تۆت ئاساسى ماددا

تۆت ئاساسى ماددا

تۆت تادۇ-تۆت ئاساسى ماددا دىمەكلىكتۇر(ئوت،ھاۋا،سۇ ،تۇپراق).ﺑﯘ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭ ، ﯲﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻰ ﯪﺳﺎﺱ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪﻩ <<ﺗﯚﺕ ﺗﺎﺩﯗ>>ﺩﻩﭖ ﯪﺗﺎﻟﻐﺎﻥ . 

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بﯘ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭ ، ﯲﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻰ ﯪﺳﺎﺱ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪﻩ <<ﺗﯚﺕ ﺗﺎﺩﯗ>>ﺩﻩﭖ ﯪﺗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﺗﯚﺕ ﺗﺎﺩﯗ (ﺗﯚﺕ ﭼﻮﯓ ﻣﺎﺩﺩﺍ)ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻰ ﯰﺯﺍﻕ ﯲﺗﻤﯜﺷﺘﻪ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﯭﺗﻨﻰ ﯞﻩ ﯲﺯﯨﻨﻰ ﻛﯜﺯﯨﺘﯩﺶ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﻪﻛﯜﻧﻠﯩﮕﻪﻥ ﺧﯘﻻﺳﯩﺴﯩﺲ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻜﻰ ﻳﯘﻧﺎﻥ ﯪﻟﯩﻤﻰ ﺑﻪﻗﺮﺍﺕ (ﻫﯧﭙﻮﻛﺮﺍﺕ)ﻳﺎﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻗﯩﺮﯨﻢ ﯪﺭﯨﻠﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﯬﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﻜﯩﻔﻼﺭ(ﺳﺎﻛﻼﺭ)ﺩﯨﻦ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ، ﯰﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﯬﺭﻩﺑﻠﻪﺭ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯬﺭﻛﺎﻥ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯪﺗﯩﻐﺎﻥ ، ﯬﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﺗﯚﺕ ﭼﻮﯓ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻰ ﯬﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺯﻭﺭ ﺗﯚﻫﭙﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . تۆت تادۇ ﯲﺯﯨﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﻰ ، ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﯩﮕﻪ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﯚﺕ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،يەنى ئوت،ھاۋا،سۇ،تۇپراق.

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە تەبىئەتتىكى تۆت چوڭ ماددا تەبىئەت دۇنياسىنىڭ تۆت چوڭ تۈۋرۈكى، ئەگەر بۇ تۈۋرۈكلەرنىڭ بىرى مەۋجۇت بولمىسا، تەبىئەت دۇنياسى مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، دەپ قارالغان. بۇنداق چۈشەنچە يالغۇز قەدىمكى ئۇيغۇر خەلقىدىلا مەۋجۇت بولۇپ قالماستىن، يەنە باشقا مىللەت ۋە باشقا مەملىكەت خەلقلىرىدىمۇ مەۋجۇت ئىدى.

ئوتئۇيغۇرلار «ئوت»نى قۇياش، ئادەتتىكى ئوتنى قۇياشتىن كەلگەن ماددا دەپ تۇنۇغان. ئۇلار ئوت (قۇياش) تەبىئەت دۇنياسىدا كەم بولسا بولمايدىغان چوڭ ماددا، چۈنكى ئۇ تەبىئەت دۇنياسىغا يۇرۇقلۇق ئاتا قىلىدۇ، تۆت پەسىلنى ۋە كېچە – كۈندۈزنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈپ، دۇنيانىڭ ئوخشاشمىغان جايلىرىغا ئىسسىقلىق يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئوت تەبىئەت دۇنياسىنى قىزىتىش، جىسىملارغا ھارارەت ئۆتكۈزۈش، پىشۇرۇش، تەركىبلەرگە ئايرىش، قاتتىق جىسىملارنى ئېرىتىش، ماددىلاردا رەڭ پەيدا قىلىش، سۇنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇۋېتىشىنى، تۇپراقنىڭ سۇغۇقلۇقىنى تەڭشەش قاتارلىق روللارنى ئويناپ، دۇنيانى تەڭپۇڭ ھالەتتە ساقلاپ تۇرىدۇ، دەپ قارىغان. شۇڭا، ئەجداتلىرىمىز ئوتنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يېتىپ، ئۇنى مۇقەددەس «ئىلاھ» دەپ قاراپ، ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە قۇياشقا چوقۇنۇپ، ئوتنى ئۇلۇغلىغان.

