بالىياتقۇ قاناش

بالىياتقۇ قاناش

ئومۇمەن، كۆپىيىش سىستېمىسىدىكى نېرۋا ئىچكى ئاجراتما مېخانىزمىنى تەڭشەش قالايمىقانچىلىقىدىن كېلىپ چىققان نورمالسىزلىق، بالىياتقۇ قاناش، تەكشى فۇنكسىيە بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك بالىياتقۇ قاناش دەپ ئاتىلىدۇ. بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان ئاياللار كېسىلى , بالاغەتكە يېتىش مەزگىلى ۋە ھەيز كېسىلىش دەۋرىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ. 

غەرب تېبابىتى نامى بالىياتقۇ قاناش
كېسەللىك سەۋەبى ئاياللارنىڭ جىنسىي يولىدىن قەرەلسىز خۇن كېلىش، خۇننىڭ مىقدارى كۆپ بولۇش، ماغدۇرسىزلىنىش، يۈرەك سېلىش، ئىشتىھاسىزلىق، ئۇيقۇسىزلىق، كەم قانلىق
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار ئاياللار
باشقا نامى خۇن تەۋرەش
ئاساسلىق ئالامىتى ئاياللارنىڭ جىنسىي يولىدىن قەرەلسىز خۇن كېلىش، ، خۇننىڭ مىقدارى كۆپ بولۇش، ماغدۇرسىزلىنىش، يۈرەك سېلىش، ئىشتىھاسىزلىق، ئۇيقۇسىزلىق، كەم قانلىق
خەنزۇچە نامى 子宫出血,血崩症
تەۋە بۆلۈم ئاياللاربۆلۈمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بالىياتقۇ قاناشسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، بالىياتقۇ مىجەزى بۇزۇلۇش، قان سۇيۇلۇپ كېتىش، ئۇيۇشۇشچانلىقى تۆۋەنلەش، بالىياتقۇنىڭ قۇۋۋىتىنى تەڭشىگۈچى تەبىئىي قۇۋۋەتنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىش، شۇنداقلا بەدەن ئاجىزلىق، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، غەم-قايغۇ، قاتتىق چارچاش قاتارلىق روھىي ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: خەلق ئارىسىدا خۇن تەۋرەش، خۇن كېسەللىكى دەپ ئاتىلىدۇ. ئاياللارنىڭ جىنسىي يولىدىن قەرەلسىز خۇن كېلىش، ھەيز كۆرۈش ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىش، خۇننىڭ مىقدارى كۆپ بولۇش، كۆزى قاراڭغۇلىشىش، ماغدۇرسىزلىنىش، يۈرەك سېلىش، ئىشتىھاسىزلىق، ئۇيقۇسىزلىق، ئىنچىكە بەل بىلەن تۆۋەنكى قورساق قىسمى تېلىپ ئاغرىش، ئاقىۋىتىدە كەم قانلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: چۆپچىنى 30 گىرام، بەدىيان، ئامىلە، سېرىق ھېلىلە پوستى، قارا ھېلىلە، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، جۇۋىنە، شاقاقۇل، جويۇز، بوزىدان، سەۋزە ئۇرۇقى، ئۇد ھىندى، دارچىن، بەسباسە، سۇمبۇل، ئاسارۇن، قەلەمپۇر، سۆرۈنجان مىسىرى، خولىنجان، سۆئدى كۇپى، پىلپىل، زەپەر، كۇندۇر، زەنجىۋىل 10 گىرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلار يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈندە ئىككى ۋاخ، ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن بېرىلىدۇ.

2-رېتسېپ

بالىياتقۇ قاناشتەركىبى: كەھرىۋا 15 گىرام، گىلى ئەرمەنى، سەمغى ئەرەبى، خۇنسىياۋشان، تاباشىر، نىشاستە، كەتىرا، ئاقاقىيا، ئانارگۈلى، بىخ مارجان، كۇندۇر، پوستى خەشخاش 10 گىرامدىن، ئەنجىبار 15 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، مېۋە قىيامى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 3 ~ 6 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ) .

3-رېتسېپ

تەركىبى: بۇغا مۈڭگۈزى كۈلى 80 گىرام، كەھرىۋا 20 گىرام، پىل غوزىسىنىڭ كۈلى 15 گىرام، فۇپەل، موزا 30 گىرامدىن، ئانار پوستى 80 گىرام، ئانار گۈلى 60 گىرام، قارا شېكەر 200 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: قارا شېكەردىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، قارا شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تالقان تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ئىككى گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#