جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.


ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国反恐怖主义法
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن تېررورلۇق ھەرىكىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى جازالاش، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

2-ماددا دۆلەت ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورىزمغا قارشى تۇرىدۇ، تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، تېررورلۇق ھەرىكىتىنى تەشكىللىگەن، پىلانلىغان، يولغا قويماقچى بولغان، يولغا قويغان، تېررورىزمنى تەرغىب قىلغان، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قۇتراتقان، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان، قاتناشقان، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە ياردەم بەرگەنلەرنىڭ ھەرقاندىقىنى قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىدۇ.

دۆلەت ھەرقانداق تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورچىلار بىلەن مۇرەسسە قىلمايدۇ، ھەرقانداق تېررورچىنى قانات ئاستىغا ئالمايدۇ ياكى ئۇنىڭغا مۇساپىرلىق ئورنى بەرمەيدۇ.

3-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تېررورىزم زوراۋانلىق قىلىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش، قورقۇتۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن، جەمئىيەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلىش، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش، باشقىلارنىڭ جىسمانىيىتىگە ۋە مال-مۈلكىگە چېقىلىش ياكى دۆلەت ئورگانلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارغا تەھدىت سېلىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي، ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەشەببۇسى ۋە ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تېررورلۇق ھەرىكىتى تېررورىزم خاراكتېرىنى ئالغان تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ:

(1) كىشىلەرنى تالاپەتكە ئۇچرىتىش، زور مال-مۈلۈك زىيىنى پەيدا قىلىش، جامائەت ئەسلىھەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشتەك جەمئىيەتكە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى تەشكىللەش، پىلانلاش، يولغا قويماقچى بولۇش، يولغا قويۇش ياكى شۇنداق قىلىشقا ئۇرۇنۇش؛

(2) تېررورىزمنى تەرغىب قىلىش، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قۇترىتىش ياكى تېررورىزمنى تەرغىب قىلىدىغان بۇيۇملارنى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتۇش، باشقىلارنى جامائەت سورۇنىدا تېررورىزمنى تەرغىب قىلىدىغان كىيىم كىيىشكە، بەلگە تاقاشقا مەجبۇرلاش؛

(3) تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرۇش، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش، قاتنىشىش؛

(4) تېررورلۇق تەشكىلاتىغا، تېررورچىلارغا، تېررورلۇق ھەرىكىتى قىلىشقا ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتى بويىچە تەربىيەلەشكە ئۇچۇر، مەبلەغ، ئەشيا، ئەمگەك كۈچى، تېخنىكا، سورۇن جەھەتلەردىن مەدەت بېرىش، ياردەم بېرىش، قولايلىق يارىتىپ بېرىش؛

(5) باشقا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈچتىن ئارتۇق كىشى تېررورلۇق ھەرىكىتى قىلىش ئۈچۈن قۇرغان جىنايەت تەشكىلاتىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تېررورچىلار تېررورلۇق ھەرىكىتى قىلىدىغان ئادەم ۋە تېررورلۇق ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تېررورلۇق ۋەقەسى ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ياكى يۈز بەرگەن، ئېغىر ئىجتىمائىي خەۋپ پەيدا قىلغان ياكى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان تېررورلۇق ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.

4-ماددا دۆلەت تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشنى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسىگە كىرگۈزۈپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي، ئىقتىساد، قانۇن، مەدەنىيەت، مائارىپ، دىپلوماتىيە ۋاسىتىسى ۋە ھەربىي ۋاسىتە قوللىنىپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ. 

دۆلەت دىنىي ئەقىدىلەرنى بۇرمىلاش ياكى باشقا ئۇسۇل قوللىنىش ئارقىلىق ئۆچمەنلىككە قۇترىتىش، كەمسىتىشكە قۇترىتىش، زوراۋانلىقنى تەرغىب قىلىش قاتارلىق ھەرقانداق شەكىلدىكى ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ، تېررورىزمنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى يوقىتىدۇ.

5-ماددا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە مەخسۇس خىزمەت بىلەن ئاممىۋى خىزمەت لۇشيەنىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش ۋە دۈشمەنگە ئاۋۋال قول سېلىش، تەشەببۇسكار بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

6-ماددا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىشلەش، ئىنسانىي ھوقۇقنى ھۆرمەتلەش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش، پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك.

تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك، رايون، مىللەت، دىن قاتارلىقلارنى سەۋەب قىلىدىغان ھەرقانداق كەمسىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

7-ماددا دۆلەت تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى قۇرۇپ، مەملىكەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك ۋە قوماندانلىق قىلىدۇ.

رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى قۇرۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېھتىياجغا قاراپ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى قۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە قوماندانلىقىدا ئۆز جايىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

8-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، خەلق سوت مەھكىمىسى، ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ باشقا ئالاقىدار ئورگانلىرى ئىش تەقسىماتى بويىچە خىزمەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىشلەيدۇ.

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسمى ۋە خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتى مۇشۇ قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، نىزام، ھەربىي نىزامغا شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ھەمدە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.

ئالاقىدار تارماقلار بىرلەشمە ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كارخانا-كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا تايىنىپ ۋە ئۇلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئورتاق ئىشلىشى كېرەك.

9-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە ھەمكارلىشىش، ماسلىشىش مەجبۇرىيىتى بار، ئۇلار تېررورلۇق ھەرىكىتىنى گۇمان قىلغان ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتى گۇماندارىنى بايقىغان ھامان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ياكى ئالاقىدار تارماققا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

10-ماددا تېررورلۇق ھەرىكىتىنى پاش قىلىپ ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتىدىن مۇداپىئەلىنىش، ئۇنى توسۇشقا ياردەم بېرىپ كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ئورۇن ۋە شەخسلەر شۇنىڭدەك تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە باشقا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ئورۇن ۋە شەخسلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.

11-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تېررىتورىيەسىنىڭ سىرتىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە، پۇقرالارغا ياكى ئاپپاراتلارغا قارشى تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايىتى ئۆتكۈزۈلگەن ياكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن، قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىلەردە كۆرسىتىلگەن تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولسا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلارنى باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ.

2-باب تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورچىلارنى بېكىتىش 

12-ماددا دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى مۇشۇ قانۇننىڭ 3-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورچىلارنى بېكىتىدۇ، ئۇنى دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ئىش ئاپپاراتى ئېلان قىلىدۇ.

13-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى، دىپلوماتىيە تارمىقى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورچىلارنى بېكىتمەكچى بولسا، دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

14-ماددا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ۋە مۇئەييەن غەيرىي پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ئىش ئاپپاراتى ئېلان قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورچىلارنىڭ مەبلىغى ياكى باشقا مۈلكىنى دەرھال توڭلىتىۋېتىشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى ۋە پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

15-ماددا بېكىتىلگەن تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورچىلاردىن بېكىتمىگە قايىل بولمىغانلىرى دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ئىش ئاپپاراتى ئارقىلىق قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى ۋاقتىدا قايتا تەكشۈرۈپ، بېكىتمىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ياكى بىكار قىلىش ھەققىدە قارار چىقىرىشى كېرەك. قايتا تەكشۈرۈپ چىقىرىلغان قارار ئاخىرقى قارار بولىدۇ.

دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى بېكىتمىنى بىكار قىلغانلىقى ھەققىدە قارار چىقارغان بولسا، دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ئىش ئاپپاراتى ئېلان چىقىرىدۇ؛ مەبلەغ، مال-مۈلۈك توڭلىتىۋېتىلگەن بولسا، توڭلىتىش بىكار قىلىنىدۇ.

