تېچاڭگۇ بازىرى

تېچاڭگۇ بازىرى

تېچاڭگۇ بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارباغاتاي ۋىلايىتى تولى ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا-بازار بۇلۇپ، 1981-يىلى قۇرۇلغان، تېچاڭگۇ بازىرى بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئارىلىقى 700 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى تېچاڭگۇ بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا-بازار
يەر مەيدانى 116 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى يېرىم قۇرغاق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 铁厂沟镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون تارباغاتاي ۋىلايىتى تولى ناھىيەسى
نوپۇسى 12000 ئادەم
جۇغراپىيەلىك ئورنى شەرقىي ئۇزۇنلۇق°83، شىمالىي كەڭلىك°40 ئەتراپىدا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تېچاڭگۇ بازىرىشىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ تولى ناھىيەسى تېچاڭگۇ بازىرى 1981-يىلى قۇرۇلغان، مەملىكەت بويىچە 369 تەرەققىيات ئىسلاھاتىنى نۇقتىسى سىناق قىلىش بازىرىنىڭ بىرى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 32 نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىرى، 11 تەرەققىيات ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش بازىرى بىرى، شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. شەرقىي ئۇزۇنلۇق °83، شىمالىي كەڭلىك °40 ئەتراپىدا، S201 سىزىقى ۋە S318 سىزىقى كرېست شەكىللىك. غەربىي شىمال دۆربىلجىن ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 80 كىلومېتىر، غەربىي تولى ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 90 كىلومېتىر، شەرقىي تەرىپى قاراماي شەھىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 92.8 كىلومېتىر، شەرقىي شىمال قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 150 كىلومېتىر، تارباغاتاي، باقتۇ پورتى 140 كىلومېتىر. قاراماي __ تاشقورغان تاشيولى ۋە 318 سوزۇلغان لىنىيە مۇنارى چۆچەك __ تېچاڭگۇ __ قوبۇقسار موڭغۇل بازىرىدىن ئۆتۈپ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي تۆت ناھىيەنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى جايلاشقان، جۇغراپىيەلىك ئورنى ئەۋزەل، قاتنىشى قولاي.

تەرەققىيات ئەۋزەللىكى 

تېچاڭگۇ بازىرىتېچاڭگۇ بازىرى ئىقتىسادىي تەرەققىيات تەپەككۈر يولى: «ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش، كەسىپلەر ھەمتۈرتكىسى، قۇرۇلمىنى ياخشىلاش، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش» تەرەققىيات فاڭجېنىنى، جۇغراپىيەلىك ئورۇن ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ چىڭ تۇتۇپ، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش پۇرسىتىگە ئالدىن ئېچىش، سانائەت تەرەققىيات رايونى تايانچ قىلىنىپ دېھقانچىلىق رايونلىرىدا باقمىچىلىق ۋە ئالاھىدە تېرىقچىلىق مۇھىم نۇقتا قىلىپ ساياھەتچىلىك يېزا ئىگىلىكى بۆسۈش ئېغىزى، كىچىك شەھەر-بازارلار قۇرۇلۇشىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا تايىنىش كەسىپ قۇرۇلمىسىنى داۋاملىق سەرخىللاشتۇرۇپ ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كىرىمىنى ئاشۇرۇش، پۈتۈن بازار ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى داۋاملىق يولغا قويۇش. 

ناھىيەلىك پارتكوم «ئۈچلەشتۈرۈش» نى تەڭ ئېلىپ بېرىش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە ئۆزىدىكى بايلىقتىن پايدىلىنىپ، يەنى: جۇغراپىيەلىك ۋە قاتناش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ خېرىدار-مەبلەغ جەلىپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ ئەۋزەللىككە ئىگە بايلىقلاردىن ئەمەلىي پايدىلىنىش ئىستراتېگىيەسى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلغان. تېچاڭگۇ بازىرى سانائەت رايونى، جۇڭغار سانائەت رايونى ۋە جىنگاڭ سانائەت رايونى قۇرۇلۇشى تەييارلىق ماكانلاشقان. ھازىر تېچاڭگۇ بازىرى نوپۇسقا ئالغان ھەر خىل زاۋۇتتىن 57 سى بار بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پۈتۈن دۆلەتتىكى 500 كۈچلۈك كارخانىدىن  2 سى، مەبلەغ سېلىشى يۈز مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان كارخانىدىن 4 ى ۋە شۈجۇ كانچىلىق گۇرۇھىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۆمۈر، كۆمۈر، ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، دۆلەت ئېلېكتىر گۇرۇھى تېچاڭگۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، شىنجاڭ ياۋروپا تەيگې چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋە تولى ناھىيەسى شىفېڭ ئالتۇن ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلار دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن. كۆمۈر ← ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى ← مېتال تاۋلاش ← قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىيات ئەندىزىسى بىر قەدەر كۈچلۈك تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ۋە باشلامچىلىق بىلەن تەرەققىيات ئەۋزەللىككە ئىگە.

