن بويىچە ۋاقتىدا ئادا قىلىشى كېرەك.

2–باب مەمۇرىي تۆلەم

1–پاراگراف تۆلەم دائىرىسى

3–ماددا مەمۇرىي ئورگانلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرىدا مەمۇرىي خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە، جىسمانىي ھوقۇققا چېقىلىدىغان تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، زىيانغا ئۇچرىغۇچى تۆلەم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ:

(1) قانۇنغا خىلاپ ھالدا توختىتىپ قويسا ياكى پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا قوللانسا؛

(2) قانۇنسىز قاماپ قويسا ياكى پۇقرالارنى جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن باشقا ئۇسۇللار بىلەن قانۇنسىز مەھرۇم قىلسا؛

(3) ئۇرۇش، خورلاش قاتارلىق قىلمىشلار ياكى باشقىلارنى ئۇرۇش، خورلاشقا كۈشكۈرتۈش، يول قويۇشقا ئوخشاش قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، پۇقرالارنى زەخىملەندۈرۈپ قويسا ياكى ئۆلتۈرۈپ قويسا؛

(4) قورال ۋە ساقچى سايمانلىرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلىتىپ، پۇقرالارنى زەخىملەندۈرۈپ قويسا ياكى ئۆلتۈرۈپ قويسا؛

(5) پۇقرالارنى زەخىملەندۈرۈپ قويۇش ياكى ئۆلتۈرۈپ قويۇشتەك قانۇنغا خىلاپ باشقا قىلمىشلار.

4–ماددا مەمۇرىي ئورگانلار ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدا مەمۇرىي خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە، مال–مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىدىغان تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، زىيانغا ئۇچرىغۇچى تۆلەم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ:

(1) جەرىمانە قويۇش، ئىجازەتنامە ۋە تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇش، پۇل–مالنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى قاتارلىق مەمۇرىي جازالارنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا بەرسە؛

(2) مال–مۈلۈكنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىش تەدبىرى قاتارلىق مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا قوللانسا؛

(3) مال–مۈلۈكنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئالسا، ئېلىپ ئىشلەتسە؛

(4) مال–مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان قانۇنغا خىلاپ باشقا قىلمىشلار.

5–ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، دۆلەت تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ:

(1) مەمۇرىي ئورگان خادىملىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە مۇناسىۋەتسىز شەخسىي ھەرىكىتى؛

(2) پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز ھەرىكىتىدىن بولغان زىيان؛

(3) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

2–پاراگراف تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى ۋە تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى

6–ماددا زىيانغا ئۇچرىغان پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

زىيانغا ئۇچرىغان پۇقرا ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ ۋارىسى ۋە بېقىش مۇناسىۋىتى بار باشقا تۇغقانلىرى تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

زىيانغا ئۇچرىغان قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات ئاخىرلاشسا، ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالغۇچى تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

7–ماددا مەمۇرىي ئورگانلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرى مەمۇرىي خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئەتىگە چېقىلىپ، ئۇلارنى زىيانغا ئۇچراتسا، شۇ مەمۇرىي ئورگان تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى بولىدۇ.

ئىككىدىن ئارتۇق مەمۇرىي ئورگان خىزمەت ھوقۇقىنى بىرلىكتە يۈرگۈزگەندە، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئەتىگە چېقىلىپ، ئۇلارنى زىيانغا ئۇچراتسا، مەمۇرىي خىزمەت ھوقۇقىنى بىرلىكتە يۈرگۈزگەن مەمۇرىي ئورگان ئورتاق تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى بولىدۇ.

قانۇن–نىزاملاردا ھوقۇق بېرىلگەن تەشكىلات بېرىلگەن مەمۇرىي ھوقۇقنى يۈرگۈزگەندە، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئەتىگە چېقىلىپ، ئۇلارنى زىيانغا ئۇچراتسا، ھوقۇق بېرىلگەن تەشكىلات تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى بولىدۇ.

مەمۇرىي ئورگاننىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلغان تەشكىلات ياكى شەخس ھاۋالە قىلىنغان مەمۇرىي ھوقۇقنى يۈرگۈزگەندە، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىگە چېقىلىپ، ئۇلارنى زىيانغا ئۇچراتسا، ھاۋالە قىلغان مەمۇرىي ئورگان تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى بولىدۇ.

تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسا، ئۇنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى داۋاملىق يۈرگۈزىدىغان مەمۇرىي ئورگان تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى داۋاملىق يۈرگۈزىدىغان مەمۇرىي ئورگان بولمىسا، شۇ تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان مەمۇرىي ئورگان تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى بولىدۇ.

8–ماددا قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان قايتا قاراپ چىققان بولسا، ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنى دەسلەپتە سادىر قىلغان مەمۇرىي ئورگان تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى بولىدۇ، لېكىن، قايتا قاراپ چىققان ئورگاننىڭ قايتا قاراپ چىقىش قارارى بىلەن زىيان ئېغىرلىشىپ كەتكەن بولسا، ئېغىرلىشىپ كەتكەن قىسمىنىڭ تۆلەم مەجبۇرىيىتىنى قايتا قاراپ چىققان ئورگان ئادا قىلىدۇ.

 3–پاراگراف تۆلەم تەرتىپى

9–ماددا تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنىدا مۇشۇ قانۇننىڭ 3–، 4–ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنىڭ بىرى بولسا، ئۇ، تۆلەم بېرىشى كېرەك.

تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى تۆلەم تەلىپىنى ئاۋۋال تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنىغا قويۇشى كېرەك، بۇ تەلىپىنى مەمۇرىي قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغان ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلغاندا بىللە قويسىمۇ بولىدۇ.

10-ماددا تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى ئورتاق تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنىنىڭ ھەرقاندىقىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىۋېرىدۇ، شۇ تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى تۆلەم بېرىپ تۇرۇشى كېرەك.

11–ماددا تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى ئۇچرىغان زىيىنىغا قاراپ، بىر نەچچە تۆلەم تەلىپىنى بىرلا ۋاقىتتا قويسا بولىدۇ.

12–ماددا تۆلەم تەلەپ قىلىشتا ئىلتىماس سۇنۇش، ئىلتىماسقا تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى يېزىش كېرەك:

(1) زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، جىنسى، يېشى، ئىشلەيدىغان ئورنى، ئولتۇرۇشلۇق جايى، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ نامى، تۇرۇشلۇق جايى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ياكى ئاساسلىق مەسئۇلىنىڭ ئىسىم–فامىلىسى، ۋەزىپىسى؛

(2) كونكرېت تەلىپى، پاكىت ئاساسى ۋە سەۋەبى؛

(3) ئىلتىماس قىلغان يىل، ئاي، كۈن.تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلاردىن ئىلتىماس يازالمايدىغانلىرى باشقىلارغا يازدۇرسا بولىدۇ؛ ئاغزاكى ئىلتىماس قىلسا، تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى خاتىرىلەپ قويسىمۇ بولىدۇ.

تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلاردىن ئۆزى زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئەمەسلىرى زىيانغا ئۇچرىغۇچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈشى ھەمدە ئىسپاتىنى بېرىشى كېرەك.

تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلاردىن ئىلتىماسنى ئۆزى ئاپىرىپ بەرگەنلىرىگە تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى شۇ مەمۇرىي ئورگاننىڭ مەخسۇس تامغىسى بېسىلغان ھەمدە تاپشۇرۇۋالغان كۈن ئەسكەرتىلگەن ئىسپاتنى بېرىشى كېرەك، ئىلتىماس ماتېرىيالى تولۇق بولمىغانلىرىغا تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى تولۇقلايدىغان ھەممە مەزمۇننى شۇ يەردىلا ياكى بەش كۈن ئىچىدە بىر يولىلا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

13–ماددا تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئىككى ئاي ئىچىدە تۆلەم بېرىش–بەرمەسلىك ھەققىدە قارار چىقىرىشى كېرەك. تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى تۆلەم قارارى چىقىرىشتا، تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلىشى كېرەك ھەمدە تۆلەم ئۇسۇلى، تۆلەم تۈرى ۋە تۆلەم سوممىسىنى مۇشۇ قانۇننىڭ 4–بابىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى بىلەن كېڭەشسە بولىدۇ.

تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى تۆلەم بېرىشنى قارار قىلىشتا، تۆلەم قارارى تەييارلىشى ھەمدە ئۇنى تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىغا قارار چىقارغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى تۆلەم بەرمەسلىكنى قارار قىلغاندا، تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىغا قارار چىقارغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە تۆلەم بەرمەسلىك ئاساسىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك.

