چۇەنجۇ شەھىرى
چۇەنجۇ فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى، جىنجاڭ دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چۇەنجۇچۇەنجۇ فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى، جىنجاڭ دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان. 1087-يىلى(شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى يۈەنيۇنىڭ2-يىلى) بۇ يەردە سودا كېمىلىرىنى باشقۇرۇش مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان؛ جەنۇبىي سۇڭ ۋە يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە گۇاڭجۇ بىلەن بىللە ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى تاشقى سودا پورتىنىڭ بىرى بولغان. ئۇ مەشھۇر مۇھاجىرلار يۇرتى، ئۇ يەردە قەدىمكى دەۋرلەردىكى تاشقى سودىغا ئائىت نۇرغۇن تارىخىي ئىزلار ۋە ئاسارئەتىقىلەر ساقلانغان.
چۇەنجۇجەنۇبىي سۇڭ ۋە يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە گۇاڭجۇ بىلەن بىللە ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى تاشقى سودا پورتىنىڭ بىرى بولغان. ئۇ مەشھۇر مۇھاجىرلار يۇرتى، ئۇ يەردە قەدىمكى دەۋرلەردىكى تاشقى سودىغا ئائىت نۇرغۇن تارىخىي ئىزلار ۋە ئاسارئەتىقىلەر ساقلانغان. نۇقتىلىق ئاسارئەتىقىلەردىن: چىڭجىڭ مەسچىتى، ئەنپىڭ كۆۋرۈكى(ۋۇلىچياۋ) ، كەييۈەن ئىبادەتخانىسى بار. بۇلاردىن باشقا، لوياڭ كۆۋرۈكى، جيۇرېشەن تېغى قىيا تاش ئويمىسى، چىڭيۈەن تېغى قاتارلىقلار بار.
چۇەنجۇ بولسا جەنۇبى فۇجىيەن مەدەنىيىتى تارالغان جاي.ھەمدە جەنۇبىي فۇجيەن.
مەدەنىيەت ئېكولوگىيىسىنى قوغداش تەجرىبە رايونى ،دۇنيا فۇجىيەن مەدەنىيەت ئېكولوگىيە ھەپتىسىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزدى،2013-يىلى چۇەنجۇ باش بۇلۇپ ‹‹شەرقىي ئاسىيا مەدەنىيەت ئاستانىسى ››نى تاللاش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى.88.92نومۇر بىلەن چۇەنجۇ جۇڭگودىكى ‹‹شەرقىي ئاسىيا مەدەنىيەت ئاستانىسى ››بۇلۇپ
تاللاندى
چۇەنجۇ700نەچچە يىللار ئىلگىرى ماركوپولو تەرپىدىن ‹‹نۇر شەھىرى››دەپ ئاتالغان بۇشەھەرنىڭ 400يىلدىن ئارتۇق شانلىق تارىخى بار.داڭلىق
ساياھەت رايۇنلىرىدىن:تۇمېن كوچىسى،چۇەنجۇ شەرىقى كۆل باغچىسى،ئەنپىڭ كۆۋرۈكى، سېيتس بۇرۇنقى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيى،كۇڭزى ئىبادەت
خانىسى،كەييۇەن ئىبادەتخانىسى،چوڭ ۋۇ قەدىمى شەھىرى،لوياڭ كۆۋرۈكى، سۈزۈك تاش ،چىڭ يۇەن تېغى، چۈەنجۇ تيەنخۇ ئىبادەتخانىسى
غەرىبى كۆل باغچىسى،قاتارلىقلار...........
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.