16-ماددا جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى بار ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىش جەريانىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورچىلارنى قانۇن بويىچە بېكىتسە بولىدۇ. ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ئىش ئاپپاراتى ئېلان چىقىرىدىغانلىرىغا مۇشۇ بابتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

3-باب بىخەتەرلىك مۇداپىئەسى

17-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش تەشۋىق-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

مائارىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە مەكتەپ، ئالاقىدار كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنىڭغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش بىلىملىرىنى مائارىپ، ئوقۇتۇش، تەربىيەلەش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

ئاخبارات، رادىيو، تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت، دىن، ئالاقە تورى ئورۇنلىرى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلار تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش تەشۋىق-تەربىيەسىنى جەمئىيەتتە قاراتمىلىق ھالدا قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى خەلق ھۆكۈمىتى شۇنىڭدەك ئالاقىدار تارماقلارغا ھەمكارلىشىپ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش تەشۋىق-تەربىيەسىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

18-ماددا تېلېگراف كەسپى تىجارەتچىلىرى ۋە ئالاقە تورى مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتىدىن قانۇن بويىچە مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تېخنىكىلىق ئۇلاش ۋە شىفىر يېشىش قاتارلىق تېخنىكا جەھەتتىن قوللىشى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

19-ماددا تېلېگراف كەسپى تىجارەتچىلىرى ۋە ئالاقە تورى مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، تور بىخەتەرلىكى، ئۇچۇر مەزمۇنىنى نازارەت قىلىش تۈزۈمى ۋە بىخەتەرلىك تېخنىكا مۇداپىئە تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورىزم ۋە ئەسەبىيلىك مەزمۇنىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى؛ تېررورىزم ۋە ئەسەبىيلىك مەزمۇنىدىكى ئۇچۇرلارنى بايقىغان ھامان يەتكۈزۈشنى توختىتىپ، ئالاقىدار خاتىرىنى ساقلاپ قويۇشى، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈۋېتىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىغا ياكى ئالاقىدار تارماقلارغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، تېلېگراف، جامائەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلار ئىش تەقسىماتى بويىچە ئالاقىدار تارماقلارنى تېررورىزم ۋە ئەسەبىيلىك مەزمۇنىدىكى ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈشنى توختىتىشقا، ئۆچۈرۈشكە ۋاقتىدا بۇيرۇشى ياكى ئالاقىدار تور بېكىتىنى تاقىۋېتىشى، ئالاقىدار مۇلازىمەتنى توختىتىۋېتىشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار دەرھال ئىجرا قىلىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك خاتىرىنى ساقلاپ قويۇپ، تەكشۈرۈشكە ماسلىشىشى كېرەك. ئالاقە تورىدا چېگرا ھالقىپ يەتكۈزۈلگەن تېررورىزم ۋە ئەسەبىيلىك مەزمۇنىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىنى تېلېگراف مەسئۇل تارمىقى تېخنىكىلىق تەدبىر قوللىنىپ توسۇشى كېرەك.

20-ماددا تۆمۈر يول، تاشيول، سۇ يولى، ھاۋا يولى يۈك تىرانسپورتى ۋە پوچتا، تېز يەتكۈزۈش قاتارلىق ئەشيا ئوبوروت تىجارىتى ئورۇنلىرى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، خېرىدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشى، بەلگىلىمە بويىچە توشۇتىلىدىغان، ئەۋەتىلىدىغان بۇيۇملارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشى ياكى پېچىتىنى ئېچىپ كۆرۈپ بېقىشى كېرەك. توشۇش، ئەۋەتىش مەنئى قىلىنغان، زور بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان ياكى خېرىدارلار بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشنى رەت قىلغان بۇيۇملارنى توشۇشقا، ئەۋەتىشكە بولمايدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەشيا ئوبوروت تىجارىتى قىلغۇچى ئورۇنلار توشۇتقۇچى، ئەۋەتكۈچى خېرىدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى، بۇيۇمىنىڭ ئۇچۇرىنى تىزىملاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك.

21-ماددا تېلېگراف، ئالاقە تورى، پۇل مۇئامىلە، ياتاق، ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى تىرانسپورتى، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ئىجارىكەشلىكى قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تىجارەتچىلەر، مۇلازىمەت قىلغۇچىلار خېرىدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان ياكى سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشنى رەت قىلغانلارغا مۇلازىمەت قىلسا بولمايدۇ.

22-ماددا ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ئىمپورت قىلغۇچى ئورۇنلار بەلگىلىمە بويىچە مىلتىق قاتارلىق قورال-ياراغ، ئوق-دورا، تىزگىنلىنىدىغان ئەسۋابلار، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم، پۇقرالار پارتلاتقۇچ بۇيۇمى، يادرو ۋە رادىيوئاكتىپ بۇيۇملارغا ئېلېكتىرونلۇق ئىزلاش بەلگىسى قويۇشى، پۇقرالار پارتلاتقۇچ بۇيۇمىغا بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش بويىچە ئىزلاش بەلگىسىنى قوشۇپ قويۇشى كېرەك.

تىرانسپورت ئورۇنلىرى بەلگىلىمە بويىچە توشۇلۇۋاتقان خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم، پۇقرالار پارتلاتقۇچ بۇيۇمى، يادرو ۋە رادىيوئاكتىپ بۇيۇمنى توشۇيدىغان قوراللارنى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى ئارقىلىق نازارەت قىلىشى كېرەك.

ئالاقىدار ئورۇنلار بەلگىلىمە بويىچە يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچ قاتارلىق ماددىلارنى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچ قاتارلىق ماددىلارنىڭ كېڭىيىشى ياكى قانۇنسىز يول بىلەن تارقىلىپ كېتىشىدىن قاتتىق ساقلىنىشى كېرەك.

تىزگىنلىنىدىغان ئەسۋاب، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم، پۇقرالار پارتلاتقۇچ بۇيۇمىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېھتىياجغا قاراپ، مۇئەييەن رايون، مۇئەييەن ۋاقىتتا ئىشلەپچىقىرىش، ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىش، توشۇش، سېتىش، ئىشلىتىش، بىراك قىلىشنى باشقۇرۇشنى قارار قىلسا، نەق پۇل، نەق مال ئىشلىتىپ سودا قىلىشنى مەنئى قىلسا ياكى سودا پائالىيىتىگە باشقىچە چەك قويسا بولىدۇ.

23-ماددا مىلتىق قاتارلىق قورال-ياراغ، ئوق-دورا، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم، پۇقرالار پارتلاتقۇچ بۇيۇمى، يادرو ۋە رادىيوئاكتىپ بۇيۇم، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچ قاتارلىق ماددىلار ئوغرىلىنىش، بۇلىنىش، يىتىپ كېتىش ياكى يوقاپ كېتىشتەك باشقا ئەھۋال كۆرۈلگەندە، دېلو سادىر بولغان ئورۇن دەرھال زۆرۈر تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار مەسئۇل تارماققا مەلۇم قىلىشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى كېرەك. ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىنىڭ خىزمىتىگە ماسلىشىشى كېرەك.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن بۇيۇملارنى قانۇنسىز ياسىسا، ئىشلەپچىقارسا، ساقلىسا، توشۇسا، ئىمپورت-ئېكسپورت قىلسا، ساتسا، بەرسە، سېتىۋالسا، ئىشلەتسە، ئىلكىدە تۇتسا، بىراك قىلسا، كۆيدۈرسە بولمايدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بايقىسا تۇتۇپ قېلىشى؛ باشقا مەسئۇل تارماقلار بايقىسا تۇتۇپ قېلىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى؛ باشقا ئورۇنلار، شەخسلەر بايقىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى كېرەك.

24-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئاپپاراتلىرى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ۋە مۇئەييەن غەيرىي پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش بويىچە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تېررورىزمغا مۇناسىۋەتلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرگەنلەرنى بايقىسا، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ، ۋاقىتلىق توڭلىتىش تەدبىرى قوللانسا بولىدۇ.

25-ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش، مالىيە، باج تارماقلىرى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئالاقىدار ئورۇنلارنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش جەريانىدا مەبلەغنىڭ كىرىم-چىقىم ئەھۋالىدا تېررورىزمغا چېتىلىدىغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرگەنلىكىنى بايقىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

26-ماددا تاموژنا چېگرادىن كىرىدىغان-چىقىدىغانلارنىڭ يېنىدىكى نەق پۇل ۋە نامسىز ئاكسىيەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش داۋامىدا، تېررورىزمغا چېتىلىدىغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرگەنلىكىنى بايقىسا، گوۋۇيۈەننىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقى بار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى كېرەك.

27-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېھتىياجغا قاراپ، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئالاقىدار ئورۇنلارنى ئاساسلىق يولغا، قاتناش تۈگۈنىگە، شەھەر ئاممىۋى رايونىدىكى نۇقتىلىق ئورۇنلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكىنىڭ سىنلىق ئۇچۇر سىستېمىسى قاتارلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىشكە ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكىلىق مۇداپىئە ئۈسكۈنىسى، ماددىي مۇداپىئە ئۈسكۈنىسى ۋە ئەسلىھەسىنى سەپلەشكە، ئورنىتىشقا تەشكىللىشى ۋە ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

28-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلغان، ئەسەبىيلىكتىن پايدىلىنىپ جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن، جامائەت تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرغان، باشقىلارنىڭ جىسمانىيىتىگە ۋە مال-مۈلكىگە چېقىلغان، جەمئىيەت باشقۇرۇشقا دەخلى قىلغانلارنى ۋاقتىدا توسۇشى، قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىشى كېرەك.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئەسەبىيلىك ھەرىكىتىنى بايقىغان ھامان توختىتىشقا بۇيرۇشى، ئالاقىدار كىشىلەرنى نەق مەيداندىن مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىشى ھەمدە سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تىزىملىشى، مۇناسىۋەتلىك بۇيۇمى، ماتېرىيالىنى يىغىۋېلىشى، قانۇنسىز ھەرىكەت قىلغان سورۇنىنى پېچەتلىشى كېرەك.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىدىغان بۇيۇم، ماتېرىيال، ئۇچۇرنى بايقىغان ھامان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

29-ماددا تېررورلۇق ھەرىكىتى، ئەسەبىيلىك ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا كۈشكۈرتكەن، مەجبۇرلىغان، ئازدۇرغانلاردىن ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتى، ئەسەبىيلىك ھەرىكىتىگە قاتناشقانلاردىن قىلمىشى يېنىك بولۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالاقىدار تارماق، كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، ئىشلەيدىغان ئورنى، ئوقۇۋاتقان مەكتىپى، ئائىلىسى ۋە ۋەسىيىسىنى تەشكىللەپ تەربىيە بېرىشى كېرەك. 

