جاڭ شياۋلوڭ

جاڭ شياۋلوڭ خۇنەنلىك بولۇپ، 1969-يىلى شاۋياڭدا تۇغۇلغان، 1987-يىلى ئوتتۇرا جۇڭگو پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. foxmail، ئۇندىدارنىڭ بەرپاچىسى.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جاڭ شياۋلوڭ خۇنەنلىك بولۇپ، 1969-يىلى شاۋياڭدا تۇغۇلغان، 1987-يىلى ئوتتۇرا جۇڭگو پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، لېي جۈن ئوقۇغان ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىر شەھەردە ئىدى.

جاڭ شياۋلوڭ ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن دۆلەت ئورگىنىغا كىرىپ ئىشلىدى، لېكىن بۇ تالانت ئىگىسى تۈزۈلمە ئىچىدىكى چەكلەشلەرگە پەقەت چىدىيالمىدى، ئۇزاق ئۆتمەي ئىستېپا بەردى، يەككە - يېگانە ھالدا بىر ئېلخەت يوللانمىسى قوبۇل قىلىش ۋە يوللاش دېتال foxmailنى بەرپا قىلدى.

foxmail ئەينى چاغدا مەملىكەت ئىچىدىكى ئەڭ ئىلغار ئېلخەت سىستېمىسى بولۇپ، مىكروسوفت outlookقا جەڭ ئېلان قىلدى، ناھايىتى تېزلا ئىككى مىليون ئابۇنت توپلىدى، شۇ مەزگىلدىكى  QQ نىڭ ئابونىتلىرىمۇ ئاران 100 مىڭ ئىدى.

1988-يىلى ئەمدىلا جىنشەننىڭ باش دىرېكتورى بولغان لېي جۈن جاڭ شياۋلوڭغا تېلېفون قىلىپ، foxmailنى سېتىۋالغۇسى بارلىقىنى، مۇۋاپىق باھا قويۇشنى ئېيتتى. جاڭ شياۋلوڭنىڭ foxmailغا ئاللىبۇرۇن قىزىقىشى قالمىغان بولۇپ، بۇ ئەخلەتنى بالدۇرراق تاشلىۋەتكۈسى بار ئىدى، شۇڭا ئۇ شاپاق نەرخىدە 150 مىڭ يۈەن باھا قويدى.

لېي جۈن قوشۇلدى، كۆڭلىدە توختىماي مۇغەمبەرلەرچە كۈلدى: «مۇشۇنداق  ئەرزان ساتامسىز؟» ئاندىن... ئاندىن ھېچ ئىش يۈز بەرمىدى، لېي جۈن ئەمدىلا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان بولغاچقا، ئۇنى ئىشلار بېسىۋالدى، بۇ ئىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالدى. جاڭ شياۋلوڭ بەك ئەرزان باھا قويغاچقا، لېي ئاتامان 150 مىڭلىق ئەرزان سودىغا ئېتىبارسىز قارىدى.

ھېلىمۇ ياخشى لېي جۈن ئۇنتۇپ قاپتىكەن، ئىككى يىلدىن كېيىن، جاڭ شياۋلۇڭ ئۇنى 12 مىليونغا ساتتى، بودا ناملىق بىر شىركەت foxmailنى ئۆتكۈزۈۋالدى. جاڭ شياۋلوڭ پۇلنى ئېلىپ، ماشىنىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ شىزاڭغا يۈرۈپ كەتتى.

كېيىن بودا foxmailنى باشقۇرۇپ بولالمىدى ھەمدە foxmailنى جاڭ شياۋلوڭ بىلەن بىللىلا تېڭشۈنگە سېتىپ بەردى، جاڭ شياۋلوڭ تېڭشۈننىڭ گۇاڭجۇ تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ ئاتامانى بولۇپ قالدى .

جاڭ شياۋلوڭ كونا كەسپىنى قىلىپ، تېڭشۈننىڭ QQ ئىلخەت ساندۇقىنى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇپ، MSN ۋە Hotmailنى بىراقلا جايلىۋەتتى.

2010-يىلى ئەزەلدىن كەم سۆز جاڭ شياۋلوڭ خوجايىنى ما خۇاتېڭغا ئېلخەت يوللاپ، ئۈندىدارنى بەرپا قىلىشنى ئېيتتى. بۇ ۋاقىتتا مىلياۋ ئاللىقاچان چىقىپ بولغان بولۇپ، سەگەك جاڭ شياۋلوڭ بۇ نەرسىنىڭ QQغا تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدى .

QQمۇ دوراشتىن باش كۆتۈرگەن بولغاچ، جاڭ شىياۋلوڭنىڭ ئويى ماخۇاتېڭنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، ماخۇاتېڭ دەرھال: «سىز گۇاڭجۇ تەتقىقات بۆلۈمىدىكىلەرگە باش بولۇپ خاتىرجەم ئىشلەڭ، مەن سىلەرنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوللايمەن!» دېدى.

