لېف تولستوي

لېف تولستوي

لېف تولستوي (1828-1910-يىللار) دۇنيادا تەڭداشسىز ئۇلۇغ يازغۇچى. «تولستوي ئەسەرلىرى» 90 توم، 10 مىليون خەتلىك، 19-ئەسىردىن ئىلگىرىكى ئىنسانلار ئىجاد قىلغان بارلىق ئەدەبىي ژانىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ سانى كۆپ، ژانىرى مول بولۇپ، ئەدەبىيات تارىخىدا كەم كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرى 19-ئەسىردىكى رۇسىيەنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ قامۇسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى لېف تولستوي
باشقا نامى Лев Николаевич Толстой،托尔斯泰
مىللىتى رۇس مىللىتى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1910-يىلى
كەسپى يازغۇچى، ئوبزورچى، پەيلاسوپ
خەنزۇچە ئىسمى 列夫·尼古拉耶维奇·托尔斯泰
دۆلەت تەۋەلىكى رۇسىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1828-يىلى
قان تىپى O

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لېف تولستويلېف تولستوي (1828-1910-يىللار) دۇنيادا تەڭداشسىز ئۇلۇغ يازغۇچى. «تولستوي ئەسەرلىرى» 90 توم، 10 مىليون خەتلىك، 19-ئەسىردىن ئىلگىرىكى ئىنسانلار ئىجاد قىلغان بارلىق ئەدەبىي ژانىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ سانى كۆپ، ژانىرى مول بولۇپ، ئەدەبىيات تارىخىدا كەم كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرى 19-ئەسىردىكى رۇسىيەنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ قامۇسى، ئۇ 1861-يىلىدىكى يانچىلىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىن 1905-يىلىغىچە رۇسىيە جەمئىيىتىدىكى بارلىق زىددىيەت ۋە غايەت زور ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنى خۇددى ئەينەكتەك چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈپ، ھەم ئىنقىلابىي دېھقانلارنىڭ كۈچى ۋە ھەيۋىسىنى ئىپادىلىگەن، ھەم دېھقانلارنىڭ ئاجىزلىقى ۋە چەكلىمىلىكىنى ئىپادىلىگەن. 

لېف تولستويتولستوي گراف ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، كېيىن گرافلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغان. 16 يېشىدا قازان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرق فاكۇلتېتىغا كىرىپ ئوقۇغان، كېيىن قانۇن فاكۇلتېتىغا ئالماشقان، فرانسىيەنىڭ مەرىپەتچىلىك ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىگە نارازى بولغان، مەكتەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن يېزىغا قايتىپ، ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا ئىگىدارچىلىق قىلغان، 1851-يىلى كافكازغا بېرىپ ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن ھەم ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. «بالىلىق»، «ئۆسمۈرلۈك»، «ياشلىق» ئۇنىڭ ياشلىق دەۋرىدىكى ئىدىيىۋى ئىزدىنىشىنىڭ يەكۈنى. 1856-يىلى ھەربىيلىكتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، رۇسىيە جەمئىيىتىنىڭ چىقىش يولىنى تېپىش ئۈچۈن ئىككى قېتىم ياۋروپانى ساياھەت قىلىپ، تەكشۈرگەن. بۇ مەزگىلدە «بىر پومېشچىكنىڭ ئەتىگەنلىكى»، «كازاك»، «ليۇسىن» قاتارلىق پوۋېست، ھېكايىلىرىنى يېزىپ، دېھقانلار بىلەن پومېشچىكلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ چىرىكلىكى، چۈشكۈنلۈكى ۋە كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ «مەدەنىيەت «ىنىڭ ئارقىسىدىكى پۇل، مەرتىۋىگە قۇللارچە چوقۇنۇشنى ئېچىپ بەرگەن ۋە تەنقىد قىلغان. 60-يىللاردا يانچىلىق تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئالدىدا ئۇ تارىخ بىلەن ئەخلاقنى تەتقىق قىلىش داۋامىدا ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ جاۋابىنى تاپماقچى بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، ھوقۇق تۇتۇۋاتقانلارنىڭ زالىملىقى ۋە خەلق تارتىۋاتقان ئازابلارنى تېخىمۇ كۆپ كۆرۈپ، پاترىئارخاللىق تۈزۈمىدىكى دېھقانلارنىڭ مەيدانىغا ئاشكارا بۇرۇلغان. ئۇ بىرتەرەپتىن، ئاقسۆڭەك بۇرژۇئازىيە جەمئىيىتىنى پاش قىلسا ۋە ئۇنىڭغا زەربە بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، «ئەخلاق جەھەتتە ئۆز-ئۆزىنى تەربىيىلەش»، «يامانلىققا زوراۋان كۈچ ئارقىلىق قارشى تۇرماسلىق» نى تەشۋىق قىلغان. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تاشلاپ، ئاددىي دېھقانلارغا ئوخشاش سۇ توشۇغان، يەر ئاغدۇرغان، كۆكتات تېرىغان، لېكىن ئايالىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. كېيىن، ئۇ ئائىلىسىدىن چىقىپ كېتىپ، بىر كىچىك ۋاگزالدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