تۈرمە، قاماقخانا، مەھەللىدە ئوڭشاش ئاپپاراتلىرى تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايىتى ۋە ئەسەبىيلىك جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ جازا ئۆتەۋاتقانلارنى باشقۇرۇش، تەربىيەلەش، ئوڭشاش خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىشى كېرەك. تۈرمە، قاماقخانا تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايىتى ۋە ئەسەبىيلىك جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى تەربىيە بېرىپ ئۆزگەرتىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەرتىپىنى قوغداش ئېھتىياجىغا قاراپ، ئادەتتىكى جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرى بىلەن بىللە قامىسىمۇ، ئايرىم قامىسىمۇ بولىدۇ.

30-ماددا تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايىتى ۋە ئەسەبىيلىك جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جازا بېرىلگەنلەر بولسا، تۈرمە، قاماقخانا جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلىشتىن بۇرۇن، ئۇلارنىڭ جىنايەت خاراكتېرى، قىلمىشى ۋە ئىجتىمائىي خەۋپ دەرىجىسى، جازا ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدىكى ئىپادىسى، قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئولتۇرۇشلۇق مەھەللىسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، ئىجتىمائىي خەۋپنى باھالىشى كېرەك. ئىجتىمائىي خەۋپنى باھالاشتا، مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە ئەسلىي دېلو بېجىرگەن ئورگاننىڭ پىكرىنى ئاڭلاش كېرەك. باھالاش ئارقىلىق ئىجتىمائىي خەۋپ بارلىقى بايقالسا، تۈرمە، قاماقخانا جىنايەتچى جازا ئۆتەۋاتقان جايدىكى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇش-تەربىيەلەش تەكلىپى بېرىشى ھەمدە تەكلىپنىڭ كۆچۈرۈلمىسىنى تەڭ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەۋەتىشى كېرەك.

جىنايەتچى جازا ئۆتەۋاتقان جايدىكى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ھەقىقەتەن ئىجتىمائىي خەۋپى بار جىنايەتچىنى جىنايەتچى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئورۇنلاشتۇرۇش-تەربىيەلەشنى قوبۇل قىلىشقا بۇيرۇش قارارىنى مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىشتىن ئىلگىرى چىقىرىشى كېرەك. قارارنىڭ كۆچۈرۈلمىسىنى تەڭ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەۋەتىشى كېرەك. ئورۇنلاشتۇرۇش-تەربىيەلەش قارارى چىقىرىلغانلاردىن قارارغا قايىل بولمىغانلىرى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

ئورۇنلاشتۇرۇش-تەربىيەلەشنى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ. ئورۇنلاشتۇرۇش-تەربىيەلەش ئاپپاراتى ھەر يىلى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان-تەربىيەلىنىدىغانلارنى باھالاپ، ھەقىقەتەن توۋا قىلىش ئىپادىسى بولغان، جەمئىيەتكە قايتا خەۋپ يەتكۈزمەيدىغانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش-تەربىيەلەشنى بىكار قىلىش پىكرىنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇش-تەربىيەلەشنى قارار قىلغان ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قارار چىقىرىشىغا يوللىشى كېرەك. ئورۇنلاشتۇرۇلغان، تەربىيەلىنىۋاتقانلار ئورۇنلاشتۇرۇش-تەربىيەلەشنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئورۇنلاشتۇرۇش-تەربىيەلەش قارارىنى ۋە ئۇنىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىدۇ.

31-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراش ئېھتىمالى چوڭراق شۇنىڭدەك تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا زور جىسمانىي تالاپەت، مال-مۈلۈك زىيىنى ياكى ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلىدىغان ئورۇن، سورۇن، پائالىيەت، ئەسلىھە قاتارلىقلارنى تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن ساقلايدىغان نۇقتىلىق نىشان قىلىپ بېكىتىپ، شۇ دەرىجىلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

32-ماددا نۇقتىلىق نىشاننى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك:

(1) تېررورلۇق ھەرىكىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش، ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى، تەدبىرىنى تۈزۈپ، قەرەللىك تەربىيەلەش ۋە مانېۋىر ئۆتكۈزۈش؛

(2) تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە مەخسۇس خىراجەت ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇداپىئەلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىسى، ئەسلىھەسىنى سەپلەش، يېڭىلاش؛

(3) ئالاقىدار ئاپپاراتلارنى بېكىتىپ ياكى مەسئۇل خادىم بەلگىلەپ، ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛

(4) خەۋپنى باھالاپ، خەۋپسىزلىك تەھدىتىنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ، ئىچكى قىسىمنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛

(5) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئالاقىدار تارماقلارغا مۇداپىئە تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى قەرەللىك دوكلات قىلىش.

نۇقتىلىق نىشاننى باشقۇرغۇچى ئورۇن شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى، ئالاقىدار ئۆلچەم ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجغا ئاساسەن، مۇشۇ قانۇننىڭ 27-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولغان تېخنىكىلىق مۇداپىئە، ماددىي مۇداپىئە ئۈسكۈنىسى، ئەسلىھەسىنى تەڭ لايىھەلىشى، تەڭ قۇرۇشى، تەڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈشى كېرەك.

نۇقتىلىق نىشاننى باشقۇرغۇچى ئورۇن جامائەت خەۋپسىزلىكى سىنلىق ئۇچۇر سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، نۆۋەتچىلىك قىلىپ كۆزىتىش، ئۇچۇرلارنى ساقلاش، ئىشلىتىش، سىستېمىنى يۈرۈشتۈرۈش، ئاسراش قاتارلىق باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ، ئالاقىدار سىستېمىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. توپلانغان سىنلىق ئۇچۇرنى ساقلاش مۇددىتى 90 كۈندىن كەم بولسا بولمايدۇ.

نۇقتىلىق نىشاندىن باشقا جامائەت خەۋپسىزلىكىگە چېتىلىدىغان باشقا ئورۇن، سورۇن، پائالىيەت، ئەسلىھەنى مەسئۇل تارماق ۋە باشقۇرغۇچى ئورۇنلار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىخەتەر باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

33-ماددا نۇقتىلىق نىشاننى باشقۇرغۇچى ئورۇن مۇھىم ئىش ئورنىدىكى خادىملارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى خەۋپسىزلىك بويىچە تەكشۈرۈشى كېرەك. ئەھۋالغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلارنىڭ ئىش ئورنىنى تەڭشىشى ۋە ئالاقىدار ئەھۋالنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

34-ماددا چوڭ تىپتىكى پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن، شۇنىڭدەك نۇقتىلىق نىشاننى باشقۇرغۇچى ئورۇن بەلگىلىمە بويىچە چوڭ تىپتىكى پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىغان سورۇن، ئايرودۇرۇم، ۋوگزال، پىرىستان، شەھەر رېلىسلىق قاتناش بېكىتى، ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى توشۇش بېكىتى، چېگرا پورتى قاتارلىق نۇقتىلىق نىشانلارغا كىرىدىغان كىشىلەر، بۇيۇملار ۋە قاتناش قوراللىرىنى خەۋپسىزلىك بويىچە تەكشۈرۈشى كېرەك. چەكلەنگەن بۇيۇم ۋە تىزگىنلىنىدىغان بۇيۇمنى بايقىسا تۇتۇپ قېلىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى؛ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەت گۇماندارىنى بايقىغان ھامان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

35-ماددا ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىسى، پويىز، كېمە-پاراخوت، شەھەر رېلىسلىق قاتناش ۋاسىتىسى، ئاممىۋى تىرامۋاي، ئاپتوبۇس قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش-تىرانسپورت قوراللىرىغا تىرانسپورت تىجارىتى قىلغۇچى ئورۇنلار بەلگىلىمە بويىچە ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىنى قويۇشى ۋە مۇناسىپ ئۈسكۈنە، ئەسلىھەلەرنى سەپلىشى، بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش ۋە قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

36-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئالاقىدار تارماقلار نۇقتىلىق نىشاننىڭ ئاساسىي ئۇچۇرى ۋە مۇھىم ھەرىكەت ھالىتىنى ئىگىلەپ، نۇقتىلىق نىشاننى باشقۇرغۇچى ئورۇننىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىشتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ئۇنى نازارەت قىلىشى كېرەك.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە نۇقتىلىق نىشاننى مۇھاپىزەت قىلىشى، چارلىشى، تەكشۈرۈشى كېرەك.