لېي جۈنمۇ يۇمشاق باشلاردىن ئەمەس ئىدى، تېڭشۈننىڭ ئىچكى قىسمىدا لېي جۈننىڭ پايلاقچىسى بار ئىدى، تېڭشۈننىڭ مىلياۋنى جايلىۋېتىش پىلانىنى بىلەتتى. بىراق لېي جۈن چوتنى خاتا سوقتى، تېڭشۈننىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۈچ گۇرۇپپا قوشۇن ئۈندىدارغا ئوخشاش مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىۋاتاتتى، قالغان ئىككىسى لېي جۈننىڭ قاتتىق نازارىتىدە بولۇپ، پەقەت جاڭ شىياۋلوڭلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئىدى.

2011-يىلى ئۈندىدار رەسمىي مەيدانغا كەلدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۈندىدار تېز ئىلگىرىلەپ، رىقابەتچىلىرىنى يىراققا تاشلىۋەتتى.

جاڭ شىياۋلوڭنىڭ خاراكتېرى ئۈندىدارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بەلگىلىگەن.

جاڭ شىياۋلوڭ ئەسلىدە پىروگراممېر بولۇپ ، كېيىن مەھسۇلات دىرېكتور بولغان، ھازىر ئۇ سەنئەتكار بولۇپ قالدى . چۈنكى ئۇ بىر قېتىملىق نۇتۇقىدا ئۈندىدار بىر خىل تۇرمۇش ئۇسۇلى دېگەن ئىدى. ئەڭ دەسلەپتە ئۇ ئۈندىدارنى سودىلاشتۇرۇشنى رەت قىلىپ، پەقەت سۇپا قۇرۇشنىلا ئويلىغان ئىدى، چۈنكى جاڭ شىياۋلوڭغا نىسبەتەن نام-ئاتاق ھېچنېمە ئەمەس ئىدى.

Foxmail دەسلەپتە پايدا ئېلىشنى ئويلاپ باقمىغان، ئۈندىدارمۇ دەسلەپتە ئېلان قىستۇرمىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى شىياۋلوڭنىڭ قارارى ئىدى، ئۇ پەقەت جىمجىت ھالدا بىر خىل ياخشى مەھسۇلات ئىشلەشنىلا ئويلايتتى، كەڭ خېرىدارلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىشنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى.

جاڭ شياۋلوڭ جوبىسقا ئوخشايدىغان شەخس، ھەرقانداق ئىشتا نۇقسانسىز بولۇشنى قوغلىشىدۇ، مەسىلەن، ئۈندىداردىكى ئايروپىلان ئويۇنى ئاددىيلىقتا ئادەمنى چۆچۈتىدۇ، ئۇنى جاڭ شياۋلوڭ نۇرغۇن لايىھەنى ئىنكار قىلغاندىن كېيىن ئاندىن بېكىتكەن ئاخىرقى نۇسخا ئىدى.

ئۈندىدار ئېچىلغان كۆرۈنۈشتىكى تەنھا ئادەم دەل جاڭ شياۋلوڭنىڭ ئۆزى. ئۇ بىر بەڭگى، گۇاڭجۇ kent ماركىلىق تاماكىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىستېمالچىسى، ئۇ تاماكا چەككەچ پىروگرامما لايىھەلەيدۇ، پۈتۈن بەدىنى تاماكا پۇراپلا تۇرىدۇ. ئۇ يالغۇز توپ ئوينايدۇ، يالغۇز ناخشا ئاڭلايمەن، ئۆزى يالغۇز ئاۋدى ماشىنىسىنى ھەيدەپ گۇاڭجۇدا كېچە سەيلىسى قىلىدۇ، قاچانلا قارىسا ئاغزىدا بىر تال تاماكا چىشلەپلا تۇرىدۇ.

ئۇ ئۆزىنىڭ تەنھالىقى ئارقىلىق مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ئۈندىدار شادلىقىنى مۇۋەپپەقىيەت ياراتتى.[0]

تېڭشۈننىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە فاكتورى ئەلۋەتتە ناھايىتى كۈچلۈك، ئەگەر تۆۋەندىكى بۇ ئادەم بولمىغان بولسا، كىمنىڭ ئۇتۇپ كىمنىڭ ئۇتتۇرىشىنى بىلگىلى بولمايتتى، ئۇ بولسىمۇ ئۈندىدار ئاتىسى جاڭ شياۋلوڭ ئىدى. لېي جۈن ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىغا پۇشايمان قىلدى، چۈنكى جاڭ شياۋلوڭ ما خۇاتېڭغا بەيئەت قىلىشتىن بۇرۇن لېي جۈنگە ئەگەشكىلى تاس قالغان ئىدى.

مىلياۋنىڭ ئۈندىداردىن بۇرۇن بارلىققا كەلگەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز.

لېكىن مىلياۋ ئاللىقاچان زاۋاللىققا يۈزلەندى، ئۈندىدارنىڭ بولسا ئىستىقبالى پارلاق. ھازىر ئۈندىدارنىڭ مۆلچەردىكى قىممىتى 83 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 534 مىليارد 400 مىليون يۈەن خەلق پۇلى) بولۇپ، تېڭشۈننىڭ بازار قىممىتىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ.

مىلياۋ بىلەن ئۈندىدار چەتئەل سۆزلىشى دېتالى كىكىنى دورىغان بولۇپ، ئەمما ئۈندىدار چىققاندىن كېيىن مىلياۋنىڭ ياخشى كۈنلىرى ئاخىرلاشقان ئىدى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#