ۋيېنتيان
لائوسنىڭ پايتەختى، ۋيېنتىيان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر ئولاسنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ۋيېنتىيان تۈزلەڭلىكىنىڭ جەنۇبىغا، مېكونگ دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
زەپەر دەرۋازىسىلائوسنىڭ پايتەختى، ۋيېنتىيان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر ئولاسنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ۋيېنتىيان تۈزلەڭلىكىنىڭ جەنۇبىغا، مېكونگ دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 337 مىڭدىن ئاشىدۇ(1985) . ۋيېنتىيان لائوسنىڭ ئەڭ قەدىمىي شەھىرى بولۇپ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىردە قۇرۇلۇشقا باشلىغان. كېيىن بىرنەچچە قېتىم پايتەخت بولغان. ۋيېنتىيان لائوسنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، بۇ جاي 17-، 18-ئەسىرلەردىلا مۇھىم سودا مەركىزى بولغان، ھازىر پۈتۈن لائوستىكى زاۋۇت، فابرىكىلارنىڭ 4/3 قىسمى مۇشۇ شەھەرگە مەركەزلەشكەن. شەھەردە ياغاچچىلىق، خىش زاۋۇتى، توقۇمىچىلىق، سەرەڭگە، سوپۇن، نەققاشچىلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. ۋيېنتىيان شەھىرىدە مەشھۇر بۇتخانىلار، ئاتاقلىق بۇت مۇنارلىرى، شەھەرنىڭ يېنىدا ئاتاقلىق خەلقئارا ئايرودرومى بار. 13-نومۇرلۇق تاشيول شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ.
ۋيېنتياندا قاتناش خىراجىتى ئانچە يۇقرى ئەمەس ،ۋيېنتياندا ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرسىڭىز ۋېتنام ياكى تايلانتدا ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرغاندەك ئۇنچە راھەت ئەمەس،چۈنكى ئاپتۇبۇسقا كىشىلەر تۈرلۈك ھايۋانلارنى ئېلىپ چىقىدۇ،ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەرنىڭ ئاپتۇبۇسلىرى ھەر خىل يۈك تۇشۇش ئاپتۇموبىللىرىدىن قۇراشتۇرۇپ چىقىلغان ،ياتاقنىڭ ھەر خىل تىپتىكى ئەرزان-قىممەتلرى بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.