ئۇيغۇر ۋە تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدا پەيدا بولغان زەردۇشت(ئاتەشپەرەسلىك) دىنى، شامان دىنى (شامانىزىم) نىڭمۇ مۇشۇ قاراشتىن كېلىپ چىققانلىقى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. ئۇيغۇرلار قۇياشنىڭ بىر يىلنىڭ تۆت پەسلى ئىچىدە تەرەتىپلىك دەۋر قىلىپ، جانلىقلارنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىشى ئۈچۈن مۇۋاپىق كېلىدىغان ئىسسىقلىق بىلەن تەمىن ئېتىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئىسسىقلىقنڭ ھەرقايسى ئايلار ۋە پەسىللەردە ئوخشاشمىغان دەرىجىدە تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇلار قۇياش ئىسسىقلىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە كۆيدۈرۈش، قۇرۇتۇش، تارتىش، تېپىش، پىشۇرۇش ۋە ھەرىكەتلەندۈرۈش خۇسۇسيەتلىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئاساسەن، ئۇنى ئادەتتىكى ئوتقا ئوخشاتقان، چۈنكى ئوتمۇ كۆيدۈرىدۇ، ئىسسىتىدۇ، پىشۇرىدۇ ۋە يۇرۇقلۇق چىقىرىدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن، ئوتنى قۇياشنىڭ يەر يۈزىدىكى ۋەكىلى دەپ قاراپ، ئوتنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق جىسىملار ئۈچۈن ئەڭ موھىم ئىكەنلىكىنى، ئۇ باشقا ئۈچ چوڭ ماددا (ھاۋا، سۇ، تۇپراق) دىن يەڭگىل بولۇپ، ھاۋانىڭ ئۈستىدە پۈتۈن يەر شارىنى قاپلاپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلگەن ھەم يەنە ئوتنى قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك چوڭ ماددا دەپ ھېساپلىغان.


ئورنى

ﯰ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ، ﺷﺎﻻﯓ ، ﺭﻩﺗﺴﯩﺰ ، ﯬﯓ ﻳﯧﻨﯩﻚ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﯞﻩﺯﯨﻦ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻳﻪﯕﮕﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﻫﻪﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﯲﺭﻟﻪﻳﺪﯗ ،

رولى

 ﯮﺕ (ﻗﯘﻳﺎﺵ)ﺗﯚﺕ ﭘﻪﺳﯩﻞ ﯞﻩ ﻛﯧﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﯮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﯰ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻗﯩﺰﺯﯨﺘﯩﺶ ، ﺟﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻏﺎ ﻫﺎﺭﺍﺭﻩﺕ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ، ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﺵ ، ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﻪﺭﮔﻪ ﯪﻳﺮﯨﺶ ، ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺟﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﺮﯨﺘﯩﭗ ﯲﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ، ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻏﺎ ﺭﻩﯓ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﺳﯘ ﯞﻩ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺳﯘﻏﯘﻗﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﺵ ﺭﻭﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ .

 تەبىئىتى

 ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ 

ھاۋائۇيغۇرلار «ھاۋا» (قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «يەل» دېيىلىدۇ) نى ئىنسانلارنىڭ نەپەسلىنىشىگە ئېھتىياجلىق بولغان ماددا، ھاۋا جانلىقلارنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ، روھ (جان) ئاتا قىلىدۇ، مۇھىتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ، قۇياشنىڭ (ئوتنىڭ) سۇغا ۋە تۇپراققا بولىدىغان زىيادە تەسىرىنى (قىزىتىۋېتىشىنى) پەسەيتىدۇ، بارلىق ھاياتلىقلارنىڭ تەبئىي ھالدا نورمال ياشىشى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدۇ، چۈنكى ئىنسانلار ئوزۇق-تۈلۈكسىز بىر نەچچە كۈن ياشىيالىشى مۇمكىن، ئەمما ھاۋاسىز بىر نەچچە مىنۇتمۇ ياشىيالمايدۇ، دەپ قارىغان.