14–ماددا تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى تۆلەم بېرىش –بەرمەسلىك ھەققىدە بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە قارار چىقارمىسا، تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى مۆھلەت توشقان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىنىڭ تۆلەم ئۇسۇلى، تۆلەم تۈرى، تۆلەم سوممىسىغا باشقىچە پىكرى بولسا ياكى تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى تۆلەم بەرمەسلىك ھەققىدە قارار چىقارغان بولسا، تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى تۆلەم بېرىش ياكى تۆلەم بەرمەسلىك قارارى چىقارغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

15–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي تۆلەم دېلولىرىنى قاراپ چىققاندا، تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى ۋە تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى ئۆزىنىڭ تەشەببۇسى ئۈچۈن دەلىل–ئىسپات كۆرسىتىشى كېرەك.تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش ياكى جىسمانىي ئەركىنلىكنى چەكلەش مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللانغان مەزگىلدە، جىسمانىي ئەركىنلىكى چەكلەنگەن كىشى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قالغان بولسا، تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن جىسمانىي ئەركىنلىكى چەكلەنگەن كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ياكى ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قېلىشى ئوتتۇرىسىدا سەۋەب–نەتىجە مۇناسىۋىتى بار يوقلۇقى ھەققىدە دەلىل–ئىسپات كۆرسىتىشى كېرەك.

16–ماددا تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى زىياننى تۆلىگەندىن كېيىن، قەستەنلىكى ياكى زور سەۋەنلىكى بولغان خادىم ياكى ھاۋالە قىلىنغان تەشكىلات ياكى شەخسنى تۆلەم خىراجىتىنىڭ بىر قىسمى ياكى ھەممىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقا بۇيرۇشى كېرەك.

قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك جاۋابكارلىقى بارلارغا ئالاقىدار ئورگان قانۇن بويىچە چارە كۆرۈشى كېرەك؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش كېرەك.

3–باب جىنايى ئىشلار تۆلىمى

1–پاراگراف تۆلەم دائىرىسى

17–ماددا تەھقىقلەش، تەپتىش قىلىش، سوت قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگۈچى ئورگانلار، شۇنىڭدەك قاماقخانا، تۈرمە باشقۇرغۇچى ئورگانلار ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدا خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە، جىسمانىي ھوقۇققا چېقىلىدىغان تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلسە، زىيانغا ئۇچرىغۇچى تۆلەم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ:

(1) جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، پۇقرالارغا توختىتىپ قويۇش تەدبىرى قوللانغان بولسا ياكى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدا بەلگىلەنگەن شەرت ۋە تەرتىپ بويىچە، پۇقرالارغا توختىتىپ قويۇش تەدبىرى قوللانغان بولسىمۇ، توختىتىپ قويۇش ۋاقتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ۋاقىت چېكىدىن ئېشىپ كېتىپ، كېيىن دېلونى بىكار قىلغان، ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلغان ياكى ھۆكۈم ئارقىلىق گۇناھسىز دەپ جاكارلاپ، جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشنى ئاخىرلاشتۇرغان بولسا؛

(2) پۇقرالارغا قولغا ئېلىش تەدبىرى قوللىنىلغاندىن كېيىن، دېلونى بىكار قىلغان، ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلغان ياكى ھۆكۈم ئارقىلىق گۇناھسىز دەپ جاكارلاپ، جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشنى ئاخىرلاشتۇرغان بولسا؛

(3) سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە، يېڭىباشتىن سوت قىلىپ، گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم ئۆزگەرتكەندە، ئەسلىي ھۆكۈمدىكى جىنايى جازا ئىجرا قىلىنىپ بولغان بولسا؛

(4) قىيناپ سوراق قىلىپ ئىقرار قىلدۇرۇش، ئۇرۇش، خورلاش قاتارلىق قىلمىشلار ياكى باشقىلارنى ئۇرۇشقا، خورلاشقا كۈشكۈرتۈش ۋە ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشىغا يول قويۇش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، پۇقرالارنى زەخىملەندۈرۈپ قويغان ياكى ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا؛(5) قورال، ساقچى سايمانلىرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلىتىپ، پۇقرالارنى زەخىملەندۈرۈپ قويغان ياكى ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا.

