ياقائېرىق يېزىسى

ياقائېرىق يېزىسى

ياقائېرىق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 34 كىلومېتىر كېلدىغان جايغا جايلاشقان. 

ئۇيغۇرچە نامى ياقائېرىق يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 118.2 كۋادرات كىلومېتىر
تېلېفون رايون نۇمۇرى 0998
خەنزۇچە ئاتىلىشى 亚喀艾日克乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى
نوپۇسى 10323 ئادەم
ماشىنا كودى يېڭى Q

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ياقائېرىق يېزىسىياقائېرىق يېزىسى يەكەن ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 34 كىلومېتىر كېلدىغان جايغا جايلاشقان. جەنۇبىي تەرىپى يەكەن دەرياسى، يەكەن ناھىيەسى. 

ياقائېرىق يېزىسى ئەسلىدە چارەك گۇڭشې تەۋەلىكىدە بۇلۇپ، 1986-يىلى 5-ئايدا يېزا قۇرۇلغان. كۆلىمى 118 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 10323 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 9638 ئادەم، باشقا مىللەتلەر 685 ئادەم. «ياقائېرىق» ئۇيغۇر تىلىدا «كەنت يېنىدىكى ئۆستەڭ» دېگەن مەنىدە. چۈنكى يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايدىكى كەنت يېنىدا ئېرىق بار بۇلۇپ، شۇڭا ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، كېۋەز، قىچا قاتارلىقلار بار. دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى رېمونت قىلىش، دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كارخانىلىرى بار.

ياقائېرىق يېزىسىياقائېرىق يېزىسى كىلىماتى تىپىك قۇرغاق قۇرۇقلۇق خاراكتېرىدىكى مۆتىدىل بەلۋاغ كىلىماتى بۇلۇپ، تۆت پەسىل ئېنىق، كۇندۇزلۇك ۋاقتى ئۇزۇن، يىللىق كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئومۇمىي سائەت سانى 2965 سائەت، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى ℃11-℃12، يىللىق قىروۋسىز ئوتتۇرىچە مەزگىلى 210-230 كۈن، ئىسسىقلىق بايلىقى مول، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ. قۇرغاق ۋە يامغۇر ئاز ياغىدۇ، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى زور، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 40 مىللىمېتىر، پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2226 مىللىمېتىر. تۆت پەسىلدە شىمال شامىلى ئەۋج ئېلىپ، ئوتتۇرىچە شامال سۈرئىتى 1.9 مېتىر/ سېكۇنت، 6 بالدىن يۇقىرى بوران يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 19.9 كۈن. يېزىدىكى %80 سۇ مەنبەسى ئېگىز تاغدىن ئېرىگەن قار سۈيى ئارقىلىق كېلىدۇ، پەسىل خاراكتېرلىكى بىر قەدەر كۈچلۈك. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاساسلىق تەبىئىي ئاپەتلىرى: بوران ئاپىتى، كەلكۈن ئاپىتى، قۇم-بوران ئاپىتى ۋە ئۈششۈك قاتارلىقلار بار.

ياقا ئېرىق يېزىسى يەلپۈگۈچسىمان لاتقا، دېھقانچىلىق رايونىنىڭ چېتىدىكى قاقاس (قۇملۇق) چۆل ئېغىر، تۇپراق تىپى ئاساسەن قۇمساڭ تۇپراق ئېغىر قۇملىشىپ كەتكەن ، ئورگانىك ماددا مىقدارى %1 ئەتراپىدا بولىدۇ.

ياقائېرىق يېزىسىياقائېرىق يېزىسىغا قاراشلىق 11 مەمۇرىي كەنت ئالاھە كومتېتى بۇلۇپ، بۇلار: قوشتۈگمەن كەنتى، ياقائېرىق كەنتى، كونا ئۆستەڭ كەنتى، قۇرۇل كەنتى، مۇساق كەنتى، لەڭگەر كەنتى، تۇمشۇق ساراي كەنتى، ئالماسلەڭگەر كەنتى، ئۇزاقساي كەنتى، سىرىقتوغراق كەنتى، ساي ئۆستەڭ كەنتى قاتارلىقلار. يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق كەنت قوشتۈگمەن كەنتى قاتارلىقلار.

يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى

ياقائېرىق يېزىسىنىڭ نوپۇسى ئاز، يېرى كۆپ، يەرلىك مالىيە ۋە دېھقانلارنىڭ ئاساسلىق كىرىمدا كېۋەز ئاساس قىلىنغان تېرىقچىلىق. يىل بېشىدىن 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بۇغداي كۆلىمى 13 مىڭ 500 مو، كېۋەز 20 مىڭ مو، جەمئىي تېرىغان زاكاز جاڭدۇ 1600 مو، 3000 مو پىگمېنتلىق قىزىلمۇچ تېرىلغان، قوغۇن-تاۋۇز 500 مو، باشقىلار 1250 موغا يەتكەن.

باغ-ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالى

2011-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يېزا بويىچە 20317 مو ئىقتىسادىي ئورمان كۆلىمىگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆرۈك 8279 مو، ياڭاق 4533 مو، بادام 7464 مو بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 2661 مو ئاشۇرۇلغان، ئالما 33 مو، نەشپۈت 8 مو.

چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ھالىتى

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا چوڭ چارۋىلارنىڭ قوتاندىكى سانى 32380 تۇياق (دانە)، يىل بېشىدىكىدىن 2848 تۇياق (دانە)، توخۇ 134600 دانە، 97400 دانە چىقىرلغان. بەلگە سېلىنغان سانى 32380 دىن يۇقىرى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغان ئۆي قۇشلىرى206250 دانە/ قېتىم، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغان چوڭ چارۋا 90520 تۇياق/ قېتىم. ئالدىنقى يېرىم يىلدا توڭلىتىلغان سپېرما بىلەن سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇلغان يەرلىك كالا 1210 تۇياق، سوغۇق سەپلەش نىسبىتى %86.40.

ئەمگەك كۈچى چىقىرىش ئەھۋالى

سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان ئىشلەمچىلەر 320 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئايال ئىشچى 80 ئادەم، جەمئىي تۈرلۈك تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ 3 مەزگىلىدە تەربىيىلەنگەن خادىملار 310 ئادەم (قېتىم). ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىشقا ئورۇنلىشىشى، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بىلەن تەڭ ھەل قىلىغان. 

ياقائېرىق يېزىسىياقائېرىق يېزىسى يېزا بويىچە 11 مەمۇرىي كەنت، 55 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. يېزىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 46 مىڭ مو، يېزا بويىچە جەمئىي پارتىيە ياچېيكىسى 24 كە، پارتىيە ئەزاسى 499 نەپەر. 11 پونكىت-سولار، 6 مەكتەپ، ئايرىم- ئايرىم يېزا ئوتتۇرا مەكتەپ، يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ، ئالماس لەڭگەر باشلانغۇچ مەكتەپ (2 كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى)، سېرىقتوغراق باشلانغۇچ مەكتەپ (4-باشلانغۇچ مەكتەپ)، لەڭگەر باشلانغۇچ مەكتەپ (11 كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى)، پەن-تېخنىكا مەدەنىيەت مەكتىپى، ياقا ئېرىق يېزىسى مەمۇرىي ئىشتات سانى 34 كە يەتكەن، رەھبىرىي كادىرلىرى 15 نەپەر، ئادەتتىكى كادىر 14 نەپەر، ئىشچىلار 5 نەپەر.[0] 


مەمۇرىي كەنىتلەر 

ياقائېرىق يېزىسىغا قاراشلىق 11 مەمۇرىي كەنت ئالاھە كومتېتى بۇلۇپ، بۇلار: قوشتۈگمەن كەنتى، ياقائېرىق كەنتى، كونا ئۆستەڭ كەنتى، قۇرۇل كەنتى، مۇساق كەنتى، لەڭگەر كەنتى، تۇمشۇق ساراي كەنتى، ئالماسلەڭگەر كەنتى، ئۇزاقساي كەنتى، سىرىقتوغراق كەنتى، ساي ئۆستەڭ كەنتى قاتارلىقلار. يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق كەنت قوشتۈگمەن كەنتى قاتارلىقلار.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#