كەرۋىيا
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك ياۋا زىرىنىڭ ئۇرۇقى بولۇپ، سوقىچاق شەكىللىك، سىرتقى يۈزى كۈل رەڭگە مايىل يېشىل، بەش تال تومپىيىپ چىققان قىرى بار، تەمى ئاچچىق، پۇراقسىز بولۇپ، «كەرۋىيا» نامىدا دورىغا ئىشلىتىىدۇ.
يۇمشىتىش، يەل تارقىتىش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئۈچەي قۇرتلىرىنى ئۆلتۈرۈش، تېرىنى قىزارتىش، نەپەسنى راۋان قىلىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىشتىھانى ئېچىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشتىھاسىزلىق، قورساق ئېسىلىش، قورساق ئاغرىقى، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، نەپەس سىقىلىش، يۈرەك تىترەش، ئاق كېسەل (بەرەس) ۋە ئۈچەي قۇرتى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
1. كەرۋىيا، قەمبىل،قۇپەل، كاۋا ئۇرۇقى قاتارلىقلاردىن 10 گرامدىن ئېلىپ، دورىلارنى قاينىتىپ ئىچسە، ئۈچەي قۇرتلىرىنى چۈشۈرىدۇ.
2. رۇم بەدىيان، زىرە، پىننە، كەرۋىيا قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ، چايلىق تەييارلاپ ئىچسە سوغۇق يەللەرنى تارقىتىپ ئىشتىھانى ئاچىدۇ.
كۈز پەسلىدە مېۋىسى پىشقاندىن كېيىن، يەر ئۈستىدىكى قىسمى ئورۇۋېلىنىپ مېۋىسى ئايرىلىپ قۇرۇتۇلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.