18–ماددا تەھقىقلەش، تەپتىش قىلىش، سوت قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگۈچى ئورگانلار، شۇنىڭدەك قاماقخانا، تۈرمە باشقۇرغۇچى ئورگانلار ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدا خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە، مال–مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىدىغان تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، زىيانغا ئۇچرىغۇچى تۆلەم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ:

(1) مال–مۈلۈكنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىش، يىغىۋېلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا قوللانغان بولسا؛

(2) سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە، يېڭىباشتىن سوت قىلىپ، گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم ئۆزگەرتكەندە، ئەسلىي ھۆكۈمدىكى شىتراف قويۇش، مال–مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولغان بولسا.

19–ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلسە، دۆلەت تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ:

(1) پۇقرالار ئۆزى قەستەن يالغان ئىقرار قىلغانلىقتىن ياكى مەن گۇناھلىق دەپ باشقا دەلىل – ئىسپاتلارنى ئويدۇرغانلىقتىن قاماپ تۇرۇلغان ياكى جىنايى جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان بولسا؛

(2) جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 17–، 18–ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدىغانلار قاماپ تۇرۇلغان بولسا؛

(3) جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 15–ماددىسى، 173–ماددىسىنىڭ 2–تارمىقى، 273–ماددىسىنىڭ 2–تارمىقى، 279–ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلمايدىغانلار قاماپ تۇرۇلغان بولسا؛

(4) تەھقىقلەش، تەپتىش قىلىش، سوت قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگۈچى ئورگاننىڭ خادىملىرى، شۇنىڭدەك قاماقخانا، تۈرمە باشقۇرغۇچى ئورگاننىڭ خادىملىرى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە مۇناسىۋەتسىز شەخسىي ھەرىكەت قىلغان بولسا؛

(5) پۇقرالارنىڭ زەخىملىنىۋېلىش، مېيىپ بولۇۋېلىش قاتارلىق قەستەن قىلمىشىدىن زىيان پەيدا بولغان بولسا؛

(6) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

2–پاراگراف تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى ۋە تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى

20–ماددا تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى مۇشۇ قانۇننىڭ 6-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىلىدۇ.

21–ماددا تەھقىقلەش، تەپتىش قىلىش، سوت قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگۈچى ئورگانلار، شۇنىڭدەك قاماقخانا، تۈرمە باشقۇرغۇچى ئورگانلار ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئەتىگە چېقىلىپ، ئۇلارنى زىيانغا ئۇچراتسا، شۇ ئورگان تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى بولىدۇ.پۇقراغا توختىتىپ قويۇش تەدبىرى قوللىنىپ، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، دۆلەت تۆلىمى بېرىلىدىغان بولسا، توختىتىپ قويۇش قارارى چىقارغان ئورگان تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى بولىدۇ.پۇقرالارغا قولغا ئېلىش تەدبىرى قوللانغاندىن كېيىن، دېلونى بىكار قىلىش، ئەيىبلىمەسلىك قارار قىلىنغان ياكى گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم چىقىرىپ جاكارلانغان بولسا، قولغا ئېلىش قارارى چىقارغان ئورگان تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى بولىدۇ.يېڭىباشتىن سوت قىلىپ گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم ئۆزگەرتىلگەن بولسا، ئەسلىي كۈچكە ئىگە ھۆكۈمنى چىقارغان خەلق سوت مەھكىمىسى تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى بولىدۇ. 2–سوتتا گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم ئۆزگەرتىلگەن، شۇنىڭدەك 2–سوتتا قايتا سوت قىلىشقا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن گۇناھسىز دەپ بىر تەرەپ قىلىنغان بولسا، 1–سوتتا گۇناھلىق دەپ ھۆكۈم چىقارغان خەلق سوت مەھكىمىسى تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى بولىدۇ.