37-ماددا ئۇچۇشنى تىزگىنلەش تارمىقى، پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلار مەسئۇلىيىتى بويىچە ھاۋا تەۋەلىكى، ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىسى ۋە ئۇچۇش ھەرىكىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرىغا قارىتىلغان تېررورلۇق ھەرىكىتى ياكى ئۇچۇش ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ تېررورلۇق ھەرىكىتى قىلىشتىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىشى كېرەك.

 38-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ھەربىي ئورگانلار مۇھىم دۆلەت چېگراسى (چېگرا) بۆلەكلىرى ۋە پورتلاردا توسۇش-ئايرىش تورى ئورنىتىش، سىن توپلاش ۋە چېگرادىن ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە سىگنال بېرىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىشى كېرەك.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دۆلەت چېگراسى (چېگرا)نى چارلاشنى پۇختا تەشكىللىشى، دۆلەت چېگراسى (چېگرا)دىن كىرگەن، ئايرىلغان، دۆلەت چېگراسى (چېگرا) باشقۇرۇش رايونى ۋە دۆلەت چېگراسى (چېگرا) ئۆتىڭى، پورتىدىن كىرىدىغان، چىقىدىغان كىشىلەر، قاتناش تىرانسپورت قوراللىرى، بۇيۇملار شۇنىڭدەك دېڭىز بويى چېگرا رايونلاردىكى كېمە-پاراخوتلارنى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈشى كېرەك.

39-ماددا چېگرادىن چىقىش-كىرىش كىنىشكىسىنى بەرگۈچى ئورگان ۋە چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى تەكشۈرگۈچى ئورگان تېررورچىلارنى ۋە تېررورلۇق ھەرىكىتى گۇماندارلىرىنى چېگرادىن چىقارماسلىق، كىرگۈزمەسلىكىنى قارار قىلىشقا، چېگرادىن چىقىش-كىرىش كىنىشكىسى بەرمەسلىككە ياكى ئۇلارنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىش كىنىشكىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى جاكارلاشقا ھوقۇقلۇق.

40-ماددا تاموژنا، چېگرادىن چىقىش-كىرىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگىنى تېررورلۇق ھەرىكىتى گۇماندارلىرىنى ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتى گۇمانى بار بۇيۇمنى بايقىسا، قانۇن بويىچە تۇتۇپ قېلىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ياكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دەرھال ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

پىرىيوم-كارانتىن ئورگىنى تېررورلۇق ھەرىكىتى گۇمانى بار بۇيۇمنى بايقىسا، قانۇن بويىچە تۇتۇپ قېلىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ياكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دەرھال ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

41-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ دىپلوماتىيە، جامائەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات-ئىسلاھات، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، سودا، ساياھەت تارمىقى مەسئۇل تارماقلىرى چېگرا سىرتىدىكى مەبلەغ ھەمكارلىقى، ساياھەتچىلىك قاتارلىق ئىشلاردا بىخەتەرلىك خەۋپىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، جۇڭگونىڭ چېگرا سىرتىدىكى پۇقرالىرى شۇنىڭدەك چېگرا سىرتىدا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرى، ئەسلىھەلىرى، مال-مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىشى ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

42-ماددا چېگرا سىرتىدا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلار بىخەتەرلىك بويىچە مۇداپىئەلىنىش تۈزۈمى ۋە تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار خادىم، ئەسلىھە ۋە مال-مۈلۈكنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

4-باب ئاخبارات-ئۇچۇر

43-ماددا دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى دۆلەت تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئاخبارات مەركىزى قۇرۇپ، تارماق، رايون ھالقىغان ئاخبارات-ئۇچۇر خىزمىتى مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئاخبارات-ئۇچۇر خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلايدۇ.

ئالاقىدار تارماقلار تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئاخبارات-ئۇچۇرلىرىنى توپلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، توپلانغان ئالاقىدار يىپ ئۇچى، ئادەم، ھەرىكەت تۈرىدىكى ئاخبارات-ئۇچۇرلارنى بەلگىلىمە بويىچە بىر تۇتاش تۈرگە ئايرىپ، دۆلەت تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئاخبارات مەركىزىگە ۋاقتىدا يوللىشى كېرەك.

جايلاردىكى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى تارماق ھالقىغان ئاخبارات-ئۇچۇر خىزمىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئاخبارات-ئۇچۇر خىزمىتى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىشى، مۇھىم ئاخبارات-ئۇچۇرلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى، باشقا جايلارغا مۇناسىۋەتلىك جىددىي ئاخبارات-ئۇچۇرلارنى ئالاقىدار ئورۇنلارغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

44-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئاممىغا تايىنىپ، ئاساسىي قاتلام ئۇل خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام ئاخبارات-ئۇچۇر خىزمىتى قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئاخبارات-ئۇچۇر خىزمىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

45-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ھەربىي ئورگانلار مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئاخبارات-ئۇچۇر خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، قاتتىق تەستىق رەسمىيىتىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، تېخنىكىلىق رازۋېدكا تەدبىرى قوللانسا بولىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئېرىشكەن ماتېرىياللارنى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش، تاقابىل تۇرۇش، ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايىتى، ئەسەبىيلىك جىنايىتىنى تەھقىقلەش، ئەيىبلەش ۋە سوت قىلىشقىلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، باشقا ئىشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

46-ماددا ئالاقىدار تارماقلار مۇشۇ قانۇننىڭ 3-بابىدا بەلگىلەنگەن بىخەتەرلىك مۇداپىئەسى خىزمىتىدە ئېرىشكەن ئۇچۇرلارنى دۆلەت تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئاخبارات مەركىزىنىڭ تەلىپى بويىچە ۋاقتىدا بېرىشى كېرەك.

47-ماددا دۆلەت تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئاخبارات مەركىزى، جايلاردىكى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات-ئۇچۇرلارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، تاللاپ، ئېنىقلاپ، نازارەت قىلىپ، تېررورلۇق ۋەقەسى پەيدا قىلىش خەۋپى بار، بىخەتەرلىك بويىچە مۇداپىئەلىنىش، تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش زۆرۈر دەپ قارىسا، ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇنغا ۋاقتىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك ھەمدە ئەھۋالغا قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەرسىمۇ بولىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشقا بىنائەن، بىخەتەرلىك بويىچە مۇداپىئەلىنىش، تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

48-ماددا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار، شەخسلەر تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمەت مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ۋە شەخسىي مەخپىيەتنى ساقلىشى كېرەك.

بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ۋە شەخسىي مەخپىيەتنى ئاشكارىلاپ قويغانلار قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.

5-باب  تەكشۈرۈش

49-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى گۇمانلىق تېررورلۇق ھەققىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋېلىپ ياكى گۇمانلىق تېررورلۇق ھەرىكىتىنى بايقاپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا توغرا كەلگەنلىرىنى تېزدىن تەكشۈرۈشى كېرەك.

50-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى گۇمانلىق تېررورلۇق ھەرىكىتىنى تەكشۈرگەندە، ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە گۇماندارنى سوراق قىلسا، تەكشۈرسە، چاقىرتسا بولىدۇ، سۈرەت، بارماق ئىزى، كۆز رەڭدار پەردە سۈرىتى قاتارلىق ئادەم بىئولوگىيەسىنى پەرق ئېتىدىغان ئۇچۇرلارنى ۋە قان، سۈيدۈك، تۆكۈلمە ھۈجەيرە قاتارلىق بىئولوگىيەلىك ئەۋرىشكىلەرنى ئالسا ياكى يىغسا بولىدۇ ھەمدە ئىمزا قويدۇرۇپ ساقلايدۇ.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى گۇمانلىق تېررورلۇق ھەرىكىتىنى تەكشۈرگەندە، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدا ياكى باشقا جايدا سوراق قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ.

