ئوگ ماندىنو

ئوگ ماندىنو

ئوگ ماندىنو 1924-يىلى تۇغۇلغان. ئامېركىلىق يازغۇچى، ئۇنىڭ 18 ئەسىرى 18 خىل تىل تەرجىمە قىلىنغان. سېتىلىش مىقدارى 30 مىلىيون دىن ئېشىپ كەتكەن. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ بازارلىق كىتاب يازغۇچى، يەنە دۇنيا بويىچە ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان نۇتۇق سۆزلىگۈچى بىرى.

ئىسمى ئوگ ماندىنو
ئىنگىلىسچە ئىسمى auger Mandinuo
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
ۋاكىللىك ئەسىرى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى
خەنزۇچە ئىسمى 奥格·曼狄诺
تۇغۇلغان ۋاقتى 1924-يىلى
كەسپى كارخانىچى، ۋە يازغۇچى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1996-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوگ ماندىنوئوگ ماندىنو 1924-يىلى ئامېرىكىنىڭ شەرقىدە بىر پۇقرا ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 28 ياشقا كىرگۈچە بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرگەن، شۇ چاغقىچە ئوقۇغان، خىزمەت تاپقان، ۋە توي قىلغان.

ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن جاھاننىڭ بۇزۇق تەرىپىدىكى تۈرلۈك ئېزىقتۇرۇشلىرىنىڭ تەسىىرىدە، ئۆزىنىڭ قارىغۇلارچە ھەرىكەت قىلىدىغان نادانلىقىدىن كەچۈرگىلى بولمايدىغان بىر يۈرۈش خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ بارلىق قىممەتلىك نەرسىلىرىنى-ئائىلىسىنى، ئۆي-ماكانى ۋە خىزمىتىنى يۇقىتىپ قۇيۇپ، قىپيالىڭاچ بىر قەلەندەرگە ئايلىنىپ قالغان.

 شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇددى كۆزىنى تېڭىپ قويۇپ بەرگەن‹‹ئەما››غا ئوخشاش يۇرت-يۇرتلاردا ئاققۇن بولۇپ يۈرۈپ ئۆزىنى ئىزدىگەن، كۈن ئېلىشنىڭ تۈرلۈك سۇئاللىرىغا جاۋاب ئىزدىگەن.

 ئىككى يىلدىن كېيىن، بىر كۈنى چېركاۋغا ئىبادەتكە بېرىپ ھۆرمەتلىك بىر پوپ بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان، پوپ ئۇنىڭ تاتارغان چىراي ۋە غەم بېسىپ كەتكەن كۆزلىرىگە قاراپ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتقان.

ئۇنىڭ بىلەن ئۇزاق سۆزلىشىپ، ئۇ ئوتتۇرغا قويغان كىشىلىك ھاياتنى خاراب قىلىدىغان بىر مۇنچە مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەن.ئۇ پوپ بىلەن خوشلاشقاندا پوپ ئۇنىڭغا ‹‹ئىنجىل شېرىپ››بىلەن 11 پارچە كىتابنىڭ نامى يېزىلغان بىر تىزىملىكنى ھەدىيە قىلغان.

ئۇ كىتابلار مۇنۇلاردىن ئىبارەت:‹‹ئەڭ ئۇلۇغ كۈچ››،‹‹ياقۇتلۇق زېمىن››،‹‹تەپەككۇر قىلىۋاتقان ئادەم››‹‹ئۆزىگە مۇسابىقە››،‹‹فىرانكلىننىڭ تەرجىمھالى››،‹‹ئۇتۇققا يېتىپ بېرىشنىڭ مەنىۋى ئامىلى››،‹‹تەپەككۇر ۋە بايلىق ››،‹‹مەغلۇبىيەتتىن ئۇتۇققا ئۆتۈشنىڭ تىجارەت تەجرىبىسى››،‹‹سۆيگۈ قۇدرىتى ››،‹‹ئېتقاد قۇدرىتى››.

ئوگ ماندىنو مۇشۇ تىزىملىك بۇيىچە بۇ كىتابلارنى كۇتۇپخانىلاردىن تېپىپ ئىنچىكىلىك بىلەن ئۇقۇپ چىققان، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلى خۇددى تۇمانلار ئارىسىدىن قۇياشنىڭ چوغلۇق نۇرىدا تاۋلىنىپ يۇرۇقلۇققا چىققاندەك لەپپىدە يۇرۇپ كەتكەن. ئۇ كىتابلارنى ئۇقۇپ بولۇپ، ‹‹ئەمدى ھەرىكەتنى باشلايمەن›› دىگەن ئىرادە بىلەن كىتابنى يېپىپ ئورنىدىن تۇرغان، بۇ چاغدا ئۇنىڭ يۈرىكىدىن ئۈمۈد كەپتەرلىرى ئۇچۇشقا باشلىغان.