3–پاراگراف تۆلەم تەرتىپى

22–ماددا تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنىدا مۇشۇ قانۇننىڭ 17–، 18–ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنىڭ بىرى بولسا، ئۇ، تۆلەم بېرىشى كېرەك.تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى تۆلەم تەلىپىنى ئاۋۋال تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنىغا قويۇشى كېرەك.تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىنىڭ تۆلەم تەلىپىگە مۇشۇ قانۇننىڭ 11–، 12–ماددىسىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

23–ماددا تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئىككى ئاي ئىچىدە، تۆلەم بېرىش–بەرمەسلىكنى قارار قىلىشى كېرەك.تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى تۆلەم قارارى چىقىرىشتا، تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلىشى كېرەك ھەمدە تۆلەم ئۇسۇلى، تۆلەم تۈرى ۋە تۆلەم سوممىسىنى مۇشۇ قانۇننىڭ 4–بابىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى بىلەن كېڭەشسە بولىدۇ.تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى تۆلەم بېرىشنى قارار قىلىشتا، تۆلەم قارارى تەييارلىشى ھەمدە ئۇنى قارار چىقارغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى تۆلەم بەرمەسلىكنى قارار قىلغان بولسا، قارار چىقارغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە تۆلەم بەرمەسلىك ئاساسىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك.

24–ماددا تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۆلەم بېرىش–بەرمەسلىك ھەققىدە قارار چىقارمىسا، تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى مۆھلەت توشقان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنىنىڭ بىر دەرىجە يۇقىرى ئورگىنىغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىنىڭ تۆلەم ئۇسۇلى، تۆلەم تۈرى، تۆلەم سوممىسىغا باشقىچە پىكرى بولسا ياكى تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى تۆلەم بەرمەسلىك ھەققىدە قارار چىقارغان بولسا، تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى تۆلەم بېرىش ياكى تۆلەم بەرمەسلىك ھەققىدە قارار چىقارغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنىنىڭ بىر دەرىجە يۇقىرى ئورگىنىغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى خەلق سوت مەھكىمىسى بولسا، تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى تۆلەم قارارى چىقىرىپ بېرىشنى مۇشۇ ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئۇنىڭدىن بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تۆلەم ھەيئىتىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

25–ماددا قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئىككى ئاي ئىچىدە قارار چىقىرىشى كېرەك.تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلاردىن قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان تۇرۇشلۇق جايدىكى تەڭ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تۆلەم ھەيئىتىگە تۆلەم قارارى چىقىرىپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان مۆھلەت ئۆتسىمۇ قارار چىقارمىسا، تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى مۆھلەت توشقان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان تۇرۇشلۇق جايدىكى تەڭ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تۆلەم ھەيئىتىگە تۆلەم قارارى چىقىرىپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

26–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تۆلەم ھەيئىتى تۆلەم ئىلتىماسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى ۋە تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى ئۆزلىرىنىڭ تەشەببۇسى ئۈچۈن دەلىل–ئىسپات كۆرسىتىشى كېرەك.قاماپ تۇرۇلغۇچى قاماپ تۇرۇلغان مەزگىلدە ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قالغان بولسا، تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى ئۆز ھەرىكىتى بىلەن قاماپ تۇرۇلغۇچىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ياكى ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قېلىشى ئوتتۇرىسىدا سەۋەب–نەتىجە مۇناسىۋىتى بار–يوقلۇقى ھەققىدە دەلىل–ئىسپات كۆرسىتىشى كېرەك.

27–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تۆلەم ھەيئىتى تۆلەم ئىلتىماسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، يازما تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا، ئالاقىدار ئورۇن ۋە كىشىلەردىن ئەھۋال ئىگىلىسە، دەلىل–ئىسپات توپلىسا بولىدۇ. تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى بىلەن تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى ئوتتۇرىسىدا زىيان پاكىتى، شۇنىڭدەك سەۋەب–نەتىجە مۇناسىۋىتى ئۈستىدە تالاش–تارتىش كۆرۈلگەندە، تۆلەم ھەيئىتى تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى ۋە تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنىنىڭ بايانىنى، ئاقلىنىش پىكرىنى ئاڭلىسا ھەمدە يۈزلەشتۈرسە بولىدۇ.

28–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تۆلەم ھەيئىتى تۆلەم ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە قارار چىقىرىشى كېرەك؛ قىيىن، مۇرەككەپ، چوڭ دېلولاردا ۋاقىتنى شۇ مەھكىمە باشلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۈچ ئاي ئۇزارتىشقا بولىدۇ.