51-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى گۇمانلىق تېررورلۇق ھەرىكىتىنى تەكشۈرگەندە، ئالاقىدار ئورۇنلاردىن ياكى شەخسلەردىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە ماتېرىياللارنى يىغىشقا، ئالدۇرۇپ كۆرۈشكە ھوقۇقلۇق. ئالاقىدار ئورۇنلار ياكى شەخسلەر ئەينەن بېرىشى كېرەك.

 52-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى گۇمانلىق تېررورلۇق ھەرىكىتىنى تەكشۈرگەندە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن، گۇماندارنىڭ ئامانىتى، پېرېۋوتى، قەرزى، پاي چېكى، فوند ئۈلۈشى قاتارلىق مال-مۈلكىنى سۈرۈشتۈرسە، پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىپ قويۇش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ. پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىش مۆھلىتى ئىككى ئايدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، ئەھۋال مۇرەككەپ بولسا، بىر دەرىجە يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن، بىر ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ.

53-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى گۇمانلىق تېررورلۇق ھەرىكىتىنى تەكشۈرگەندە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن، خەۋپ دەرىجىسىگە قاراپ، تېررورلۇق ھەرىكىتى گۇماندارىنى تۆۋەندىكى بىر ياكى بىر قانچە چەكلەش تەدبىرىگە ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ:

(1) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەستىقىسىز شۇ شەھەر، ناھىيە ياكى بېكىتىلگەن تۇرۇشلۇق جايىدىن ئايرىلماسلىق؛

(2) چوڭ-چوڭ ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق ياكى مۇئەييەن پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانماسلىق؛

(3) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەستىقىسىز ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا چىقماسلىق ياكى مۇئەييەن سورۇنغا كىرمەسلىك؛

(4) مۇئەييەن كىشىلەر بىلەن كۆرۈشمەسلىك ياكى ئالاقىلەشمەسلىك؛

(5) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۆزىنىڭ پائالىيەت ئەھۋالىنى قەرەللىك دوكلات قىلىش؛

(6) پاسپورت قاتارلىق چېگرادىن كىرىش-چىقىش گۇۋاھنامىسىنى، كىملىكىنى، ھەيدەش كىنىشكىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ساقلىشىغا تاپشۇرۇش.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئېلېكتىرونلۇق نازارەت قىلىش، قەرەلسىز تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ چەكلەش تەدبىرىگە ئەمەل قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلسا بولىدۇ.

يۇقىرىقى 2 تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە قوللىنىلغان چەكلەش تەدبىرىنىڭ مۆھلىتى 3 ئايدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. داۋاملىق قوللىنىشنىڭ ھاجىتى قالمىغان چەكلەش تەدبىرىنى ۋاقتىدا بىكار قىلىش كېرەك.

54-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايەت پاكىتى ياكى جىنايەت گۇماندارىنى بايقىغان بولسا، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە دېلو ئېچىپ تەھقىقلىشى كېرەك. مۇشۇ بابتا بەلگىلەنگەن مۇناسىۋەتلىك مۆھلەت توشقاندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دېلو ئېچىپ تەھقىقلىمىگەن بولسا، مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى بىكار قىلىشى كېرەك.

6-باب  تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش

55-ماددا دۆلەت تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ قانۇنىيىتى، ئالاھىدىلىكى ۋە پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئىجتىمائىي خەۋپىنى كۆزدە تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىپ تۈزۈپ، تېررورلۇق ۋەقەسىگە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش قوماندانلىق سىستېمىسى ۋە تېررورلۇق ۋەقەسىدىن بىخەتەرلىك بويىچە مۇداپىئەلىنىش، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى شۇنىڭدەك ۋەقەدىن كېيىن ئىجتىمائىي تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلارنى كونكرېت بېكىتىشى كېرەك.

ئالاقىدار تارماقلار شۇنىڭدەك جايلاردىكى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى مۇناسىپ تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈشى كېرەك.

56-ماددا تېررورلۇق ۋەقەسىگە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشتا، ھەر دەرىجىلىك تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى ئالاقىدار تارماقلار قاتناشقان قوماندانلىق ئاپپاراتى قۇرۇپ، باش قوماندان مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلى باش قوماندان بولسا بولىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى ياكى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ باشقا ئەزا ئورونلىرىنىڭ مەسئۇلى باش قوماندان قىلىپ بېكىتىلسىمۇ بولىدۇ.

ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھالقىپ يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەلىرى ياكى پەۋقۇلئاددە چوڭ تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشقا دۆلەت تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلى قوماندانلىق قىلىدۇ؛ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر دائىرىسىدە يۈز بەرگەن، كۆپ مەمۇرىي رايونغا چېتىلىدىغان تېررورلۇق ۋەقەسى ياكى چوڭ تېررورلۇق ۋەقەسىگە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشقا ئۆلكە دەرىجىلىك تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلى قوماندانلىق قىلىدۇ.

57-ماددا تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى دەرھال يولغا قويۇپ، باشقا قومانداننى بېكىتىشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمى، خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى ۋە باش قومانداننىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكى، قوماندانلىقىدا زەربە بېرىش، تىزگىنلەش، ياردەم بېرىش، قۇتقۇزۇش قاتارلىق نەق مەيداندا تاقابىلتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ھەمكارلىشىپ ئىشلەيدۇ.

يۇقىرى دەرىجىلىك تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلسا بولىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش كۈچلىرىنى يۆتكەپ ياردەم بېرىدۇ.

جىددىي ھالەتكە ئۆتۈشكە توغرا كەلسە، ئۇنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ياكى گوۋۇيۈەن ئاساسىي قانۇن ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە بېكىتىدۇ.

58-ماددا تېررورلۇق ۋەقەسى ياكى گۇمانلىق تېررورلۇق ۋەقەسىنى بايقىغاندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دەرھال بىر تەرەپ قىلىشى ھەم تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىغا دوكلات قىلىشى كېرەك؛ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمى تېررورلۇق ھەرىكىتى قىلىۋاتقانلارنى بايقىغان ھامان تىزگىنلىشى ھەم دېلونى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى باش قومانداننى تېخى بېكىتمىگەن بولسا، ۋەقەنى نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىۋاتقان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى خادىمى نەق مەيداندا قوماندان بولسا بولىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى نەق مەيدانغا كېلىپ بولالمىغان بولسا، ۋەقەنى نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىۋاتقان جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ياكى جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى خادىمى نەق مەيداندا قوماندان بولسا بولىدۇ. نەق مەيداندا تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىۋاتقان خادىملار ئوخشاش ئورۇن ۋە سىستېمىغا تەۋە بولۇش-بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، نەق مەيداندىكى قومانداننىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشى كېرەك.

باش قوماندان بېكىتىلگەندىن كېيىن، نەق مەيدان قوماندانى ئۇنىڭدىن يوليورۇق سورىشى، خىزمەتلەرنى ياكى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئۇنىڭغا دوكلات قىلىشى كېرەك.

59-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلىرى، خادىملىرى، مۇھىم ئەسلىھەلىرى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىسا ياكى ئۇچراش ئېھتىمالى بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ دىپلوماتىيە، جامائەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، سودا، پۇل مۇئامىلە، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ساياھەت، قاتناش-تىرانسپورت تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلىرى تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى ۋاقتىدا يولغا قويۇشى كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ دىپلوماتىيە تارمىقى ئالاقىدار دۆلەتلەرنى مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىشقا ماسلاشتۇرۇشى كېرەك.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلىرى، خادىملىرى، مۇھىم ئەسلىھەلىرى ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن كېڭىشىپ ئۇلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، دۆلەت تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى دىپلوماتىيە، جامائەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى قاتارلىق تارماقلارنىڭ خادىملىرىنى چېگرا سىرتىدىكى تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئىشلەشكە ئەۋەتسە بولىدۇ.

60-ماددا تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشتا، تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ خەۋپىگە ۋە تەھدىتىگە بىۋاسىتە ئۇچرىغانلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى ئاۋۋال قوغداش كېرەك.

