كالىزىرە دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. كالىزىرە (خام دورا)
  2. كالىزىرە ()
خام دورا

كالىزىرە

كالىزىرە

كالىزىرە بەلغەمنى سۈرۈش، مەددىنى چۈشۈرۈش،ئاغرىق پەسەيتىش، ئىششىق ياندۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە  ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى كالىزىرە
ئەرەبچە نامى ھۇمامە، ئاتىرلال، كۇمۇنى كەرمانى
ئىنگلىزچە Kinkaoil Ironweed
خەنزۇچە ئاتىلىشى 驱虫斑鸠菊 qu chong ban jiu ju
پارسچە نامى زىرى دەشتى، زىرە سەھرىيى
تەبىئىتى ئۈچىنچى دەرىجىنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇق ئىسسىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك كالىي زىرىسى (Anthelmintica Willd Vernonia) بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى(ئۇرۇقى) كالىي زىرىسى نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئائىلىسى

مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئېگىزلىكى بىر-ئىككى مېتىر،غولى تىك، يۇقىرى قىسمى كۆپ شاخلايدىغان، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك

چىقىش ئورنى

شىنجاڭدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ،ھىندىستان ۋە پاكىستان قاتارلىق ئەللەردە ياۋا ھالدىمۇ ئۆسۈپ قالىدۇ ياكى تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

ئۇرۇقى

ئۈنۈملۈك تەركىبى

تەركـىۋىـدە ۋېـرنونـىـك كـىـسلاتاسى (Vernonic acid). ۋېـرنولېـپىـن (Venolepin)،ۋېرنودولـىن (Vernodolin)، ئانىئورگانىـك تەركىب،كۆپ مىقداردا كالـىي، ناترىي، كالتسىي، ماگنىي، فوسفور قاتارلىقلار بار.

خۇسۇسىيىتى

بەلغەمنى سۈرۈش، مەددىنى چۈشۈرۈش،ئاغرىق پەسەيتىش، ئىششىق ياندۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە  ئىگە.

خاس تەسىرى

تېرىنى ئوزۇقلاندۇرۇش، قىزارتىش، تېرە رەڭ ماددىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

ئورۇنباسارى

زىرە، رۇم بەدىيان، ئارپىبەدىيان

ئەكىس تەسىرى

بۆرەك ۋە ئۆپكىگە ۋە ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

تاغ يالپۇزى

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

كالىزىرە ئۇكۇلىكالىزىرە ئوكۇلى،قۇرسى كالىزىرە.

كېسەللىك مىسالى

ھەر خىل ئىششىق، ئۈچەي مەددە قۇرتى، مۇپاسىل، بەرەس قاتارلىقلارغا  ئىشلىتىلىدۇ.

ياز ۋە كۈز پەسلىدە پىشقاندا يىغىۋېلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=339

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#