تولستوينىڭ ئەسەرلىرى ئۇنىڭ بويى بىلەن تەڭ كېلىدۇ، «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق»، «ئاننا كارېنىنا» ۋە «تىرىلىش» تىن ئىبارەت ئۈچ رومانى ئەڭ داڭلىق. 

«ئۇرۇش ۋە تىنچلىق» تا 1812-يىلىدىكى رۇسىيەنىڭ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى مەركەز قىلىنىپ، بالكونىسكې، بوزوخوف، روستوف ۋە كوراگىندىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئاقسۆڭەك ئائىلىسىنىڭ ئۇرۇش ۋە تىنچلىق مەزگىللىرىدىكى تۇرمۇشى سۇژىت لىنىيەسى قىلىنىپ، 1805-يىلىدىن 1820-يىلىغىچە بولغان زور تارىخىي ۋەقەلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. رۇسىيە-ئاۋسترىيە بىرلەشمە قوشۇنىنىڭ فرانسىيە قوشۇنى بىلەن ئوسترىستىكى ئۇرۇشى، فرانسىيە قوشۇنىنىڭ روسىيىگە بېسىپ كىرىشى، بورودىنو جېڭى، موسكۋادىكى يانغىن، فرانسىيە قوشۇنىنىڭ تارمار بولۇپ چېكىنىشى قاتارلىقلار ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 20 يىل ئارىلىقىدىكى رۇسىيە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ كەڭ كارتىنىسى نامايان قىلىنغان، كوراگىن ۋەكىللىكىدىكى ئوردا ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئاچ كۆزلۈكى، ساختىپەزلىكى ۋە چۈشكۈنلۈكى رەھىمسىزلىك بىلەن قامچىلىنىپ، بالكونىسكې، بوزوخوف، روستوف قاتارلىق ئاقسۆڭەكلەرنىڭ خەلققە يېقىنلىشىپ، دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلاش روھى مەدھىيىلەنگەن. روماندا روسىيە خەلقىنىڭ ناپولېئوننىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى ئادالەتپەرۋەرلىكى ۋە خەلق ئۇرۇشىدىكى ھەل قىلغۇچ رولى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن شۇنداقلا نۇرغۇن ئىجتىمائىي، پەلسەپىۋى ۋە ئەخلاقىي مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. بۇ بۈيۈك ئەسەر «دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇلۇغ رومان» دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. 

ئاننا كارېنىنا«ئاننا كارېنىنا» دا ئاننا كارېنىنانىڭ تراگېدىيىسى ۋە لىۋىننىڭ كەچۈرمىشى ئارقىلىق، رۇسىيەنىڭ يانچىلىق تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىنكى ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئەخلاقىي جەھەتلەردىكى زىددىيەتلەر ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، يۇقىرى تەبىقە جەمئىيىتىنىڭ ساختىپەزلىكى ۋە رەھىمسىزلىكى پاش قىلىنىپ، كاپىتالىزمنىڭ يېزىلارغا بېسىپ كىرگەنلىكى، پومېشچىكلار ئىگىلىكىنىڭ گۇمران بولۇشقا يۈزلەنگەن مەنزىرىسى تەسۋىرلىنىدۇ. روماننىڭ رېئال تۇرمۇشنى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىشى، پېرسوناژلارنىڭ پسىخىكىلىق جەريانىنى مۇپەسسەل تەھلىل قىلىشى، شۇنىڭدەك مەنزىرىنى يېزىشتىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ماھارىتى شۇقەدەر يۇقىرىكى، «ياۋروپا ئەدەبىياتىدا ئۇنىڭ بىلەن تەڭلىشەلىگۈدەك شۇ خىلدىكى بىرمۇ ئەسەر يوق». 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#