29–ماددا ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىدە تۆلەم ھەيئىتى قۇرۇلىدۇ. ئۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۈچتىن ئارتۇق سوتچىسىدىن تەركىب تاپىدۇ، تەركىبىدىكىلەرنىڭ سانى تاق بولۇشى كېرەك.تۆلەم ھەيئىتى تۆلەم قارارى چىقىرىشتا، ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنۇش پىرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ.تۆلەم ھەيئىتىنىڭ تۆلەم قارارى قانۇن كۈچىگە ئىگە قارار بولۇپ، ئۇنى ئىجرا قىلىش شەرت.

30–ماددا تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى ياكى تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى تۆلەم ھەيئىتىنىڭ قارارىدا ھەقىقەتەن خاتالىق بار دەپ قارىسا، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تۆلەم ھەيئىتىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ.تۆلەم ھەيئىتىنىڭ تۆلەم قارارى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، تۆلەم قارارىدا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىنغانلىقى بايقالسا، شۇ مەھكىمە باشلىقىنىڭ قارارى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن، تۆلەم ھەيئىتى ئىككى ئاي ئىچىدە قايتا تەكشۈرۈشى ھەمدە قانۇن بويىچە قارار چىقىرىشى كېرەك، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تۆلەم ھەيئىتىمۇ بىۋاسىتە تەكشۈرسە ھەمدە قارار چىقارسا بولىدۇ.ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى تۆلەم ھەيئىتىنىڭ قارارىدا، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى تۆلەم ھەيئىتى چىقارغان قاراردا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىنغانلىقىنى بايقىسا، تەڭ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تۆلەم ھەيئىتىگە پىكرىنى قويۇشى، تەڭ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تۆلەم ھەيئىتى ئىككى ئاي ئىچىدە قايتا تەكشۈرۈشى ھەمدە قانۇن بويىچە قارار چىقىرىشى كېرەك.

31–ماددا تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى تۆلەم بەرگەندىن كېيىن، تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلگەن خادىملاردىن تۆلەم خىراجىتىنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى تۆلىتىۋېلىشى كېرەك:

(1) مۇشۇ قانۇننىڭ 17–ماددىسىنىڭ (4)، (5) تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلسە؛

(2) دېلو بېجىرىشتە خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، قانۇننى بۇزۇپ كېسىم چىقارغان بولسا.ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلگەن جاۋابكارلارغا ئالاقىدار ئورگان قانۇن بويىچە چارە كۆرۈشى كېرەك؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش كېرەك.

4–باب تۆلەم بېرىش ئۇسۇلى ۋە ھېسابلاش ئۆلچىمى

32–ماددا دۆلەت تۆلىمىدە تۆلەم پۇلى بېرىش ئۇسۇلى ئاساسلىق ئۇسۇل قىلىنىدۇ.

مال–مۈلۈكنى قايتۇرۇپ بەرگىلى ياكى ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرگىلى بولسا، مال–مۈلۈك قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ ياكى ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈپ بېرىلىدۇ.

33–ماددا پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە چېقىلىنغان بولسا، ھەر كۈنلۈك تۆلەم پۇلى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن ئالدىنقى يىللىق كۈندىلىك ئوتتۇرىچە مائاشى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

34–ماددا پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق ھوقۇقىغا چېقىلىنغان بولسا، تۆلەم پۇلى تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە ھېسابلىنىدۇ:

(1) جىسمانىي جەھەتتە زەخىملەنگەن بولسا، داۋالىنىش پۇلى، قاراش ھەققى، شۇنىڭدەك ئىشتىن قېلىپ كېمىيىپ كەتكەن كىرىمنى بېرىش كېرەك. كېمىيىپ كەتكەن كىرىم ئۈچۈن بېرىلىدىغان كۈندىلىك تۆلەم پۇلى ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن ئالدىنقى يىللىق كۈندىلىك ئوتتۇرىچە مائاشى بويىچە ھېسابلىنىدۇ، ئەڭ يۇقىرى سوممىسى ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن ئالدىنقى يىلىدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ بەش ھەسسىسى بويىچە بولىدۇ؛