ئۇيغۇر تېۋىپلىرى گەرچە ھاۋانى كۆز بىلەن كۆرگىلى ۋە قول بىلەن تۇتقىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئۇششاق ماددىلارنىڭ بىرىكمىسىدىن ھاسىل بولغان چوڭ ماددا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ھەم يەنە ھاۋانى ئوتتىن ئېغىرراق، سۇدىن يەڭگىلرەك بولغان چوڭ ماددا دەپ قاراپ، ئۇنى ئوتنىڭ ئاستىدا، سۇنىڭ ئۈستىدە پۈتۈن يەر شارىنى ئوراپ تۇرىدۇ، دەپ قارىغان. قەدىمكى ئۇيغۇرلار يەنە ھاۋانىڭ جىسىملارغا گاھى ئىسسىق، گاھى ھۆللۈك ئۆتكۈزۈش تەسىرىنىڭ بارلىقىنى بايقاپ، ئۇنى ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك چوڭ ماددا دەپ ھېساپلىغان.

ئورنى

ﻫﺎﯞﺍ ﻳﻪﯕﮕﯩﻠﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﯮﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﻐﯩﺮ ، ﺳﯘﺩﯨﻦ ﻳﻪﯕﮕﯩﯩﻞ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .

رولى

ﯰ ﻣﯘﻫﯩﺘﺘﯩﯩﻜﻰ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ ، ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﺳﯘﻏﺎ ﯞﻩ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻫﺎﺭﺍﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺪﯗ . ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻧﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﯮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ . 

 تەبىئىتى

ﻫﺎﯞﺍ ﯮﺭﯗﻥ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﯮﺗﻨﯩﯔ ﯪﺳﺘﯩﺪﺍ ، ﺳﯘﻧﯩﯔ ﯴﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯴﭼﯜﻥ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﻫﯚﻝ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . 

سۇئۇيغۇر تېۋىپلىرى سۇنىمۇ ئوت، ھاۋاغا ئوخشاش ناھايىتى مۇھىم ماددا دەپ قاراپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق جانلىقلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتى ئۈچۈن سۇ جانلىقلارغا زۆرۈر بولغان ماددىلارنى تېگىشلىك ئورۇنلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىش، كېرەكلىك ماددىلارنى سۇيۇقلاندۇرۇش، ھەرىكەتلەندۈرۈش، ئېرىتىش ۋە پارچىلاش، جىسىملارنى ئوت (قوياش) نىڭ زىيادە قىزدۇرۇپ پارچىلىۋېتىشىدىن، تۇپراقنىڭ قۇرۇتۇۋېتىشىدىن ساقلاش، ماددا ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ھاسىل بولغان كېرەكسىز ماددىلارنى ھەرخىل يوللار بىلەن چىقىرىۋېتىش رولى بار، دەپ قارىغان. ھاياتلىق ئۈچۈن سۇ ھاۋادىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ ماددا، چۈنكى ئادەم تاماق يېمەي بىر ھەپتە ياشىيالىشى مۇمكىن، بىراق سۇ ئىچمەي بىر نەچچە كۈنمۇ ھايات تۇرالمايدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇر تېۋىپلىرى سۇنىڭ تەبىئەت دۇنىياسىدا كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۈر ماددا ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن ھەم سۇنىڭ نەملەش، سوۋۇتۇش، ماددىلارنى ئېرىتىش، ئېقىتىش خۇسۇسيەتلىرىگە قاراپ، سۇ بولمىسا پۈتۈن كائىناتنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىنىمۇ ئويلاپ يەتكەچكە، ياشاش ئۈچۈن سۇلۇق جايلارنى ئىزدەپ، دەريا-ئېقىن بويلىرىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. سۇنىڭ ئادەم بەدىنىگە ھۆل سوغۇق تەسىر بېرىدىغانلىقىنى، سۇنىڭ ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك چوڭ ماددا ئىكەنلىكىنى، سۇنىڭ ھاۋادىن ئېغىرراق، تۇپراقتىن يەڭگىلرەك بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ، ئۇنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئورنى ھاۋانىڭ ئاستىدا، تۇپراقنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، دەپ ھېساپلىغان.

ئورنى

ﺳﯘ -ﯸﻐﯩﺮﻟﯩﻖ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﻳﻪﯕﮕﯩﻞ ، ﻫﺎﯞﺍﺩﯨﻦ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯴﭼﯜﻥ ، ﻧﯩﺴﭙﯩﻲ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .

