رەيھان
رەيھان بولسا ئۆسۈملۈك رەيھاننىڭ پۈتۈن چۆپى بۇلۇپ ھىيـىـزنـى راۋان قىلىـش، كـۆڭۈلـگە خـۇشلـۇق يەتـكـۈزۈش قاتارلىـق خۇسۇسىيىتى بار.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
رەيھان بولسا كالپوكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك رەيھاننىڭ پۈتۈن چۆپى بۇلۇپ ، ئۆسۈملۈكنىڭ غولى تىك تۆت چاسا بولۇپ ئىككى تەرەپكە تەڭلا شاخلايدۇ. يوپۇرمىقى تۇخۇمسىمان شەكىلدە بولۇپ ئۇچى ئۇچلۇق. گۈل تاجىسى بولسا ئىككى كالپۇك شەكىللىك،ئاق يـاكـى سۇس قـىـزىـل رەڭلـىـك بولـىـدۇ. ھەـممـە قىسـمـى خۇشپـۇراق پـۇرايدۇ ئادەتتە سۆسۈنگە مايىل يېشىل رەڭدە كېلىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق كەيپىياتنى، غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلتنى تەڭشەش، يۈرەكنى، ئاشـقـازاننـى قـۇۋۋەتلـەش، توسالغۇلارنـى ئېچىـش، يەلـلـەرنـى تارقىتىش، قانـنىـڭ قويـۇقـلۇقىنـى تەڭشــەش. چىـرىشـكە قارشـى تۇرۇش، يۇمشۇتـۇش، سۈيدۈكـنى راۋان قىلىـش، يۆتـەل توختـىتـىش، ئاغـرىق پەسەيتىش، ئىششىق تارقىتىش، قىزىتما قايتـۇرۇش، ھىيـىـزنـى راۋان قىلىـش، كـۆڭۈلـگە خـۇشلـۇق يەتـكـۈزۈش
قاتارلىـق خۇسۇسىيىتى بار
پۈتۈن چۆپىدە %0.12 - %0.04 كىچە ئۇچۇچان ماي بار. ياغنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئوسىمېن(Osimen ) لىنالول (Linalol)، كېرانئول (Geraniol)، قەلەمپۇر مايلىق فىنولى، ئىۋگېنول (Eugenol)، ئىۋگېنول مېتىل ئېتىر(Eugenol methyl ether) ،ئانيتول (Anet hole) قاتارلىقلار بار
1. رەھيان ئوستـى ــ قـۇددۇس، بادىـرەنجـى ــ بـۇيا، گاۋزىبـان، قاتارلـىـقلاردىن ھەربىرسىدىن10 گرامدىن ئېلىپ قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلاپ ئىچسە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەپ كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزىدۇ.
2. رەيھان يوپۇرمىقىنى پۇرىسا كۆڭۈل ئېلىشىشنى يوق قىلىدۇ.
3. رەيھان يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىنى قۇلاققا تىمىتسا قۇلاق ئاغرىقىنى توختىتىدۇ. ئىششىقلارنى تارقىتىدۇ.
4. رەيھاننىڭ يوپۇرماقلىرىنى سىقىپ قاينىتىپ ئىچسە چوڭ تەرەتنى، ھېيىزنى سۈيدۈكنى راۋان قىلىدۇ. ئاشقازان تۆۋەنلەش، يۈرەك قوزغۇلۇشلارنى ياخشىلايدۇ.
5. يېڭى رەيھاننى قاينىتىپ شىكەر قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، دەم سىقىلىش ، يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
6. رەيھاندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ ئېغىزنى غار – غار قىلسا ئېغىز يارىسىنى يوق قىلىدۇ.
شەربىتى رەيھان، سفونى، رەيھان
كېسەللىك مىسالى
يۈرەك ئاجىزلىقى، يۈرەك تىترەش، زۇكام، يۆتەل، ئىچى سۈرۈش، سۇيدۈك ھېيىز راۋان بولماسلىق، ئاشقازان ئاجىزلىقى، لەقۋا، پالەچ، بوغۇم ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.