(2) ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي قالغان بولسا، داۋالىنىش پۇلى، قاراش ھەققى، مېيىپلەرنىڭ تۇرمۇش قوشۇمچە سايمانلىرى خىراجىتى، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىراجىتى قاتارلىق مېيىپلىك سەۋەبىدىن كۆپەيگەن زۆرۈر چىقىم ۋە داۋاملىق داۋالىنىشقا كېرەكلىك خىراجەتنى، شۇنىڭدەك مېيىپلىك تۆلەم پۇلىنى بېرىش كېرەك. مېيىپلىك تۆلەم پۇلى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قېلىش دەرىجىسىگە قاراپ، دۆلەت بەلگىلىگەن مېيىپلىك دەرىجىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا، ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن ئالدىنقى يىلىدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ 20 ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئەمگەك ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي قالغان بولسا، ئۇلار بېقىۋاتقان ئەمگەك ئىقتىدارى يوقلارغىمۇ تۇرمۇش پۇلى بېرىش كېرەك؛

(3) ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئۆلۈم تۆلەم پۇلى، دەپنە پۇلى بېرىش كېرەك، ئومۇمىي سوممىسى ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن ئالدىنقى يىلىدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ 20 ھەسسىسى بويىچە بولىدۇ. ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا باققان ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغانلارغىمۇ تۇرمۇش پۇلى بېرىش كېرەك.ئالدىنقى تارماقنىڭ (2)، (3) تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن تۇرمۇش پۇلى بېرىش ئۆلچىمىدە شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىلىدۇ. بېقىلغۇچى قۇرامىغا يەتمىگەن بولسا، تۇرمۇش پۇلى 18 ياشقىچە بېرىلىدۇ؛ ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان باشقا كىشىلەرگە تۇرمۇش پۇلى شۇ كىشى ئۆلۈپ كەتكەنگە قەدەر بېرىلىدۇ.

35–ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 3–ماددىسى ياكى 17–ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، بىراۋ روھىي زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنىڭ تەسىر دائىرىسىدە، زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئۈچۈن تەسىرنى تۈگىتىش، نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كەچۈرۈم سوراش كېرەك؛ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىققان بولسا، شۇنىڭغا تۇشلۇق روھىي زىيان تەسەللى پۇلى بېرىش كېرەك.

36–ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مال–مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىنىپ، زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ:

(1) جەرىمانە، شىتراف قويۇلىدۇ، يىغىۋېلىنىدۇ، مۇسادىرە قىلىنىدۇ ياكى مال – مۈلۈك قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئېلىنغان، ئېلىپ ئىشلىتىلگەن بولسا، مال–مۈلۈك قايتۇرغۇزۇلىدۇ؛

(2) مال–مۈلۈك پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىۋېلىنغان، توڭلىتىۋېتىلگەن بولسا، مال–مۈلۈكنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىش بىكار قىلىنىدۇ، مال–مۈلۈك بۇزۇلغان ياكى يوقاپ كەتكەن بولسا، مۇشۇ ماددىنىڭ (3)، (4) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆلىتىلىدۇ؛

(3) قايتۇرۇلىدىغان مال–مۈلۈك بۇزۇلغان بولسا، ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىرى ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرگۈزۈلىدۇ، ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىرىغا زىيانغا ئۇچراش دەرىجىسىگە قاراپ تۆلەم پۇلى بەرگۈزۈلىدۇ؛

(4) قايتۇرۇلغان مال–مۈلۈك يوقاپ كەتكەن بولسا، شۇنىڭغا تۇشلۇق تۆلەم پۇلى بەرگۈزۈلىدۇ؛

(5) مال–مۈلۈك كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغان ياكى سېتىۋېتىلگەن بولسا، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ ياكى سېتىۋېتىپ تاپقان پۇل بېرىلىدۇ؛ سېتىۋېتىپ تاپقان پۇل مال–مۈلۈك قىممىتىدىن بەك تۆۋەن بولۇپ قالغان بولسا، شۇنىڭغا تۇشلۇق تۆلەم پۇلى بېرىش كېرەك؛

(6) ئىجازەتنامە، تىجارەت كىنىشكىسى بىكار قىلىنغان، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇلغان بولسا، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى توختاتقان مەزگىلدىكى دائىملىق زۆرۈر چىقىم تۆلەتكۈزۈلىدۇ؛

(7) ئېلىنغان جەرىمانە پۇل ياكى شىتراف، يىغىۋېلىنغان ياكى مۇسادىرە قىلغان پۇل، توڭلىتىش تەدبىرى بىكار قىلىنغان پۇل ياكى پېرېۋوت پۇل قايتۇرۇلىدىغان بولسا، بانكىنىڭ شۇ مەزگىلدىكى ئامانەت پۇل ئۆسۈمىنى بېرىش كېرەك؛

(8) مال–مۈلۈك ھوقۇقىغا باشقا زىيان سالغان بولسا، بىۋاسىتە زىيان بويىچە تۆلەم بېرىلىدۇ.