رولى

ﯰ ﯪﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺕ ﯞﻩ ﯲﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﻪﺭ ﯴﭼﯜﻥ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﻰ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﯮﺭﯗﻧﻼﺭﻏﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﺯﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ، ﺳﯘﻳﯘﻗﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ، ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﺮﯨﺘﯩﺶ ، ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ، ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﯮﺕ (ﻫﺎﺭﺍﺭﻩﺕ)ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﯭﻟﯩﻨﯩﺶ ، ﺟﺎﻧﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﯪﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻫﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯧﺮﻩﻛﺴﯩﺰ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﻰ ﻫﻪﺭﺧﯩﻞ ﻳﻮﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻘﯩﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﺭﺗﯩﺶ ﺭﻭﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯲﺗﻪﻳﺪﯗ

 تەبىئىتى

ﯮﺭﯗﻥ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﯴﺳﯩﺘﺪﻩ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ، ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﻫﯚﻝ ﺳﻮﻏﯘﻕ

تۇپراقئۇيغۇر تېۋىپلىرى يەرنى «تۇپراق» دەپ كۆرسەتكەن ھەم يەنە تۇپراقنى مۇتلەق ئەڭ ئېغىر ماددا دەپ بىلىپ، ئۇنى تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق جانلىق ۋە جانسىز جىسىملارنىڭ شەكلىنى پەيدا قىلىدۇ، سۈپتىنى ساقلايدۇ ۋە بارلىق جانلىقلار تۇپراقتىن چىقىدىغان ئۇزۇقلۇقتىن بەھرە ئالىدۇ، ئاخىرىدا تۇپراققا قايتىدۇ ھەمدە تۇپراق تەبىئەت دۇنياسىدا سۇنىڭ زىيادە سۇيۇقلاندۇرۇۋېتىشىنى، قۇياشنىڭ زىيادە قىتىۋېتىشىنى ياكى كۆيدۈرۇۋېتىشىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ، پۈتكۈل جانلىقلارغا زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى يېتەرلىك مىقداردا ساقلايدۇ، تۇپراقنىڭ يەنە جىسىملارنى پارچىلاش، پىششىقلاش روللىرىمۇ بار، دەپ قارىغان. ئۇيغۇر تېۋىپلىرى يەنە تۇپراقنىڭ رولىغا قاراپ ئۇنىى «بارلىق مەۋجۇداتنىڭ ئانىسى» دەپ چۈشەنگەن. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپ ساندىكى ماددىي ئەشيالارنىڭ تۇپراقتىن يېتىشىپ چىقىدىغانلىقى ۋە تۇپراقتا مول ئوزۇقلۇقنىڭ ساقلىنىدىغانلىقىنى، ھاياتلىق پائاليىتىدە سۇ، ھاۋا، تۇپراقنىڭ چوڭ رول ئوينايدىغانلىقىنى، قۇياشنىڭ تەسىرى بىلەن يېتىشىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ھايۋانات ۋە ئىنسانلار يەردىن چىقىدىغان ئۇزۇقلۇقلارغا تايىنىپ ياشايدىغانلىقىنى ۋە تۇپراقنىڭ ئادەم بەدىنىگە قۇرۇق ھەم سوغۇق تەسىر قىلىدىغانلىقىنى، تۇپراقنىڭ قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك ئەڭ ئېغىر چوڭ ماددا ئىكەنلىكىنى بىلگەن.

ئورنى

ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ---ﯞﻩﺯﯨﻦ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺟﯩﺴﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﯰ ، ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺴﯩﺘﯩﺶ ، ﻗﯘﺭﯗﺗﯘﺵ ، ﺳﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻜﺘﯜﺭﯛﺵ ، ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﺵ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﯰﭼﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . 

رولى

ﯰ ﺗﻪﺑﯩﯭﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺟﺎﻧﺴﯩﺰ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﯞﻩ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . ﯰﻻﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺳﯘﻧﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻫﯚﻟﻠﯜﻙ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺋﯩﺴﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺟﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺯﯛﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯮﺯﯗﻗﻠﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﻳﯩﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻘﺘﺎﺭﺩﺍ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯗ . ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﺵ ، ﭘﯩﺸﺸﯩﻘﻼﺵ ﺭﻭﻟﯩﻐﺎ ﺋﯧﮕﻪ . 

 تەبىئىتى

تەبىئىيتى ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺳﻮﻏﯘﻕ ھىسابلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇرلارنىڭ «ئوت، ھاۋا، سۇ، تۇپراق» 

http://koknur.net/list.asp?unid=2689

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#