ئاۋام كىنو يۈزگۈل مۇكاپاتى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يۈزگۈل مۇكاپاتى«يۈزگۈل مۇكاپاتى» جۇڭگودىكى ئاممىۋى خاراكتېرلىك كىنولارنى باھالاش-مۇكاپاتلاش پائالىيىتى بولۇپ، «ئاممىۋى كىنو» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر بۆلۈمى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان. مۇكاپات 1962 يىلى باشلانغان، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە نائىلاج ئۈزۈلۈپ قالغان،1980-يىلى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. شۇنىڭدىن بېرى ھەريىلى 5-ئايدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن.1981-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىللىق «يۈزگۈل مۇكاپاتى» بىلەن «ئالتۇن خوراز مۇكاپاتى» نىڭ مۇكاپاتلاش يىغىنى بىرلەشتۈرۈپ ئېچىلغانلىقتىن، «قوش مۇكاپاتلاش» يىغىنى دەپ ئاتالغان.
«يۈزگۈل مۇكاپاتى» دەسلەپتە يولغا قويۇلغان چاغلاردا، ئەڭ ياخشى سېنارىست، رېژىسسور، ئاكتيور، ئوپېراتور، ئۈن ئالغۇچى، گۈزەل سەنئەت خادىمى، كېسىپ ئۇلىغۇچى، كومپوزىتور، شۇنىڭدەك ھېكايە فىلىم، ھۆججەتلىك فىلىم، گۈزەل سەنئەت فىلىمى قاتارلىق تۈرلەر تەسىس قىلىنغانىدى. 1981-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن تۆتىنچى نۆۋەتلىكىدىن باشلاپ ئەڭ ياخشى ھېكايە فىلىم، ئەڭ ياخشى ئەر ئاكتيور، ئەڭ ياخشى ئايال ئاكتيوردىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك مۇكاپات تەسىس قىلىنغان؛ 1983-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئالتىنچى نۆۋەتلىكىدە ئۇلارغا ئەڭ ياخشى ئەر قوشۇمچە رول، ئەڭ ياخشى ئايال قوشۇمچە رول دېگەن مۇكاپات تۈرى قوشۇلدى؛ 1988 - يىلى1 -ئاينىڭ22 -كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 10 نۆۋەتلىك «يۈزلۈك مۇكاپاتى» دا، يەنە ئىككى تۈردىكى ئالاھىدە مۇكاپات تەسىس قىلىندى.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.