كەڭ مەنىدىكى بۈركۈت بولسا كىچىك تىپتىن ئوتتۇرا تىپقىچە بولغان كۈندۈزى ھەركەت قىلىدىغان لاچىنسىمان تۈردىكى قۇشلارغا تەۋە ، يەنى قارچىغا قۇرغۇيلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ،بۈركۈت بولسا گۆشخور تىپقا تەۋە ،چاشقان ،يىلان ،ياۋا توشقان ،كىچك قۇشقۇاچ قاتارلىقلارنى تۇتۇپ يەيدۇ ،چوڭ تىپتىكى بۈركۈتسىمانلار ئائىلىسى ئۆچكە ،قوي ،كىچىك بۇغا قاتارلىقلارنى تۇتىدۇ ،ئۇىنڭ تاشقى كۆرىنىشى بىرخىل ھەيۋەت ،تەبىئىيتى ياۋۇز ،ھايۋانات ئىلىمىدە ئۇنى يىرتقۇچ قۇشلار تۈرى دەپ ئاتايدۇ ،دۆلىتمىزىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بۈركۈت تۈرىدىن قارىغۇجا ،قۇرغۇي قاتارلىقلار بار ،دۆلىتىمىزنىڭ «ياۋايى ھايۋانلارنى قوغدش قانۇن»نىدا ئېنىق بەلگىلەنگەن : بارلىق يىرتقۇچ قۇشلار دۆلەتلىك ئىككىنچى دەرىجىدىن يۇقىرى قوغدىلىدىغان ھايۋانلارغا تەۋە ، تۇتۇش ،ئېلىپ –سېتىش ،بېقىش ۋە زىيان يەتكۈزۈش قەتئى مەنئىي قىلىنىدۇ .

ئۇيغۇرچە ئىسمى بۈركۈت
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
تۈركۈمى لاچىنسىمانلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى قارچىغا ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئىسمى
سىنىپى قۇشلار سىنىپى
ئائىلىسى بۈركۈت ئائىلىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

   

پۈتۈن دۇنيادا 190 دىن ئارتۇق تۈرى بار ،تەيۋەندە دائىم كۆرىلىدىغان 20 نەچچە تۈرى بار ،تەيۋەن ئارىلىنىڭ تاغلىق رايونى، سازلىق، دېڭىز ساھىلى، دەريا ئېغىزى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان، ھايۋاناتلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، يىرتقۇچ قۇشلار تۈرىگە تەۋە ، پىڭدوڭ تۈزلەڭلىكىدە دائىم كۆرىلىدىغان بۈركۈت ئائىلىسىگە تەۋە قۇش تۈرىنىڭ ئىچىدە ئاق قۇيرۇقلۇق دېڭىز بۈركۈتى دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۈر بار ،ئۇنىڭ بېشى ،بوينى سۇس قوڭۇر رەڭدە ياكى سېرىق رەڭدە ،دۈمبە قورساق قىسمى بولساقوڭۇر رەڭدە ئاڭ رەڭلىك قۇيرىقى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ،تەيۋەندىكى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان پەسىل قۇشلىرى . يەنە بىر خىل دۈمبىسى قىزىل قوڭۇر رەڭدە،قورساق تەرىپى ئاق ۋە سىزىقچىللىرى بار ،ئېڭىكى سۈت رەڭدە بولۇپ ،ھەريىلى كۈز كەلگەندە جۇڭگونىڭ شەرقى شىمالىدىن ،ياكى روسىيەنىڭ سىبىريىدىن دېڭىز يۈزىگە بارىدۇ .

    

ئوزۇقلىنىش جەھەتتىن بۈركۈت بولسا گۆشخور ھايۋان بولۇپ، چاشقان، يىلان، ياۋا توشقان، كىچىك قۇش قاتارلىق كىچىك تىپتىكى ھايۋانلارنى تۇتۇپ يەيدۇ ،

   چوڭ تىپتىكى بۈركۈت ئائىلىسىدىكى قۇشلار ئۆچكە ،قوي ،كىچىك بۇغا قاتارلىقلارنى يەيدۇ، بۈركۈت كۆپىنچىسى كۈندۈزى ھەرىكەت قىلىدۇ ،مىڭ مېتىردىن ئارتۇق بوشلۇقتا پەرۋاز قىلىۋاتقان بولسىمۇ، يەر يۈزىدىكى ياۋايى ھايۋانلارنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ ،ئۇنىڭ بىرناھايتى كۈچلۈك پۇتى ۋە ئۆتكۈر تىرنىقى بار بولۇپ ھايۋانلارنى تۇتۇش ۋە  پارچىلاشقا قولايلىق ،ئۇنىڭ تۇمشۇقى چوڭ ،ئاشقازان ئۈچەيلىرى تەرەققىي قىلغان ،ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، يېگەن چاشقانلارمۇ بىردەمدە ھەزىم بولۇپ بولىدۇ ،قىياپىتى ھەيۋەت ،تەبئىيتى ۋەھشىي بولۇپ ھايۋانات ئىلمىدە يىرتقۇچ قۇشلار تۈرى دېيىلىدۇ . 

تاز قارا چوڭ تىپتىكى بۈركۈت ئائىلىسىگە تەۋە قۇش بولۇپ، مەخسۇس چىرىگەن گۆش يەيدۇ ،ئۇ دېڭىز يۈزىدىن 7000 مېتىردىن يۇقىرى تاغ قىرلىرىدا ئۇچالايدۇ، ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى ئېگىز ئۇچۇش چېمپىيونى .دېڭىز بۈركۈتى يەنى قارنا دېڭىز يۈزىدە ئۇچۇپ يۈرۈيدۇ ،بېلىقنى بايقىغان ھامان ئوقياغا ئوخشاش سۇغا شۇڭغۇيدۇ . دۆلىتىمىزنىڭ «ياۋايى ھايۋانلارنى قوغدش قانۇن»نىدا ئېنىق بەلگىلەنگەن : بارلىق يىرتقۇچ قۇشلار دۆلەتلىك ئىككىنچى دەرىجىدىن يۇقىرى قوغدىلىدىغان ھايۋانلارغا تەۋە ، تۇتۇش ،ئېلىپ –سېتىش ،بېقىش ۋە زىيان يەتكۈزۈش قەتئى مەنئىي قىلىنىدۇ . ئەگەر يارىدار يىرتقۇچ قىشلارنى  بايقىغاندا  ، يەرلىك ياردەم بېرىش ئورگانلىرى ياكى ئورمانچىلىق تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ. قونالغۇسى ؛ئاساسلىقى جىلغا ،دەرەخزارلىق ،ئورمانلىقلارنى قونالغۇ قىلىدۇ ،كۆپىيىش مەزگىلىدە كۆكلەردە پەرۋاز قىلىدۇ ھەمدە بىر خىل ياڭراق ئاۋاز چىقىرىدۇ .ھاياتلىق دەۋرىيلىكى ؛ سار بولسا دۇنيادىكى ئۆمرى ئەڭ ئۇزۇن قۇش تۈرى ،ئۇنىڭ بىر ئۆمرىدىكى ھاياتى 70 ياشقا بارىدۇ .

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    100%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#