ھازىرقى ئىقتىسادىي ئەھۋالى

تېچاڭگۇ بازىرى2013-يىللىق ئىشقا ئاشۇرۇش GDP191200 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19 ئاشقان. 1-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 12 مىليون 460 مىڭ يۈەن، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %35.43 كۆپەيگەن، يىللىق پىلان %111.5 نى ئىگىلىگەن. 2-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 1 مىليارد 689 مىليون 160 مىڭ يۈەن، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.9 ئاشقان.  يىللىق پىلاننىڭ %112 نى ئىگىلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە سانائەت قوشۇلما قىممىتى 1 مىليارد 383 مىليون 610 مىڭ يۈەن، بىناكارلىق قوشۇلما قىممىتى 305 مىليون 550 مىڭ يۈەن. 3-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 210 مىليون 380 مىڭ يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.8 ئاشقان، يىللىق پىلاننىڭ %105 نى ئىگىلىگەن. 

دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى ئالدىنقى يىلدىكى 6222 يۈەندىن 7262 يۈەنگىچە، 1040 يۈەن ساپ كۆپىيىپ، ئېشىش نىسبىتى 16.71%؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرىچە چارۋىچىلىق كىرىمى 3342 يۈەن، يېزا ئىگىلىك كىرىمى 596 يۈەن، سانائەت بىناكارلىق كىرىمى 90 يۈەن، 3-كەسىپنىڭ كىرىمى 1472 يۈەن، ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش كىرىمى 943 يۈەن بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى %46، %8.2، %12.5، %20.3، %13 بولغان.

پۈتۈن بازار بويىچە ھەر خىل رويخەتكە ئالدۇرغان كارخانا 96 گە، سودىگەرلەر 729 گە يەتكەن، 2013-يىللىق يۇقىرىغا تاپشۇرغان دۆلەت بېجى ئومۇمىي باج سوممىسى 148 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يۇقىرىغا تاپشۇرغان يەرلىك باج ئومۇمىي باج سوممىسى 120 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

سانائەت تەرەققىياتى 

تېچاڭگۇ بازىرىدىكى سانائەت تەرەققىيات رايونى ۋۇشى نېفىت خىمىيە سانائىتى باش زاۋۇتى 216-دۆلەت يولى كېسىشكەن ئۈچ بۇرجەك جايغا جايلاشقان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 3.8 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يېقىندىن بېرى، بازارلىق ھۆكۈمەت  ئاساسىي قۇرۇلۇش مەبلىغى 28 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ "بىرنى تۈزلەش» ئىشقا ئاشۇرۇلغان. 2004-يىل ئاخىرىغىچە تېچاڭگۇ بازىرى جەمئىي يېزا-بازار كارخانىسى 498 گە، بۇنىڭ ئچىدە: سانائەت ئىشلەيدىغىنى 69، بىناكارلىق بىر، قاتناش-تىرانسپورت كەسپى 293 ى، توپ ۋە پارچە سېتىش سودا كەسپىنىڭ 52، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى 83 كە يەتكەن.

2004-يىلى يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 805 مىليون يۈەن، بۇلار ئىچىدە: سانائەت كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 739 مىليون يۈەن، بىناكارلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 10 مىليون يۈەن، 3-كەسىپ ئىشقا ئاشۇرۇلغان جەمئىي مەھسۇلات قىممىتى 56 مىليون يۈەن.

2010-يىلىدىكى پىلاندا يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 2 مىليارد 627 مىليون يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدە سانائەت كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 2 مىليارد 520 مىليون يۈەن، بىناكارلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 10 مىليون يۈەن، 3-كەسىپ ئىشقا ئاشۇرۇلغان جەمئىي مەھسۇلات قىممىتى ھەر 97 مىليون يۈەن. كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات قىممىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %21.8 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە سانائەت ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %23 ئاشقان. بىناكارلىق كەسپى بىلەن تەڭلەشكەن. 3-كەسىپ مەھسۇلات قىممىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %9.6 ئاشقان. سانائەت، بىناكارلىق، 3-كەسىپ بازار كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى نىسبىتى 95.9:0.4:3.7 نى ئىگىلەيدۇ. 

چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش 

تېچاڭگۇ بازىرىتېچاڭگۇ بازىرىدىكى يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان چارۋا 31056 تۇياق، ۋاكسىنا ئوكۇل قىلىش نىسبىتى %100 كە يەتكەن. كارانتىن قىلىش ئارقىلىق لاياقەتسىز بولغان چارۋا 20 تۇياق، زىيانسىزلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش، سويۇشنى كارانتىن قىلىش بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %100 كە يەتكەن. چوڭ چارۋا تەسىس قىلىنغان توڭلىتىلغان سپېرما بىلەن سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش پونكىتى بىر، 466 تۇياق ياخشىلانغان يۇقىرى مەھسۇلاتلىق باشباي 12، 40 تۇياق شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى كىرگۈزۈلگەن، 505 تۇياق كالا سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلغان. 

تېچاڭگۇ بازىرى قارىمىقىدا ئۈچ مەھەللە، ئۈچ كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: لىمىن مەھەللىسى، تۇڭشىن مەھەللىسى، جۇڭغار مەھەللىسى، ئارپاسالغان كەنتى، خاتۇ كەنتى، نەنۋەن كەنتى قاتارلىقلار.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#