61-ماددا تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولغان تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇننىڭ تۆۋەندىكى تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنىڭ بىرىنى ياكى بىر قانچىسىنى قوللىنىشىنى قارار قىلسا بولىدۇ:

(1) زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى قۇتقۇزۇش ۋە داۋالىتىش، تەھدىتكە ئۇچرىغۇچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇش، چېكىندۈرۈش ھەم مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، شۇنىڭدەك باشقا قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش؛

(2) نەق مەيداننى ۋە ئەتراپتىكى يوللارنى قامال قىلىپ، نەق مەيداندىكىلەرنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈش، ئالاقىدار سورۇنلارنىڭ ئەتراپىغا ۋاقىتلىق ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئورنىتىش؛

(3) مۇئەييەن رايون دائىرىسىدە ھاۋا تەۋەلىكى، دېڭىز (سۇ) تەۋەلىكىنى تىزگىنلەپ، مۇئەييەن رايون دائىرىسىدىكى قاتناش-تىرانسپورت قوراللىرىنى تەكشۈرۈش؛

(4) مۇئەييەن رايوندا ئالاقە تورى، رادىيو، خەت-ئالاقىنى تىزگىنلەش؛

(5) مۇئەييەن رايون ياكى مۇئەييەن خادىملارنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشىنى تىزگىنلەش؛

(6) ئالاقىدار ئۈسكۈنە، ئەسلىھەنى ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىش ياكى چەكلەش، ئالاقىدار سورۇننى تاقاش ياكى ئىشلىتىشكە چەك قويۇش، ئادەم زىچ توپلاشقان پائالىيەتنى ياكى خەۋپنى چوڭايتىۋېتىش ئېھتىمالى بولغان ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت پائالىيىتىنى توختىتىپ تۇرۇش؛

(7) بۇزۇۋېتىلگەن قاتناش، تېلېگراف، ئالاقە تورى، رادىيو-تېلېۋېزىيە، سۇ بېرىش، سۇ چىقىرىۋېتىش، توك، گاز ۋە پار بېرىش قاتارلىق جامائەت ئەسلىھەلىرىنى جىددىي رېمونت قىلىش؛

(8) پىدائىيلارنى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشتۇرۇش، مۇئەييەن ئارتۇقچىلىقى بارلاردىن مۇلازىمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىش؛

(9) تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشقا دائىر باشقا زۆرۈر تەدبىرلەر.

ئالدىنقى تارماقنىڭ 3-تارماقچىسىدىن 5-تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلاردا بەلگىلەنگەن تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىشنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى قارار قىلىدۇ ياكى تەستىقلايدۇ؛ ئالدىنقى تارماقنىڭ 6-تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىشنى رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى قارار قىلىدۇ. تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىشتا تەتبىقلاشنىڭ زامان ۋە ماكان دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەم جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش كېرەك.

62-ماددا خەلق ساقچىسى، خەلق قوراللىق ساقچىسى شۇنىڭدەك قانۇن بويىچە قورال بېرىلگەن، قورال ئېلىپ يۈرىدىغان تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلغۇچىلار نەق مەيداندا مىلتىق، پىچاق قاتارلىق قاتىللىق قورالى ئېلىپ يۈرگەن ياكى باشقا خەتەرلىك ئۇسۇللار بىلەن زوراۋانلىق قىلىۋاتقان ياكى زوراۋانلىق قىلماقچى بولغانلاردىن ئاگاھلاندۇرسىمۇ پەرۋا قىلمىغانلىرىغا قورال ئىشلەتسە بولىدۇ؛ جىددىي ئەھۋالدا ياكى ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىنمۇ ئېغىر خەۋپلىك ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغانلىرىغا بىۋاسىتە قورال ئىشلەتسە بولىدۇ.

63-ماددا تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋەقەنىڭ ئۇلغىيىش ئەھۋالىنى ۋە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ئۇچۇرلىرىنى تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەن جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى بىر تۇتاش ئېلان قىلىدۇ؛ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھالقىپ يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەسىنى بەلگىلەنگەن ئۆلكە دەرىجىلىك تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى بىر تۇتاش ئېلان قىلىدۇ.

ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسلەر ساختا تېررورلۇق ۋەقەسى ئۇچۇرلىرىنى توقۇپ چىقسا ياكى تارقاتسا بولمايدۇ؛ تەقلىد قىلىش ئېھتىمالى بولغان تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ تەپسىلاتىنى خەۋەر قىلسا، تارقاتسا بولمايدۇ؛ تېررورلۇق ۋەقەسىدىكى ۋەھشىي، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان كۆرۈنۈشلەرنى ئېلان قىلسا بولمايدۇ؛ تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇچۇر ئېلان قىلىشقا مەسئۇل تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ تەستىقىنى ئالغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، نەق مەيداندىكى تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش خادىملىرىنىڭ، تۇتقۇچ قىلىنغۇچىلارنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرلىرى ۋە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتى ئەھۋالىنى خەۋەر قىلسا ۋە تارقاتسا بولمايدۇ.

64-ماددا تېررورلۇق ۋەقەسى تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ، تەسىرگە ئۇچرىغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى، تەسىرگە ئۇچرىغان رايوننىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپى ۋە ئاممىنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇشى كېرەك.

65-ماددا شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى تېررورلۇق ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا مۇۋاپىق ياردەم بېرىشى ھەمدە ئاساسىي تۇرمۇش شارائىتىدىن مەھرۇم بولغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى ۋاقتىدا كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. سەھىيە، خەلق ئىشلىرى تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلار تېررورلۇق ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا پىسخىكا ۋە داۋالاش جەھەتتىن ياردەم بېرىشى كېرەك.

66-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تېررورلۇق ۋەقەسىنى ۋاقتىدا دېلو ئېچىپ تەھقىقلىشى، ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ سەۋەبى، جەريانى ۋە نەتىجىسىنى ئېنىقلىشى، تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورچىلارنىڭ قانۇن جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.

67-ماددا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىنى ۋە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىپ، خۇلاسىلەپ، باھالاپ، مۇداپىئەلىنىش ۋە تاقابىل تۇرۇپ، بىر تەرەپ قىلىش بويىچە ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر دەرىجە يۇقىرى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىغا دوكلات قىلىشى كېرەك.

7 -باب  خەلقئارا ھەمكارلىق

68-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامە ياكى باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپىغا بىنائەن، باشقا دۆلەت، رايون، خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن تېررورىزمغا قارشى ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ.

69-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى گوۋۇيۈەن بەرگەن ھوقۇققا بىنائەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن چەت ئەل ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلات بىلەن تېررورىزمغا قارشى سىياسىي سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ، ئاخبارات-ئۇچۇر ئالماشتۇرىدۇ، قانۇن ئىجرا قىلىش بويىچە ھەمكارلىشىدۇ ۋە خەلقئارا مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا ھەمكارلىشىدۇ.

چېگرا رايونلاردىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مەسئۇل تارماقلىرى، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىغا خىلاپ كەلمەسلىكنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا، گوۋۇيۈەن ياكى مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ تەستىقى بىلەن، قوشنا دۆلەت ياكى رايون بىلەن تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئاخبارات-ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇرسا، قانۇن ئىجرا قىلىش بويىچە ھەمكارلاشسا ۋە خەلقئارا مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا ھەمكارلاشسا بولىدۇ.

70-ماددا تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايىتىگە چېتىلىدىغان جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈش ھەمكارلىقى، ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە جازا ھۆكۈم قىلىنغانلارنى باشقۇرۇشقا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئىشلىرى ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

71-ماددا ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغان ھەم گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى چېگرادىن چىقىپ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا ئادەم ئەۋەتسە بولىدۇ.

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ چېگرادىن چىقىپ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا ئادەم چىقىرىش ئىشىنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەستىقلايدۇ.

72-ماددا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىدا ئېرىشكەن ماتېرىياللارنى مەمۇرىي جازا بېرىش ۋە جىنايى ئىشلار دەۋاسىدا دەلىل-ئىسپات قاتارىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، لېكىن دۆلىتىمىز دەلىل-ئىسپات قاتارىدا ئىشلىتىلمەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

8-باب  كاپالەت تەدبىرى

73-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىش ھوقۇقى بويىچە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمەت خىراجىتىنى تەڭ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا ئايرىم-ئايرىم كىرگۈزۈشى كېرەك.

دۆلەت تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشتىكى نۇقتىلىق رايونلارنى خىراجەت جەھەتتىن قوللاپ، كەڭ كۆلەملىك تېررورلۇق ۋەقەسىگە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى خىراجەت جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

74-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئالاقىدار تارماقلار شۇنىڭدەك جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى بويىچە، تېررورىزمغا قارشى تۇرىدىغان كەسپىي قوشۇن بەرپا قىلىپ، كەسپىي مەشىقنى كۈچەيتىشى، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشقا كېرەكلىك كەسپىي ئۈسكۈنە، ئەسلىھەلەرنى سەپلىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىك، يېزا دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېھتىياجىغا قاراپ ئالاقىدار ئورۇن، كەنت ئاھالە كومىتېتى، مەھەللە ئاھالە كومىتېتلىرىنى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى كۈچلىرى ۋە پىدائىيلار قوشۇنى بەرپا قىلىشقا يېتەكلىشى، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ھەمكارلىشىشى ۋە ماسلىشىشى كېرەك.

