پارىژ ساھىلى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
پارىژ ساھىلى پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا چىقارغان بىر ساياھەتچىلىك پىلانى بولۇپ، 2002-يىلىدىن بېرى يولغا قويۇلۇپ كېلۋاتقان. ھەر يىلى 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىدىن 8-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت يولغا قويۇلغان بۇ سۈنئى ساھىل سەينا دەرياسى قىرغىقىنى بويلاپ 3 يېرىم كېلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا قۇرۇلغان.
پارىژ ساھىلىنىڭ قۇرۇلمىسى ھەر يىلى يېڭى بىر تۈستە تۈزۈلىدۇ. ئادەتتە ياغاچ ساھىل، قۇم ساھىل، يېشىل ساھىل ۋە تۇپراق ساھىلى دەپ تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ. پارىژنىڭ ئەڭ گۈزەل مەنزىرە رايونلىرىنى ئايلىنىپ قۇرۇلغان بۇ سۈنئى ساھىل بىر ئاي بويىچە پارىژلىقلار ۋە چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگە ئارام بېغىشلايدۇ. كۈندۈزلىرى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردا داڭلىق سەنئەتچىلەر، ئۇسسۇلچىلار، ناخشىچىلار بىكارلىق مەخسۇس كونسېرت بېرىدۇ. بارلىق چىقىمنى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالىدۇ. سەھەر سائەت سەككىزدىن كېچە سائەت 12 گىچە ھەقسىز ئېچىۋىتىلىدۇ.
پارىژ ساھىلى مەزگىلىدىن سىرت ۋاقىتلاردا، سەينا دەرياسى قىرغىقىنىڭ ئىككى تەرىپى ئادەتتە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ھېساپلىنىدۇ. ساھىل مەزگىلىدە، بارلىق قاتناش ۋاستىلىرى بۇ يولدا مەنئى قىلىنىدۇ. ئاخشاملىرى، ھاۋا بىر ئاز سالقىنلاشقاندا، ھەر ياشتىكى، ھەر تىپتىكى ئادەملەر دالا تامىقى يىگەچ كەچلىك مەنزىرىدىن ھوزۇرلانغىلى كېلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.