ئۇ ‹‹بۈگۈندىن باشلاپ مەغلۇبىيەت قاپلاپ كەتكەن كۈنلىرىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، دۇنياغاسۆيگۈ بىلەن قارايمەن، يېڭى تۇرمۇشنى باشلايمەن››دىگەن قەسەميات بىلەن ھايات يۇلىغا يىڭۋاشتىن قەدەم باسقان.

راسىت ئادەم تەبىئەتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ مۆجىزىسى. ئوگ ماندىنو ئۆزىدىكى يۇشۇرۇن قابىلىيەتنى تۇنۇپ يەتكەن ھامان ئۇنىڭدا مىسلى كۈرۈلمىگەن تۇرمۇش قىزغىنلىقى ۋە شىجائەت پەيدا بولغان.ئۇ كىتابتىكى دانىشمەنلەرنىڭ تەلىملىرى بۇيىچە خۇددى سەپەرگە ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرغان دېڭىزچى ئېنىق نىشان بۇيىچە يەلكەننى چىقىرىپ ئۆركەشلەۋاتقان دېڭىزدىن ئۈتۈپ شېرىن خىياللىرىدا كۆرۈنگەن قىرغاققا يېتىپ چىقىۋاتقاندەك تىنىمسىز ھالغا كەلگەن.

 شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ گېزىت ساتقۇچى، شىركەتلەرنىڭ مال ساتقۇچىسى، كەسپىي دىرېكتور...قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. ئۇ تاللىغان يوللاردا پۇرسەتلەر ماڭدامدا ئۇچراپ تۇرغان، شۇنداقلا ھەربىر پۇرسەتتىن بەزى مۈشكۈل جاپالار ئۇنىڭ ئالدىنى توسقان. ئەمما ئۇ ھەممىدىن غالىپ كەلگەن.چۈنكى ئۇ ياشاشنىڭ ئۆلچەملىرىنى ئىگىلىۋالغاچقا ‹‹تەڭرى ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان››، ئۇ ھەربىر قىيىنچىلىق، تۇسالغۇ، ھەتتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا يەنە ئاشۇ كىتابلارنىڭ تىلى بىلەن تاكى ئۇتۇق قازانغۇچە ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرغان،ئىلھاملاندۇرغان، ئۆزىنىڭ ھەربىر ھەرىكىتى ئارقىلىق ھاياتلىقنىڭ جان يېرىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى تىزگىنلەپ ماڭغان.

ھەربىر كۈننى تەبەسسۇم بىلەن كۈتۈۋېلىپ، ئۆزىنىڭ قىممىتى ئەڭ زور چەكتە ئەمەلگە ئاشۇرغان. ئۇ 35 ياشقا كىرگەندە تۇنجى كارخانىسى ‹‹ئۇتۇق›› ژورنىلىنى قۇرۇپ چىقىپ، بايلىق، ساغلاملىق، شادلىق كۈنلىرىنى باشلىغان.

 ئۇنىڭ بۇ قەدەملىرى ئۇنىڭغا ئاجايىپ زور شان-شەرەپلەرنى ئېلىپ كەلگەن. 600 نەچچە رادىئو ۋە تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇنى تەكلىپ قىلىپ سۆزلەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نامى ئامېرىكا سودا ساھەسىدىكى ھەممە بىلىدىغان ۋە ئېتراپ قىلىدىغان باتۇرغا ئايلانغان. ئەمما ئۇ بارلىق ئۇلۇغ شەخسلەرگە ئوخشاش دائىمىي رىغبەتتە بولۇپ ئۆزى ئۇقۇغان ‹‹11 پارچە كىتاب›› مۇئەللىىپلىرىدەك كىشىلەرگە بەخىت-سائادەت كەلتۈرىدىغان ئۆلمەس ئەسەرنى يېزىشقا تەييارلىق قىلغان.

ئۇ 1968-يىلى 44 ياشقا كىرگەن ۋە ‹‹دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى››دىگەن ئۇلۇغ ئەسەرنى يېزىپ دۇنياغا داڭىق چىقارغان.ئۇ بۇ ئەسەرگە ئۆمۈرلۈك يۈرەك قېنىنى سىڭدۈرگەن بولۇپ، ئەسەر دۇنياغا كەلگەندىن كېيىنلا دۇنيا بۇيىچە 22 خىل تىلدا 18 مىليون نۇسخا بېسىپ تارقىتىلغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/193947.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#