75-ماددا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ياكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە ياردەم بېرىپ، ماسلىشىش سەۋەبىدىن مېيىپ بولۇپ قالغان ياكى ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مۇناسىپ تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

76-ماددا تېررورلۇق ھەرىكىتىنى مەلۇم قىلىش ۋە توسۇش، تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايەت دېلوسىدا گۇۋاھلىق بېرىش ياكى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش سەۋەبىدىن، شۇ كىشى ياكى ئۇنىڭ يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى خەۋپكە ئۇچراپ، شۇ كىشىنىڭ ئۆزى ياكى يېقىن تۇغقانلىرى ئىلتىماس قىلغان بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئالاقىدار تارماقلار تۆۋەندىكى قوغداش تەدبىرلىرىنىڭ بىرىنى ياكى بىرقانچىسىنى قوللانسا بولىدۇ:

(1) ھەقىقىي ئىسىم-فامىلىسى، ئادرېسى ۋە خىزمەت ئورنى قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىماسلىق؛

(2) مۇئەييەن كىشىلەرنىڭ قوغدالغۇچى كىشى بىلەن ئۇچرىشىشىنى مەنئى قىلىش؛

 (3) ئۆزىنى ۋە تۇرالغۇسىنى مەخسۇس قوغداش؛

(4) قوغدالغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى يېڭى تۇرالغۇ ۋە خىزمەت ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇش؛

(5) باشقا زۆرۈر قوغداش تەدبىرلىرى.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە، قوغدىلىۋاتقان ئورۇننىڭ ھەقىقىي نامى، ئادرېسىنى ئاشكارىلىماسلىقى، مۇئەييەن كىشىنىڭ قوغدىلىۋاتقان ئورۇنغا يېقىنلىشىشىنى مەنئى قىلىشى، قوغدىلىۋاتقان ئورۇننىڭ خىزمەت، تىجارەت سورۇنىنى مەخسۇس قوغداش تەدبىرى قوللىنىشى شۇنىڭدەك باشقا زۆرۈر قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك.

77-ماددا دۆلەت تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش پەن تەتقىقاتىغا ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشتىكى ئىلغار تېخنىكا، ئۈسكۈنىلەرنى يارىتىش ۋە كېڭەيتىپ قوللىنىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

78-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئىجرا قىلىش جىددىي ئېھتىياجى بىلەن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە بىنائەن، ئورۇن ۋە شەخسنىڭ مال-مۈلكىنى ئېلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ. ۋەزىپىنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىشى ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشى ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ ھەق بېرىشى كېرەك؛ زىيانغا ئۇچرىغانلارغا تولۇقلىما بېرىشى كېرەك.

تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى سەۋەبىدىن ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆلەم بېرىشى ۋە تولۇقلىما بېرىشى كېرەك. ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخس قانۇن بويىچە تۆلەم، تولۇقلىما تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

9-باب  قانۇن جاۋابكارلىقى

79-ماددا تېررورلۇق ھەرىكىتىنى تەشكىللىگەن، پىلانلىغان، يولغا قويماقچى بولغان، يولغا قويغان، تېررورىزمنى تەرغىب قىلغان، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قۇتراتقان، تېررورىزمنى تەرغىب قىلىدىغان بۇيۇمنى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتقان، باشقىلارنى جامائەت سورۇنلىرىدا تېررورىزمنى تەرغىب قىلىدىغان كىيىم كىيىشكە، بەلگە تاقاشقا زورلىغان، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان، قاتناشقان، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا، تېررورچىلارغا تېررورلۇق ھەرىكىتىنى قىلىشقا ۋە تېررورلۇق ھەرىكىتى بويىچە تەربىيەلەش جەھەتتە ياردەم بەرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

80-ماددا تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنىڭ بىرىگە قاتناشقانلاردىن قىلمىشى يېنىك بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئون كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ: 

(1) تېررورىزمنى، ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىش ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتى ۋە ئەسەبىيلىك ھەرىكىتىگە قۇترىتىش؛

(2) تېررورىزمنى، ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىدىغان بۇيۇملارنى ياساش، تارقىتىش، قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتۇش؛

(3) جامائەت سورۇنىدا باشقىلارنى تېررورىزمنى، ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىدىغان كىيىم-كىيىشكە، بەلگە تاقاشقا زورلاش؛

(4) تېررورىزمنى، ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىشنى ياكى تېررورىزم ۋە ئەسەبىيلىك ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى ئۇچۇر، مەبلەغ، ئەشيا، ئەمگەك كۈچى، تېخنىكا، سورۇن قاتارلىقلار بىلەن قوللاش، ياردەم بېرىش، قولايلىق يارىتىش.

81-ماددا ئەسەبىيلىكتىن پايدىلىنىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلاردىن قىلمىشى يېنىك بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بەش كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ:

(1) باشقىلارنى دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشقا زورلاش ياكى باشقىلارنى دىنىي سورۇنغا، دىن ئۆگەتكۈچىگە پۇل-مال ياكى ئەمگەك كۈچى چىقىرىشقا زورلاش؛

(2) قورقىتىش، پاراكەندىچىلىك سېلىش ئۇسۇللىرى بىلەن، باشقا مىللەتلەرنى ياكى باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى ئولتۇرۇشلۇق جايىدىن ھەيدىۋېتىش؛

(3) قورقىتىش، پاراكەندىچىلىك سېلىش ئۇسۇللىرى بىلەن، باشقىلارنىڭ باشقا مىللەت ياكى باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار بىلەن ئارىلىشىشىغا، ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ئارىلىشىۋېلىش؛

(4) قورقىتىش، پاراكەندىچىلىك سېلىش ئۇسۇللىرى بىلەن، باشقىلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى، ئۇسۇلى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىگە ئارىلىشىۋېلىش؛

(5) دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش؛

(6) دۆلەتنىڭ سىياسىتى، قانۇنى، مەمۇرىي نىزاملىرىنى بۇرمىلاش، خۇنۈكلەشتۈرۈش، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە باشقۇرۇشىنى توسۇشقا قۇترىتىش، كۈشكۈرتۈش؛

(7) ئاممىنى ئاھالىنىڭ كىملىكى، نوپۇس دەپتىرى قاتارلىق دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن گۇۋاھنامىلەرنى شۇنىڭدەك خەلق پۇلىنى نابۇت قىلىۋېتىشكە ياكى قەستەن نابۇت قىلىۋېتىشكە قۇترىتىش، مەجبۇرلاش؛

(8) باشقىلارنى نىكاھلىنىش، ئاجرىشىشنى تىزىملىتىشنىڭ ئورنىغا دىنىي مۇراسىم ئۇسۇلىنى دەسسىتىشكە قۇترىتىش، مەجبۇرلاش؛

(9) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلماسلىققا قۇترىتىش، مەجبۇرلاش؛

(10) ئەسەبىيلىكتىن پايدىلىنىپ دۆلەت قانۇن-تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان باشقا قىلمىشلار.

82-ماددا باشقىلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايىتى، ئەسەبىيلىك جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇلارنى يوشۇرغان، قانات ئاستىغا ئالغانلاردىن قىلمىشى يېنىك بولۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە ياكى قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگانلار ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ ئىسپات ئالغاندا رەت قىلغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئون كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

83-ماددا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ۋە مۇئەييەن غەيرىي پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن دۆلەت تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ئىش ئاپپاراتى ئېلان قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورچىلارنىڭ مەبلىغى ياكى باشقا مال-مۈلكىنى دەرھال توڭلىتىۋەتمىگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مۇدىر، ئالىي باشقۇرغۇچىلار ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە جاۋابكار مۇدىر، ئالىي باشقۇرغۇچىلار ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قوشۇمچە بەش كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ.

84-ماددا تېلېگراف كەسپى تىجارەتچىلىرى، ئالاقە تورى مۇلازىمىتى قىلغۇچىلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىگە مەسئۇل تارماق 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەم بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى جەرىمانە قويىدۇ ھەم بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا بەش كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بەرسە بولىدۇ:

(1) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتىدىن قانۇن بويىچە مۇدائىپەلىنىشى ۋە ئۇنى تەكشۈرۈشىنى تېخنىكىلىق ئۇلاش ۋە شىفىر يېشىش قاتارلىق تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش ۋە ياردەم بېرىشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(2) تېررورىزم ۋە ئەسەبىيلىك مەزمۇنىدىكى ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈشنى توختىتىش، ئۆچۈرۈش، مۇناسىۋەتلىك خاتىرىنى ساقلاش، مۇناسىۋەتلىك تور بېكىتىنى تاقاش ياكى مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتنى توختىتىشتا ئالاقىدار مەسئۇل تارماقنىڭ تەلىپىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(3) تور بىخەتەرلىكى، ئۇچۇر مەزمۇنىنى نازارەت قىلىش تۈزۈمى ۋە بىخەتەرلىك تېخنىكا مۇداپىئە تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەي، تېررورىزم ۋە ئەسەبىيلىك مەزمۇنىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار.

