سامۇناي ئۇرۇشى

سامۇناي ئۇرۇشى

سامۇناي ئۇرۇشى رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتتۇرا ئىتالىيەنى بويسۇندۇرۇش يولىدىكى ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشتۇر.

نامى سامۇناي ئۇرۇشى
ۋاقتى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 343-يىلى __ 290-يىلى
ئۇرۇشقا قاتناشقۇچىلار رىم، ئىتالىيە
نەتىجىسى سامۇنايلار تەسلىم بولغان ۋە رىم ئىتتىپاقىغا كىرگەن

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سامۇناي ئۇرۇشىمىلادىيەدىن ئىلگىركى 6-ئەسىردە رىملىقلار تەسىر كۈچىنى شىمالدىن جەنۇپقا كېڭەيتىپ، ئىتالىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغىچە سوزۇلۇپ، بارا-بارا سامۇنايلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى. سامۇنايلار ئاپىننىن تاغلىق رايۇنىدا ياشايدىغان كۈچلۈك قەبىلە ئىدى. ئۇلار ياخشى يايلاق تېپىش، تالان-تاراج قىلىپ ئولجا ئېلىش ئۈچۈن قوشنا رايۇنلارغا دائىم كۆچۈپ باراتتى ھەمدە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ تۇراتتى. غەربى جەنۇبتىكى باي كامبانىيە ئۇلار ئۈچۈن تازا باب كېلىدىغان ھۇجۇم نىشانى ئىدى. بىراق، بۇ يەرگە رىم قۇلدارلىرىمۇ ئىزچىل تۈرىدە چىشىنى بىلەپ كەلگەنىدى.

1-قېتىملىق سامۇناي ئۇرۇشى

مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 343-يىلى سامۇنايلار كامبانىيىگە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، رىم كامبانىيە بىزدىن ياردەم تەلەپ قىلدى، دېگەن باھانە بىلەن ئەسكەر چىقاردى، 1-قېتىملىق سامۇناي ئۇرۇشى پارتىلىدى. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 342-يىلى رىملىقلار چېكتۇرۇستا غەلىبە قازانغان بولسىمۇ، بىراق ئېغىر چىقىم تارتتى. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 341-يىلى ئىككى تەرەپ تىنچلىق شەىرتنامىسى ئىمزالاپ رىملىقلار كاپۇيا ۋە كامبانىيىنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئىشغال قىلدى، سامۇنايلارمۇ تېنئامدا ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تىكلىدى. 

2-قېتىملىق سامۇناي ئۇرۇشى

مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 327-يىلى رىملىقلار كاپۇيانىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز بويى شەھىرى نېئاپولنى قورشاۋغا ئالدى. بۇ ھال 2-قېتىملىق سامۇناي ئۇرۇشىغا تۇترۇق بولۇپ بەردى. دەسلەپتە رىملىقلار تۈزلەڭلىك رايۇنلاردا ئارقا-ئارقىدىن غەلىبە قازانغانىدى. بىراق، مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 321-يىلى سامۇنايلار كافوكىيە جىلغىسىدا رىملىقلارغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يۇشۇرۇن زەربە بېرىپ، 50 مىڭ كىشىلىك رىم قوشۇنىنى قورال تاشلاپ تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلدى. سامۇناي سەردارلىرى كىتىئاسنىڭ ئالدىدا بارلىق رىم ئەسىرلىرى «بويۇنتۇرۇقتىن ئۆتتى» (يەنى ئىككى نەيزە يەرگە سانقىپ تۇرغۇزۇلۇپ، بىر نەيزە ئۈستىگە توغرىسىغا توختىتىپ قويۇلۇپ، ئەسىرلەر بۇنىڭ تېگىدىن بىر-بىرلەپ ئۆتكەن). ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ تەكەببۇر رىملىقلارنىڭ باشقىلارنى ھاقارەت قىلىپ قوللىنىدىغان ئۇسۇلى ئىكەن. سامۇنايلار ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن بابلىغانىغان. 

3-قېتىملىق سامۇناي ئۇرۇشى

بۇ ئېغىر ھاقارەتنى يۈرىكىدە چىڭ ساقلىغان رىملىقلار ئۆز قوشۇنىنى رەتكە سېلىپ، تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 314-يىلى بۇرۇن تارلاجرو جېڭىدە ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىۋېلىپ، سامۇنايلارنى كامبانىيىدىن ھەيدەپ چىقاردى. بىراق، سامۇنايلار بۇنىڭغا تەن بەرمىدى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇلار يەنە ئىتتىپاقداش قوشۇن تەشكىللەپ، رىمنىڭ ئالدىنقى قاراۋۇل ئىستىكامىغا ھۇجۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 289-يىلى 3-قېتىملىق سامۇناي ئۇرۇشى باشلاندى. سامۇنايلار ئۈچ يىلدىن كېيىن ئېسلولار، كېلىتلەرنىڭ ياردىمىدە ساسفراتودا رىم قوشۇنى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلدى، جەڭدە رىملىقلار غەلىبە قىلدى. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 293-يىلى سامۇنايلار ئاكۇيلونىيىدىكى ئۇرۇشتا يەنە مەغلۇپ بولدى. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 290-يىلى سامۇنايلار تەسلىم بولۇپ، زېمىنىنى بۆلۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى ۋە رىم ئىتتىپاقىغا كىردى.

3-قېتىملىق سامۇناي ئۇرۇشىدىن كېيىن رىم ئىتالىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتتى، بۇ رىم ھۆكۈمرانلىقىنى ئورنىتىش يولىدىكى مۇھىم بىر قەدەم بولۇپ قالدى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#