37–ماددا تۆلەم خىراجىتى ھەر دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى كۈچكە ئىگە ھۆكۈمنامە، قايتا قاراپ چىقىش قارارى، تۆلەم قارارى ياكى مۇرەسسەنامىگە ئاساسەن، تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنىغا تۆلەم پۇلى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى تۆلەم پۇلى بېرىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە، خامچوت باشقۇرۇش ھوقۇقى دائىرىسى بويىچە ئالاقىدار مالىيە تارمىقىغا تۆلەم پۇلى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. مالىيە تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە تۆلەم پۇلى بېرىشى كېرەك.

تۆلەم خىراجىتى خامچوتىنى ۋە تۆلەم بېرىشنى باشقۇرۇش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

5–باب باشقا بەلگىلىمىلەر

38–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ دەۋاسى، مەمۇرىي دەۋا جەريانىدا، دەۋاغا دەخلى قىلغۇچىلارغا مەجبۇرلاش تەدبىرى، ئامان ساقلاش تەدبىرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا قوللىنىپ ياكى ھۆكۈم، كېسىم ۋە كۈچكە ئىگە باشقا قانۇن ھۆججەتلىرىنى خاتا ئىجرا قىلىپ، زىيان پەيدا قىلغان بولسا، تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىنىڭ تۆلەم تەلەپ قىلىش تەرتىپىگە مۇشۇ قانۇننىڭ جىنايى ئىشلار تۆلەم تەرتىپىگە دائىر بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

39–ماددا تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىنىڭ دۆلەت تۆلىمى تەلەپ قىلىش ۋاقىت چېكى ئىككى يىل بولىدۇ، دۆلەت ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەن چاغدىكى ھەرىكىتىنىڭ ئۆزىنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مال–مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلغانلىقىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ، لېكىن، قاماپ تۇرۇلۇش قاتارلىق جىسمانىي ئەركىنلىكى چەكلەنگەن ۋاقىت بۇنىڭغا قوشۇپ ھېسابلانمايدۇ. مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغان ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلغاندا، تۆلەم تەلىپىنىمۇ قويۇشقا مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قانۇنى، مەمۇرىي دەۋا قانۇنىدىكى ۋاقىت چېكىگە ئائىت بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلار تۆلەم تەلەپ قىلىش ۋاقىت چېكىنىڭ ئاخىرقى ئالتە ئېيىدا، تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئامىل ياكى باشقا توسالغۇ سەۋەبىدىن، تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلمىسە، ۋاقىت چېكى توختىتىپ تۇرۇلىدۇ. ۋاقىت چېكىنى توختىتىپ تۇرۇش سەۋەبى تۈگىگەن كۈندىن باشلاپ، تۆلەم تەلەپ قىلىش ۋاقىت چېكى ئۇلاپ ھېسابلىنىدۇ.

40–ماددا چەت ئەللىكلەر، چەت ئەل كارخانىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىن دۆلەت تۆلىمى تەلەپ قىلىشتا، مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ. چەت ئەللىكلەر، چەت ئەل كارخانىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى قاراشلىق دۆلەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى، قانۇنىي ئىگىلىرى ۋە باشقا تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇ دۆلەتتىن تەلەپ قىلغان دۆلەت تۆلىمى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى قوغدىمىسا ياكى چەكلىسە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شۇ چەت ئەللىك، چەت ئەل كارخانىسى ۋە تەشكىلاتى قاراشلىق دۆلەتنىڭكىگە ئوخشاش پىرىنسىپنى يولغا قويىدۇ.

6–باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

41–ماددا تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى دۆلەت تۆلىمى تەلەپ قىلسا، تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى، قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان ۋە خەلق سوت مەھكىمىسى تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىدىن ھېچقانداق ھەق ئالسا بولمايدۇ.

تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى ئالغان تۆلەم پۇلىدىن باج ئېلىنمايدۇ.

42–ماددا بۇ قانۇن 1995–يىلى 1–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#