مېڭە پەردە ياللۇغى

مېڭە پەردە ياللۇغى

مېڭە پەردە ياللۇغى _ يۇمشاق مېڭە پەردىسىنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىشنىڭ ئۆزگىرىش بولىدۇ. تۆت خىلىتنىڭ سان ۋە پەن جەھەتتىكى ئۆزگىرىشى، مېڭە ۋە مېڭىنى ئوراپ تۇرغۇچى پەردىلەرنىڭ ياللۇغلىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكتۇر. 

غەرب تېبابىتى نامى مېڭە پەردە ياللۇغى
خەنزۇچە نامى 脑膜炎
يۇقۇملىنىشى يۇقىدۇ
ئاساسلىق ئالامىتى جىددىي قۇسۇش، يۇقىرى قىزىتما، جۆيلۈش
تەۋە بۆلۈم نېرۋا ئىچكى بۆلۈمى
ئىنگلىزچە نامى meningitis

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مېڭە پەردە ياللۇغىبالىلاردىكى مېڭە پەردە ياللۇغى(سەرسامى ئەتفال):بۇ كىچىك بالىلار مېڭىسىنى ئوراپ تۇرغۇچى سۆڭەكلىرىگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان نېپىز پەردىنىڭ ياللۇغى بولۇپ كىلىنىكىدا يۇقىرى قىزىتما بۇلۇش، ھوشىدىن كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپالىنىدىغان ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ بىرى كۆپىنچە قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىرىدە يۈز بىرىدۇ. كىچىك بالىلار بولۇپمۇ ئەمچەك يېشىدىكى بالىلار كۆپرەك ئاغرىيدۇ.

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، تۆت خىلىتنىڭ سان ۋە پەن جەھەتتىكى ئۆزگىرىشى، مېڭە ۋە مېڭىنى ئوراپ تۇرغۇچى پەردىلەرنىڭ ياللۇغلىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك.

بۇ كېسەل گەرچە يۇقۇملۇق كېسەل بولسىمۇ بۇ كېسەلنىڭ بالىلارغا يۇقىشىدا بالىلار مىزاجىدا بۇزۇلۇش تۆت خىلىتنىڭ ھەرخىل ئۇفۇنەت ۋە جاراسىملا تۈپەيلىدىن بۇزۇلۇشى نەتىجىسىدە ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. بەزىدە باشقا كېسەللىكلەرنىڭ ئاسارىتىدىنمۇ بولىدۇ. 

ئالامىتى: جىددىي قۇسۇش، يۇقىرى قىزىتما، جۆيلۈش، بىئاراملىق، باش ئاغرىش، يورۇقلۇقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، ئۇيقۇسىزلىق، پۇت-قول ھەرىكەتلىرى قالايمىقانلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

دەسلەپ زۇكامدەك بەلگىلەر كۆرۈلۈپ كىيىن قىزىتما، باش ئاغرىش، ئارقىدىن چىدىغۇسىز باش ئاغرىش روھى كەيپىيات تۇتۇقلىشىش، ئەس ھوشىنى يوقىتىش، چۈچۈش، پۇرقۇپ قۇسۇش، بېشى ئارقىسىغا قايتىپ قېلىش، باشنىڭ ئالدىنقى لىپىلدىقى پولتۇيۇپ چىقىش، كۆز ئالمىسى تىترەش ۋە مىدىرلىماسلىق، ئېغىرلاشقاندا كۆكىرىش، پۇت-قوللار مۇزلاپ كېتىش قاتارلىق ئېغىر ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. [0]

1-رېتسېپ

تەركىبى: گاۋزىبان ھىندى، ئاقلانغان يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، تازىلانغان پىلە غوزىسى، بالەنگۇ ئۇرۇقى، ئاق بەھمەن، سەندەل، پەرەنجىمىشكى 30 گىرامدىن، مەرۋايىت، ئىپار 5. 2 گىرامدىن، ئەنبەر بەش گىرام، ناۋات 1200 گىرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى چالا سوقۇپ، سۇغا بىر كېچە چىلاپ، ئەتىسى ئۈچتىن بىر قىسمى قالغۇچە قاينىتىلىپ سۈزۈلىدۇ ۋە سۈيىگە 5. 1 ھەسسە ناۋات سېلىنىپ قىيام قىلىنىدۇ. قىيام سوۋۇپ ئىلمان ھالەتكە كەلگەندە ئۈستىگە ئىپار، ئەنبەر، مەرۋايىتلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

مېڭە پەردە ياللۇغىتەركىبى: كەھرىۋا، تاباشىر، قىزىلگۈل، گاۋزىبان، سېمىز ئوت ئۇرۇقى 15 گىرامدىن، كەتىرا، بىخ مارجان، مەرۋايىت، ئاق سەندەل، قىرقىلغان پىلە غوزىسى توققۇز گىرامدىن، ئامىلە مۇقەششەر 21 گىرام، دارچىن ئۈچ گىرام، زەپەر 5. 1 گىرام، ئىپار ئۈچ گىرام، قەنت ئىككى ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، قەنتنى گۇلاب بىلەن قىيام قىلىپ، قىيامغا يۇمشاق سوقۇلغان ئىپارنى سېلىپ، قالغان دورىلارنى ئۈستىگە سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: گاۋزىبان بىر كىلوگرام، سۇ ئالتە كىلوگرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: گاۋزىباننى تازىلاپ، پار قازىنىدا پارلاندۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن 50 گىرامغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

بالىلاردىكى مېڭە پەردە ياللۇغى(سەرسامى ئەتفال) نىڭ داۋالاش پىرىنسىپى: ياللۇغ قايتۇرۇپ ھارارەتنى پەسەيتىپ ھۆللۈك يەتكۈزۈش ۋە بەدەننى كۈچلاندۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تىببىى دەستۇر تىبابەت تورىدىن ئېلىندى . 

http://www.tibbidastur.com/?m=yazma_kurux&uid=100

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#