85-ماددا تۆمۈريول، تاشيول، سۇ يولى، ھاۋا يولى يۈك تىرانسپورتى ۋە پوچتا، تېز يەتكۈزۈش قاتارلىق ئەشيا ئوبوروت تىجارىتى ئورۇنلىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىگە مەسئۇل تارماق 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەم ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:

(1) بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تۈزۈمى، خېرىدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ياكى توشۇتىلىدىغان، ئەۋەتىلىدىغان بۇيۇملارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ۋە ياكى پېچىتىنى ئېچىپ كۆرۈشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(2) توشۇش، ئەۋەتىش مەنئى قىلىنغان بۇيۇملار، زور بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان ياكى خېرىدارلار بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشنى رەت قىلغان بۇيۇملارنى توشۇغان، يەتكۈزگەنلەر؛

(3) توشۇتقۇچى، ئەۋەتكۈچى خېرىدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى، بۇيۇم ئۇچۇرىنى تىزىملاش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلمىغانلار.

86-ماددا تېلېگراف، ئالاقە تورى، پۇل مۇئامىلە كەسپى تىجارەتچىلىرى ۋە مۇلازىمەت قىلغۇچىلاردىن خېرىدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان، سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشنى رەت قىلغانلارغا مۇلازىمەت قىلغانلىرىنى مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلارغا 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەم بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى جەرىمانە قويىدۇ ھەم بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

ياتاق، ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى تىرانسپورتى، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ئىجارىكەشلىكى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تىجارەتچىلەر ۋە مۇلازىمەت قىلغۇچىلاردىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئەھۋال كۆرۈلگەنلىرىگە مەسئۇل تارماق 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەم بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

87-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا مەسئۇل تارماق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلارغا 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەم بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:

(1) مىلتىق قاتارلىق قورال-ياراغ، ئوق-دورا، تىزگىنلىنىدىغان ئەسۋاب، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم، پۇقرالار پارتلاتقۇچ بۇيۇمى، يادرو ۋە رادىيوئاكتىپ بۇيۇمغا ئېلېكتىرونلۇق ئىزلاش بەلگىسى ئورناتقان، پۇقرالار پارتلاتقۇچ بۇيۇمىغا ئىزلاش بەلگە بۇيۇمنى قوشۇپ قويۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(2) خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم، پۇقرالار پارتلاتقۇچ بۇيۇمى، يادرو ۋە رادىيوئاكتىپ بۇيۇمنى توشۇش قوراللىرىنى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى ئارقىلىق نازارەت قىلىپ تىزگىنلەشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(3) يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچ قاتارلىق ماددىلارنى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلار؛

(4) گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قارارى بىلەن، تىزگىنلىنىدىغان ئەسۋاب، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم، پۇقرالار پارتلاتقۇچ بۇيۇمىنى تىزگىنلەش ياكى سودىسىغا چەك قويۇش تەدبىرىگە خىلاپ ئىش قىلغانلار.

88-ماددا تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىدىغان نۇقتىلىق نىشاننى باشقۇرغۇچى، تىجارەت قىلغۇچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ ھەم تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلىرىغا 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەم بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:

(1) تېررورلۇق ھەرىكىتىدىن مۇداپىئەلىنىش، تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى، تەدبىرى تۈزمىگەنلەر؛

(2) تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى مەخسۇس خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمى ئورناتمىغان ياكى ئالدىنى ئېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ئورناتمىغانلار؛

(3) خىزمەت ئاپپاراتى ياكى مەسئۇل خادىملارنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلەر؛

(4) مۇھىم ئىش ئورنىدىكى خادىملارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى بىخەتەرلىك بويىچە تەكشۈرمىگەن ياكى ئەھۋالغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلارنىڭ ئىش ئورنىنى تەڭشىمىگەنلەر؛

(5) ئاممىۋى قاتناش تىرانسپورت قوراللىرىغا ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىم قويۇشتا ۋە مۇناسىپ ئەسلىھە، ئۈسكۈنە سەپلەشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(6) جامائەت خەۋپسىزلىكى سىن ئۇچۇر سىستېمىسىنى نۆۋەتچىلىك قىلىپ كۆزىتىش، ئۇچۇرلارنى ساقلاش، ئىشلىتىش، سىستېمىنى يۈرۈشتۈرۈش، ئاسراش قاتارلىق باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورناتمىغانلار.

چوڭ تىپتىكى پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن شۇنىڭدەك نۇقتىلىق نىشاننى باشقۇرغۇچى ئورۇنلاردىن چوڭ تىپتىكى پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىغان سورۇن، ئايرودۇرۇم، ۋوگزال، پىرېستان، شەھەر رېلىسلىق قاتناش بېكىتى، ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى توشۇش بېكىتى، چېگرا پورتى قاتارلىق نۇقتىلىق نىشانلارغا كىرىدىغان كىشىلەر، بۇيۇملار ۋە قاتناش قوراللىرىنى بىخەتەرلىك بويىچە تەكشۈرۈشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلىرىغا 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەم بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

89-ماددا تېررورلۇق ھەرىكىتى گۇماندارلىرىدىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى چۈشۈرگەن چەكلەش تەدبىرىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ ھەمدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلىرىغا بەش كۈندىن يۇقىرى، 51 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ.

90-ماددا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قاتارلىق ئورۇنلاردىن ساختا تېررورلۇق ۋەقەسى ئۇچۇرىنى توقۇغان، تارقاتقان، تەقلىد قىلىش ئېھتىمالى بولغان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ۋە ئۇنى تارقاتقان، تېررورلۇق ۋەقەلىرىدىكى ۋەھشىي، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان كۆرۈنۈشلەرنى تارقاتقان ياكى تەستىقلاتماي تۇرۇپ نەق مەيداندىكى تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلغۇچىلار، تۇتقۇن قىلىنغۇچىلارنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرلىرى ۋە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى خەۋەر قىلغان، تارقاتقانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا بەش كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

شەخسلەردىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بەش كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

91-ماددا ئالاقىدار تارماقلاردىن تېررورىزمغا قارشى تۇرۇپ بىخەتەرلىك بويىچە مۇداپىئەلىنىش، ئاخبارات-ئۇچۇر يەتكۈزۈش، تەكشۈرۈش، تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە ماسلاشماي تۇرۇۋالغانلارغا مەسئۇل تارماق 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا بەش كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىغا مەسئۇل تارماق 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەم بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ.

92-ماددا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بەش كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى  200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەم بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ.

خەلق ساقچىسى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، خەلق قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

93-ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېغىر قىلمىش سادىر قىلغانلىرىغا مەسئۇل تارماق ئالاقىدار كەسپىنى ياكى مۇلازىمىتىنى توختىتىشقا ۋە ياكى ئىش توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كىنىشكىلىرىنى بىكار قىلىدۇ ياكى تىزىمدىن ئۆچۈرىدۇ.

94-ماددا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى، ئالاقىدار تارماقنىڭ خادىملىرىدىن تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىش ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ۋە شەخسىي مەخپىيەتنى ئاشكارىلاپ قويۇشتەك قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى، ئالاقىدار تارماق ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان ياكى قانۇن، ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلىرىنى ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس ئالاقىدار تارماققا پاش قىلىش، شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئالاقىدار تارماق پاش قىلىش، شىكايەت قىلىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە پاش قىلغۇچى، شىكايەت قىلغۇچىغا ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك.

95-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە پىچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان، توڭلىتىۋېتىلگەن، ئېلىپ قېلىنغان، يىغىۋېلىنغان بۇيۇم ۋە مەبلەغ قاتارلىقلارنىڭ تېررورىزم بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان بولسا، ئالاقىدار تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا بىكار قىلىپ قايتۇرۇش كېرەك.

96-ماددا ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە چىقىرىلغان مەمۇرىي جازا ۋە مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.

10-باب  قوشۇمچە پىرىنسىپ

97-ماددا بۇ قانۇن 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23-يىغىنىدا ماقۇللانغان «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» بىكار قىلىنىدۇ. [1]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#